Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەي خەلقلەر، يېقىنراق كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئادەملەر، دىققەت قىلىڭلار! زېمىن ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل خەلق ئاڭلىسۇن. پۈتكۈل جاھان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ھاياتلىق ئاڭلىسۇن.

[2] پەرۋەردىگار بارلىق خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىغا غەزەپلەندى، ئۇ ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.

[3] ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى سېسىپ كېتىدۇ، تاغلار ئۇلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىلىدۇ.

[4] ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئاسمان يۆگىلىپ قالىدۇ. خۇددى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى يەرگە چۈشكەندەك، دەرەختىكى ئەنجۈر يەرگە چۈشكەندەك، يۇلتۇزلار چۈشۈپ كېتىدۇ.

[5] پەرۋەردىگار: «مېنىڭ قىلىچىم ئاسماندىكى سوراقنى تۈگىتىپ، ئاندىن، مەن تەلتۆكۈس يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدومغا چۈشىدۇ» دېدى.

[6] پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى خۇددى قوزا، ئۆچكە ۋە قوچقارنى قۇربانلىق قىلغاندەك، قان ۋە گۆشكە مېلىنىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار بوزرا شەھىرىدە قۇربانلىق قىلىدۇ، ئىدومدا چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ،

[7] ياۋا كالىلار ئۇلار بىلەن بىللە قىرغىن قىلىنىدۇ، موزايلىرىمۇ بۇقىلار بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا بويىلىدۇ، تۇپرىقى گۆشلەرنىڭ يېغىغا تولۇپ كېتىدۇ.

[8] پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈننى بېكىتتى، بۇ سىئون تېغى ئۈچۈن ئېلىنغان ئىنتىقام.

[9] ئىدومنىڭ ئېقىنلىرى قارا مايغا تولىدۇ، ئۇنىڭ تۇپرىقى كۆيۈۋاتقان قوقاسقا، ئۇنىڭ زېمىنى يالقۇنلاۋاتقان قارا مايغا ئايلىنىدۇ.

[10] كېچە-كۈندۈز توختىماي كۆيىدۇ. ئۇنىڭدىن تارقىغان ئىسلار ئۈزۈلمەيدۇ. ئىدوم ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە قاقاسلىق بولىدۇ. ئۇ يەرگە ھېچكىم قايتا قەدەم باسمايدۇ.

[11] چۆل قۇشلىرى ۋە كىرپىلەر ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىدۇ. قاغا-قۇزغۇنلار ئۇ يەرلەرنى ماكان قىلىدۇ. پەرۋەردىگار تانا تارتىپ ئۆلچەپ، ئۇ يەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

[12] بۇ يەرگە پادىشاھلىق قىلغۇدەك بىرەر ئېسىلزادە ئادەم چىقمايدۇ، ئۇ يەرنىڭ شاھزادىلىرىنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ.

[13] ئوردىلارنى تىكەن بېسىپ كېتىدۇ. قورغانلارنى چاققاق ۋە ئازغان قاپلاپ كېتىدۇ. بۇ خارابىلىكلەر چىلبۆرىلەر ۋە مۆشۈكياپىلاقلارنىڭ ماكانى بولىدۇ.

[14] بۇ يەردە چۆل ھايۋانلىرى، ۋەھشىي ياۋايى ئىتلار تېنىشىپ يۈرىدۇ، ياۋا ئۆچكىلەر خارابىلىكتە مەرەپ يۈرۈشىدۇ، تۈن قۇشلىرى بۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ.

[15] مۈشۈكياپىلاقلار ئۇۋىلاپ، تۇخۇملايدۇ. ئۇ تۇخۇملاپ بالىلىرىنى چىقىرىدۇ. تاپ يېگۈچى قۇشلار جۈپ-جۈپى بىلەن بۇ يەرگە كېلىدۇ.

[16] پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى يېزىلغان يازمىلارغا قاراڭلار! ئاشۇ ھايۋانلارنىڭ بارلىقى بۇ يەردە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۈپ-جۈپى بىلەن كېلىدۇ. ئۇ بۇيرۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ يەرگە يىغىدۇ.

[17] پەرۋەردىگار زېمىننى ئاشۇلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ، ئۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇ زېمىننى مەڭگۈلۈك ئىگىلەيدۇ، ئۇلار بۇ يەردە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ياشايدۇ.

يەشايا — Chapters