Skip to content
Opens in a new window

[1] ئادالەتسىز قانۇنلارنى تۈزگۈچىلەرنىڭ، ناھەق تۈزۈملەرنى چىقارغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

[2] ئۇلار نامراتلاردىن ئادالەتنى تارتىۋالدى. خەلقىم ئارىسىدىكى ئاجىزلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى، ئۇلار تۇل خوتۇن ۋە يېتىم بالىلارنى بۇلىدى.

[3] سىلەرنى جازالايدىغان كۈن كەلگەندە، يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلارسىلەر؟ كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟ يىغقان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويارسىلەر؟

[4] ئۇ چاغدا سىلەرنىڭمۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق، ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.

[5] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئاسسۇرلار، سىلەر قەھرىمنىڭ كالتىكى، غەزىپىمنىڭ ھاسىسىدۇرسىلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!

[6] مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.

[7] ئەمما ئاسسۇر پادىشاھى مېنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ، ئۇ كۆڭلىدىمۇ بۇنداق ئويلىمايدۇ. ئۇ پەقەت باشقا خەلقلەرنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ، ئۇ پەقەت باشقا ئەللەرنى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدۇ.

[8] ئۇ: ‹مېنىڭ بارلىق سەركەردىلىرىم پادىشاھتەك قۇدرەتلىكقۇ؟!

[9] بىز كالنو شەھىرىنى خۇددى كاركىمىش شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز خامات شەھىرىنى خۇددى ئارپاد شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز يەنە سامارىيە شەھىرىنى خۇددى دەمەشق شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟!

[10] مېنىڭ قۇدرىتىم، بۇتلار قاپلاپ كەتكەن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى، ئۇلارنىڭ ئويما بۇتلىرى يېرۇسالېم بىلەن سامارىيەنىڭ بۇتلىرىدىن ئۇلۇغ ئىدى.

[11] مەن خۇددى سامارىيە شەھىرىنى ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ مەغلۇپ قىلغاندەك، مەن يېرۇسالېمنىمۇ ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ مەغلۇپ قىلىمەن› دەپ ئويلايدۇ.»

[12] پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمنى جازالاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى ئۇنىڭ ماختانچاقلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن جازالايدۇ.

[13] پادىشاھ ماختىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆز قۇدرىتىم بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلدىم، ئۆز ئەقلىم بىلەن بۇ ئىشلارنى پىلانلىدىم، مەن شۇنداق ئەقىللىقتۇرمەن! دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پاسىللارنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى تارتىۋالدىم. مەن خۇددى غايەت كۈچلۈك پالۋانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ تەختتىكى پادىشاھلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدىم.

[14] مەن خۇددى قۇش چاڭگىسى تېپىۋالغاندەك، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىنى تاپتىم. خۇددى چاڭگىدىكى تۇخۇملارنى ئالغاندەك، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىۋېلىش شۇنداق بولدى. ھېچبىر قۇش ماڭا قارشى قانات قاقالمىدى، ئاغزى ئوچۇق بولسىمۇ ئاۋاز چىقىرالمىدى.»

[15] لېكىن پالتا قانداقمۇ ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىگە «مەن سەندىن كۈچلۈك» دەپ ماختانسۇن؟! ھەرە قانداقمۇ ئۆزىنى «مەن ئىشلەتكۈچىدىن مۇھىم» دەپ ئويلىسۇن؟! توقماق ئۆزىنى تۇتقۇچىنى قانداقمۇ پۇلاڭلىتالىسۇن؟! ھاسا قانداقمۇ بىر ئادەمنى كۆتۈرەلىسۇن؟!

[16] شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاسسۇرلارغا ئۇلارنىڭ پالۋانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كېسەل ئەۋەتىدۇ، ئاسسۇرلارنىڭ شۆھرىتىنى لاۋىلداۋاتقان ئوت يالقۇنى يالماپ كېتىدۇ.

[17] ئىسرائىللارنىڭ نۇرى بولغان پەرۋەردىگار ئوتقا ئايلىنىدۇ، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا يالقۇنغا ئايلىنىدۇ، ئاسسۇردىن ئىبارەت بۇ تىكەن ۋە ئازغانلار بىر كۈندىلا كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ.

