[1] «قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.
[2] ئۇ داۋراڭ سالمايدۇ، ياكى كوچىلاردا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەپ يۈرمەيدۇ.
[3] ئۇ زەخىملەنگەن قومۇشنى سۇندۇرۇۋەتمەيدۇ، پىلىلداپ ئاجىز يېنىپ تۇرغان چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتمەيدۇ. ئۇ چوقۇم ئادالەتنى يولغا قويىدۇ.
[4] ئۇ يەر يۈزىدە ئادالەتنى ئورناتقۇچە، ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرمۇ ئۇنىڭ تەلىم بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.»
[5] ئاسماننى ياراتقان ۋە ئۇنى يايغان، زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغان، ئىنسانلارغا نەپەس ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق بەرگەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى تاللىغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ:
[6] «مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىم ئايان بولسۇن دەپ، سېنى تاللىدىم. مەن قولۇڭنى تۇتۇپ، سېنى قوغدايمەن. مەن سېنى ئىسرائىللارغا ئەھدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمەن. مەن سېنى بارلىق ئەللەرنى يورۇتىدىغان نۇر قىلىمەن.
[7] سەن ئەمالارنىڭ كۆزىنى ئاچىسەن، سەن زىندانلاردىن كىشىلەرنى ئازاد قىلىسەن، قاراڭغۇلۇققا سولانغان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىسەن.
[8] مەن ‹ياھۋەھ› دۇرمەن، بۇ مېنىڭ نامىمدۇر. ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن. مەن بۇتلارنىڭ ماڭا ئوخشاش مەدھىيەلىنىشىگە يول قويمايمەن.
[9] قاراڭلار! مېنىڭ بۇرۇنقى بېشارەتلىرىمنىڭ ھەممىسى يۈز بەردى، ئەمدى مەن سىلەرگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىمەن، شۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بېشارەت بېرىمەن.»
[10] پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار! دېڭىزچىلار ۋە دېڭىزدا ياشايدىغان جانىۋارلار، دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ناخشا ئېيتىڭلار! ھەممە يەردە مەدھىيەلەر ياڭرىسۇن!
[11] چۆلدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خەلقلەر جاراڭلىق ئاۋازدا شۈكۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار. قېدارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى خەلقلەر شادلىنىڭلار. سەلا خەلقى خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئوقۇڭلار. مەدھىيەلەر تاغ چوققىلىرىدىن ياڭرىسۇن.
[12] ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن. دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر مەدھىيەلەرنى ئوقۇسۇن.
[13] پەرۋەردىگار خۇددى باتۇر جەڭچىدەك، ھاياجان بىلەن جەڭ شوئارى توۋلاپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.
[14] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇزۇن مەزگىل سۈكۈت قىلدىم، جىم تۇردۇم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. مەن ئەمدى ئاياللار تولغاق ئازابىدىن ۋارقىرىغىنىغا ئوخشاش، قاتتىق ۋارقىراپ، پەرياد قىلىمەن.
[15] مەن چوققىلارنى ۋە تاغلارنى تۈپتۈز قىلىۋېتىمەن، تاغ ئۈستىدىكى گۈل-گىياھلارنى قۇرۇتۇۋېتىمەن. دەريالارنى ئاراللارغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن، كۆللەرنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.
[16] مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.
[17] ئەمما ئويما بۇتلارغا ئىشەنگەنلەر، شۇ بۇتلارنى ‹ئىلاھىم› دەپ بىلگەنلەر، چوقۇم تاشلىنىپ قالىدۇ، قاتتىق نومۇستا قالىدۇ.»
[18] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي گاسلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئەمالار، كۆرۈڭلار!
[19] كىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك ئەما؟ كىممۇ مەن ئەۋەتكەن ئەلچىدەك گاس؟ كىممۇ مەن تاللىغان خەلقىمدەك قارىغۇ؟ ھېچكىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك قارىغۇ ئەمەس.
[20] سىلەر نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىلمىدىڭلار. قۇلاقلىرىڭلار ئوچۇق تۇرۇپ، ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭلار.»
[21] پەرۋەردىگار ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تەلىملىرىنى ئۇلۇغلىغانىدى.
[22] ئەمما بۇ بويسۇنماس خەلق تالان-تاراج قىلىنىدۇ، تۇزاقلارغا چۈشىدۇ، زىندانلارغا قامىلىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قوغدىمىغانلىقتىن ئۇلار ئولجا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئولجىلارنى «قويۇپ بەر!» دەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.
[23] ئاراڭلاردا كىم بۇ ئىشلارنى زېھىن قويۇپ ئاڭلايدۇ؟ كىم بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىبرەتلىك ئىشلارنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ؟
[24] كىم ئىسرائىللار _ ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىغا يول قويىدۇ؟ پەرۋەردىگار يول قويىدۇ! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولدۇق ئەمەسمۇ؟! بىز ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىدۇق! ئۇنىڭ تەلىملىرىگە بويسۇنمىدۇق.
[25] شۇڭا ئۇ بىزگە قاتتىق غەزەپ ياغدۇرىدۇ، لەشكەرلىرىمىزنى جەڭدە مەغلۇپ قىلىدۇ. بىز ئوت ئىچىدە قالغاندىمۇ، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدۇق. بىز كۆيۈۋاتقاندىمۇ، بۇنىڭ گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمىدۇق.