Skip to content
Opens in a new window

[1] خۇدايىڭلار مۇنداق دەيدۇ: «تەسەللى بەر، خەلقىمگە تەسەللى بەر!

[2] يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»

[3] غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ، مۇنداق دەپ جاكارلىدى: «پەرۋەردىگارغا چۆللۈكتە يول ئېچىڭلار! خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇملۇقتا بىر تۈپتۈز يول ياساڭلار!

[4] ھەربىر جىلغا تولدۇرۇلسۇن. بارلىق تاغ-ئېدىرلار تۈزلەنسۇن. ئويمان-چوڭقۇرلار تىندۇرۇلسۇن، كاتاڭلار ئوڭشالسۇن.

[5] پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئايان بولىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى پۈتۈن جاھان كۆرىدۇ، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.»

[6] غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ: «جاكارلا!» دېدى. مەن: «نېمە دەپ جاكارلايمەن؟» دەپ سورىدىم. «پۈتكۈل ئىنسانلار گۇيا ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ شان-شۆھرىتى دالادىكى گۈل-چېچەكلەردەك توزۇپ كېتىدۇ.

[7] پەرۋەردىگار بىرلا پۈۋلىسە، ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلەر سولىشىپ خازان بولىدۇ، ئىنسانلار خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش.

[8] ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلەر سولىشىپ خازان بولىدۇ. پەقەت خۇدايىمىزنىڭ سۆزلىرىلا ئەبەدىي قالىدۇ.»

[9] ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى سىئون خەلقى، تاغقا چىققىن! ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى يېرۇسالېم، ئۈنلۈك ئاۋازدا قورقماي ۋارقىراپ، يەھۇدىيەنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا: «قاراڭلار، بۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار!» دېگىن.

[10] قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك قولى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، قاراڭلار، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كەلمەكتە.

[11] پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ، ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.

[12] كىم دېڭىز سۈيىنى قولى بىلەن ئوچۇملاپ ئۆلچىيەلەيدۇ؟ كىم ئاسماننى قولى بىلەن غېرىچلاپ ئۆلچىيەلەيدۇ؟ كىم زېمىننىڭ چاڭ-توزانلىرىنى سېۋەتكە قاچىلىيالايدۇ؟ كىم تاغلارنى ۋە دۆڭلەرنى تارازىدا تارتالايدۇ؟

[13] كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارغا مەسلىھەت كۆرسىتەلەيدۇ؟

[14] پەرۋەردىگار كىمدىن يوليورۇق سورايدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ئادالەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگىتەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا پاراسەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟

[15] قاراڭلار، ھەرقايسى ئەللەر چېلەكتىكى بىر تامچە سۇغا ئوخشايدۇ. ئۇلار تارازىدىكى چاڭ-توزانغا ئوخشايدۇ. پەرۋەردىگار ئاراللارنى خۇددى چاڭ-توزاننى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەلەيدۇ.

[16] لىۋاننىڭ ئورمانلىقىدىكى بارلىق دەرەخلەرمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوتۇن قىلىشقا يەتمەيدۇ. لىۋاننىڭ ئورمانلىقىدىكى بارلىق ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشقا يەتمەيدۇ.

[17] يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇپقۇرۇق بىر بوشلۇقتىن ئىبارەت.

[18] سىلەر كىمنى خۇدا بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر؟ سىلەر قايسىبىر شەيئىنىڭ قىياپىتىنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالايسىلەر؟

[19] بۇتنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالامسىلەر؟ بۇتنى قۇيمىچى قۇيۇپ چىققان، زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ھەل بېرىپ، كۈمۈش زەنجىرلەر بىلەن بېزىگەن.

[20] بۇنداق بۇتنى سېتىۋالالمىغان كىشى چىداملىق ياغاچنى تاللاپ، ئويمىكار ئۇستامنى ئىزدەپ، تىك تۇرالايدىغان بۇتنى ياسايدۇ.

[21] ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ سىلەرگە باشتىلا دەپ بېرىلمىگەنمۇ؟ ئەجەبا سىلەر زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟

[22] پەرۋەردىگار ئاسمان گۇمبىزىنىڭ ئۈستىدە ئۆز تەختىدە ئولتۇرىدۇ، زېمىندىكى ئادەملەر خۇددى چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئاسماننى خۇددى پەردىدەك يېيىپ، ئۇنى ماكان قىلىش ئۈچۈن چېدىرغا ئوخشاش قۇرغان.

[23] ئۇ ھۆكۈمدارلارنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ھۆكۈمرانلارنى كېرەكسىز قىلىپ قويىدۇ.

[24] ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى خۇددى ئەمدىلا تىكىلگەندەك، خۇددى ئەمدىلا تېرىلغاندەك، ئەمدىلا ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك، پەرۋەردىگار بىرلا پۈۋلىسە قۇرۇپ كېتىدۇ. بوران ئۇلارنى خۇددى پاخالدەك ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.

[25] مۇقەددەس خۇدا: «سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر، كىم مەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟» دەپ سورايدۇ.

[26] سىلەر ئاسمانغا قاراڭلار، بۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟ كىم بارلىق يۇلتۇزلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرىپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يېتەكلەپ چىققاندۇ؟ پەرۋەردىگار غايەت كۈچلۈك، چەكسىز قۇدرەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ كەم قالمايدۇ.

[27] ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى! سىلەر نېمە ئۈچۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ مۇشەققەتلىرىمىزنى كۆرمەيۋاتىدۇ» دەپ ئويلايسىلەر؟ ئەي ئىسرائىللار! سىلەر نېمە ئۈچۈن «پەرۋەردىگار بىزگە ئادىل بولمىدى» دەيسىلەر؟

[28] ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك خۇدادۇر، ئۇ پۈتۈن جاھاننى ياراتقان، ھېچقاچان چارچاپ، ھېرىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ پاراسىتىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.

[29] ئۇ چارچىغان كىشىلەرگە مادار بېرىدۇ، ئاجىزلارغا كۈچ بېرىدۇ.

[30] ياشلارمۇ چارچايدۇ، ھېرىپ قالىدۇ، ھەتتا يىگىتلەرمۇ مادارىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ.

[31] ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.

يەشايا — Chapters