[18] ئاسسۇرلارنىڭ قويۇق ئورمانلىقى ۋە مۇنبەت ئېتىزلىرى تۈگىشىدۇ، خۇددى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىدەك بولۇپ قالىدۇ.

[19] ئۇلارنىڭ ئورمانلىقىدا دەرەخلەر شۇنچىلىك ئاز قالىدۇكى، ھەتتا بىر كىچىك بالىمۇ ئۇلارنى سانىيالايدۇ.

[20] شۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ قالغان ئاز بىر قىسمى، يەنى ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى مەغلۇپ قىلماقچى بولغان ئاسسۇرلارغا تايانماي، ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تاپشۇرىدۇ.

[21] مۇشۇ ئاز بىر قىسىم ئىسرائىللارلا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنداق، ياقۇپنىڭ بۇ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى قۇدرەتلىك خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ كېلىدۇ.

[22] ئەي ئىسرائىللار! سىلەرنىڭ خەلقىڭلار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئاز بىر قىسمىڭلارلا يۇرتىڭلارغا قايتالايسىلەر. سىلەرنىڭ گۇمران بولۇشۇڭلارنى خۇدا ئاللىقاچان قارار قىلغان، مانا بۇ ئادىللىقتۇر.

[23] شۇنداق، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار پۈتكۈل زېمىننى ئۆزىنىڭ ئالدىن قىلغان قارارى بويىچە گۇمران قىلىۋېتىدۇ.

[24] شۇڭا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئوندا ياشاۋاتقان خەلقىم، ئاسسۇرلارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئوخشاش سىلەرنى كالتەك ۋە قامچا بىلەن ئۇرغىنىدىن قورقۇپ كەتمەڭلار.

[25] ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ، شۇ چاغدا مەن ئاسسۇرلارغا غەزەپ ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىمەن.

[26] مەنكى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، خۇددى مىديانلارنى ‹ئورېب قورام تېشى› دا قامچام بىلەن قاتتىق ساۋىغاندەك ساۋايمەن. ھاسامنى خۇددى سىلەر مىسىردىن چىققاندا دېڭىزدىن قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگەندە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىمەن.

[27] شۇ كۈنى كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئاسسۇرلارنىڭ زۇلمىدىن ئازاد قىلىمەن. بوينۇڭلارغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقلار چېقىپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى سىلەر كۈچكە تولدۇڭلار.»

[28] ئاسسۇرلار ئاييات شەھىرىگە كېلىدۇ، مىگرون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، مىكماس شەھىرىدە لەشكىرىي لازىمەتلىكلىرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ،

[29] ئۇلار تاغ داۋىنىدىن ئۆتۈپ، گەبا شەھىرىدە قونىدۇ. راماھ شەھىرىنىڭ خەلقى قورقۇشۇپ، تىترەپ كېتىدۇ، پادىشاھ سائۇلنىڭ گېبئاھ شەھىرىدىكى خەلقمۇ قېچىپ كېتىدۇ.

[30] ئەي، گاللىم شەھىرىنىڭ خەلقى، ياردەم چاقىرىڭلار! لايشاھ شەھىرىدىكىلەر، سىلەرمۇ ئاڭلاڭلار، ئەي، بىچارە ئاناتوت شەھىرىدىكىلەر،

[31] مادمېنا شەھىرىدىكى خەلقلەر قاچىدۇ، گېبىم شەھىرىدىكىلەر قېچىپ پاناھلىنىدۇ.

[32] بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ.

[33] قارا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن شاخلارنى قىرقىپ تاشلايدۇ! ئېگىز دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلايدۇ، ھاكاۋۇر ئاسسۇرلار يەرگە يىقىتىلىدۇ.

[34] پەرۋەردىگار ئۇلارنى، خۇددى لىۋاننىڭ ئېگىز دەرەخلىرىنى يىقىتىپ تاشلىغاندەك، يىقىتىپ تاشلايدۇ، ئورمانلىقتىكى دەرەخلەرنى چاپقاندەك، پالتا بىلەن چېپىپ تاشلايدۇ.

يەشايا — Chapters