Skip to content
Opens in a new window

[1] قاراڭلار! كەلگۈسىدە بىر پادىشاھ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى ئادالەت بىلەن يۇرت سورايدۇ.

[2] ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا، جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ. ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ. قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ.

[3] شۇنىڭدىن باشلاپ كۆزلەر كۆرىدىغان بولىدۇ، قۇلاقلار ئوچۇق ئاڭلايدىغان بولىدۇ.

[4] ئالدىراقسانلار چۈشىنىشكە باشلايدۇ، كېكەچلەر راۋان ۋە ئوچۇق سۆزلەيدىغان بولىدۇ.

[5] ئەخمەقلەر «ئالىيجاناب» دەپ ئىززەتلەنمەيدىغان بولىدۇ. مەككارلار ئىززەت-ھۆرمەتلىك بولالمايدۇ.

[6] ئەخمەقلەر ئەخمەقلەرچە سۆزلەپ، رەزىل پىلانلارنى تۈزىدۇ، ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار توغرىسىدا خاتا تەلىملەرنى تارقىتىدۇ، ئۇلار ئاچ قالغانلارنى تائامسىز، ئۇسسۇغانلارنى سۇسىز قويىدۇ.

[7] مەككارلارنىڭ ئۇسۇللىرى رەزىلدۇر. يوقسۇللارنىڭ تەلەپلىرى توغرا بولسىمۇ، ئۇلار ھىيلە-مىكىرلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، يوقسۇللارنى يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.

[8] ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ. ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ.

[9] كېلىڭلار، ئەي غەمدىن خالىي ئاياللار، مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار. تۇرمۇشى خاتىرجەم خېنىملار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار.

[10] غەمسىز يۈرۈۋاتقان سىلەرگە بىر يىلدىن كېيىن قورقۇنچ كېلىدۇ. ئۈزۈم تەكلىرىدىن ھوسۇل چىقمايدۇ، باشقا مېۋىلەردىنمۇ ھوسۇل ئالالمايسىلەر.

[11] قورقۇنچتىن تىترەڭلار غەمسىز خېنىملار، ۋەھىمىدىن شۈركىنىپ كېتىڭلار خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلار. ئېسىل كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ، ئۈستۈڭلەرگە ماتەملىك كىيىم كىيىپ، قايغۇرۇڭلار!

[12] بۇرۇن باياشات بولغان ئېتىزلار ۋە مول ھوسۇللۇق ئۈزۈملۈكلەر ئۈچۈن مەيدەڭلەرگە ئۇرۇپ يىغلاڭلار.

[13] سىلەرنىڭ ئېتىزلىرىڭلارنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ. سىلەرنىڭ شاد-خۇرام ئائىلەڭلار ۋە كۆڭۈللۈك شەھىرىڭلار يوق بولىدۇ.

[14] ئوردىلار تاشلىنىپ قالىدۇ. شاۋقۇنلۇق شەھەرلەر قاقاسلىشىدۇ. قورغان ۋە مۇنارلار ئادەمسىز، قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەر ياۋا ئېشەكلەرنىڭ يايرايدىغان، قويلارنىڭ ئوتلايدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ.

[15] بۇ ئەھۋال خۇدا ئۆز روھىنى ئەرشتىن بىزگە چۈشۈرگۈچە داۋاملىشىدۇ. ئۇ چاغ كەلگەندە قاقاسلىقلار مۇنبەت زېمىنغا ئايلىنىدۇ. بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.

[16] ھەققانىيەت مۇنبەت زېمىندا ھۆكۈم سۈرىدۇ، ھەتتا چۆللۈكتىمۇ ئادالەت ماكانلىشىدۇ.

[17] ھەققانىيەتنىڭ نەتىجىسى تىنچلىق بولىدۇ، ئۇ مەڭگۈ خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ.

[18] مېنىڭ خەلقىم تىنچ زېمىندا ياشايدۇ، بىخەتەر ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، تىنچ جايلاردا ئارام ئالىدۇ.

[19] مەيلى مۆلدۈرلەر ئورمانلارنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن ياكى شەھەرلەرنى يوق قىلىۋەتسۇن،

[20] سىلەرگە يەنىلا بەخت ھەمراھ بولىدۇ. ئېرىق بويلىرىغا ئۇرۇق چاچىسىلەر، كالا ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئەركىن ئوتلاشقا قويۇپ بېرىسىلەر.

يەشايا — Chapters