[1] قاراڭلار، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنى ئۇلار تايىنىپ كەلگەن ھەممە نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، يەنى ئۇ سىلەردىن نان ۋە سۇنى،
[2] باتۇرلار ۋە لەشكەرلەرنى، پەيغەمبەر ۋە سوتچىلارنى، پالچى ۋە ئاقساقاللارنى،
[3] ئەللىكبېشى ۋە ئابرۇيلۇقلارنى، مەسلىھەتچىلەر، ماھىر ھۈنەرۋەن ۋە ئەپسۇنچىلارنى ئېلىپ كېتىدۇ.
[4] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆسمۈر بالىلارنى ھۆكۈمران قىلىمەن، كىچىك بالىلار خەلقىمنى باشقۇرىدۇ.
[5] خەلق بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ، ھەتتا قوشنىلارمۇ بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ. ياشلار قېرىلارنى خورلايدۇ، پەسكەش ئادەملەر ئابرۇيلۇقلارنى مەنسىتمەيدۇ.»
[6] بىرى، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئاكىسىنى تارتىپ، ئۇنىڭغا: «سېنىڭ چاپىنىڭ بار ئىكەن، سەن بىزگە باشلىق بولغىن، بۇ خارابىلىكنى باشقۇرغىن» دەيدۇ.
[7] بۇ ۋاقىتتا ئاكىسى ۋارقىراپ تۇرۇپ: «مەن ياراڭلارنى ساقايتالمايمەن، ئۆيۈمدە نە نان، نە چاپان يوق. مېنى خەلققە باشلىق قىلماڭلار!» دەيدۇ.
[8] يېرۇسالېم ئاغدۇرۇلۇپ چۈشىدۇ، يەھۇدىيە گۇمران بولىدۇ! چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى پەرۋەردىگارنىڭ زىتىغا تەگدى، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە قارشى چىقتى.
[9] يۈزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز رەزىللىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خۇددى رەزىل سودوملۇقلاردەك ئۆز گۇناھلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىدىن نومۇس قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىش تاپتى.
[10] ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.
[11] رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ، قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.
[12] بالىلار خەلقىمگە زۇلۇم سالىدۇ، ئاياللار ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاھ خەلقىم، يولباشچىلىرىڭلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، سىلەر گاڭگىراپ قېلىپ، توغرا يولنى تاپالمايسىلەر.
[13] پەرۋەردىگار سوتتىن ئورۇن ئالدى، ئۇ خەلقنى سوراققا تارتىشقا ھازىرلاندى.
[14] ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنى سوراققا تارتىپ: «سىلەر ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدىڭلار، يوقسۇللارنى تالان-تاراج قىلىپ، ئۆيۈڭلارنى تولدۇردۇڭلار. سىلەرنىڭ خەلقىمگە بېسىم ئىشلىتىدىغان، يوقسۇللارنى ئېزىدىغان نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟» دەپ ئەيىبلەيدۇ.
[16] پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىئون ئاياللىرى تەكەببۇرلىشىپ كەتتى. ئۇلار غادىيىپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ئۇششاق قەدەم تاشلاپ، پۇتلىرىدىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى شاراقشىتىپ مېڭىشىدۇ.
[17] شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار سىئون ئاياللىرىنىڭ بېشىنى تاز قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى چاچسىز قىلىپ، نومۇستا قالدۇرىمەن.»
[18] ئۇ كۈن كەلگەندە ئىگىمىز ئۇلارنىڭ پۇتلىرىدىكى بېزەكلەر، بېشىدىكى لېنتىلار، ئاي شەكىللىك زىننەت بۇيۇملار،
[19] ھالقىلار، بىلەزۈكلەر، چۈمبەللەر،
[20] باش كىيىملىرى، پۇتىدىكى زەنجىرلەر، كەمەرلەر، ئەتىر قۇتىلار، تۇمارلار،
[21] ئۈزۈكلەر، بۇرۇن ھالقىلىرى،
[22] بايراملىق لىباسلار، تونلار، چاپانلار، ھەميانلار،
[23] ئەينەكلەر، كەندىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەر، تاجلار ۋە روماللارنى تارتىپ ئەكىتىدۇ.
[24] خۇشبۇي پۇراقلارنىڭ ئورنىغا سېسىق پۇراق ئالمىشىدۇ، كەمەر ئورنىغا ئارغامچا ئىشلىتىلىدۇ، قويۇق چاچ ئورنىغا تاقىر باش ئالمىشىدۇ، ئېسىل لىباس ئورنىغا ماتەملىك كىيىم كىيىدۇ، گۈزەللىك ئورنىنى شەرمەندىچىلىك ئالىدۇ.
[25] ئەرلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، باتۇرلىرىڭلار ئۇرۇش مەيدانىدا يەر چىشلەيدۇ.
[26] سىئون دەرۋازىلىرى نالە قىلىپ ھازا تۇتىدۇ، بۇ شەھەر توپا يەردە غېرىبسىنىپ يالغۇز ئولتۇرغان ئايالغا ئوخشاپ قالىدۇ.