[1] چۆل-جەزىرىلەر شادلىققا چۆمىدۇ. قاقاسلىقلار خۇشاللىققا چۆمۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.
[2] ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ! چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك ياپيېشىللىققا پۈركىنىدۇ. ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
[3] تالغان قوللارغا مەدەت بېرىڭلار، جانسىز تىزلارغا كۈچ بېرىڭلار.
[4] قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرگە مۇنداق دەڭلار: «جاسارەتلىك بولۇڭلار، قورقماڭلار. قاراڭلار، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى جازالايدۇ. ئۇ، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئۇ كېلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ.»
[5] ئۇ چاغدا ئەمالارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ، گاسلارنىڭ قۇلاقلىرى ئاڭلايدۇ.
[6] ئاقساقلار بۇغىلاردەك تاقلاپ يۈرىدۇ، گاچىلار خۇشاللىقتىن ۋارقىرايدۇ. سۇلار چۆللەرگە ئېقىپ كىرىدۇ. دەريالار قۇملۇقلارغا ئاقىدۇ.
[7] قىزىق قۇملۇقلاردا كۆللەر پەيدا بولىدۇ. قاغجىراپ كەتكەن تۇپراقتىن بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇرۇن چىلبۆرىلەر ياشىغان يەرلەردە قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ چىقىدۇ.
[8] زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.
[9] بۇ يولدا شىرلار ۋە قورقۇنچلۇق ھايۋانلار يوق. ئۇلارنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەرلا بو يولدا ماڭالايدۇ.
[10] پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى ئۆز بېشىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.