[1] پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
[2] ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
[3] پەرۋەردىگار سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن، قالايمىقانچىلىقتىن، رەھىمسىز قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرغان كۈندە،
[4] سىلەر بابىل پادىشاھىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلسىلەر: بۇ زوراۋان قانداق تۈگەشتى-ھە! ئۇنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى قانداق ئاخىرلاشتى-ھە!
[5] پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ كۈچىنى بىتچىت قىلدى، زوراۋان ھۆكۈمدارلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىلىرىنى سۇندۇردى.
[6] ئۇلار قەھر-غەزەپ بىلەن توختىماي ھۇجۇم قىلىپ ئەللەرنى يوقاتقان، خەلقلەرگە قەھر-غەزەپ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۇلارنى ھىسابسىز ئەزگەن.
[7] ئەمما ھازىر پۈتكۈل زېمىن تىنچلىنىپ، ئارام ئالدى. خەلقلەر خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلدى.
[8] ئەي، بابىل پادىشاھى! لىۋاننىڭ كىپارىس ۋە كېدىر دەرەخلىرى سېنىڭ ئاقىۋىتىڭدىن چەكسىز شادلىنىدۇ. ئۇلار: «سېنى يوقاتقاندىن كېيىن ھېچكىم كېلىپ بىزنى كەسمەيدۇ» دەيدۇ.
[9] يەر ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر دۇنياسى سېنى خۇشال قارشى ئالىدۇ، بۇرۇن يەر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ، بۇرۇنقى پادىشاھلار چىرىگەن تەختلىرىدىن قوپۇپ سېنى كۈتۈۋالىدۇ.
[10] ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سەنمۇ بىزدەك بىچارە بولدۇڭ! سەنمۇ بىزنىڭ سېپىمىزگە قېتىلدىڭ!»
[11] سېنىڭ ھەيۋەڭ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا كىرىپ كەتتى. سېنىڭ مۇزىكىلىق تاماشىلىرىڭمۇ سەن بىلەن بىللە دەپنە قىلىندى. سەن ئەمدى قۇرت-قوڭغۇزلارنى سېلىنچا ۋە يېپىنچا قىلىسەن.
[12] سەن قانداق بولۇپ كۆكتىن يىقىلدىڭ؟! سەن ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇز، تاڭنىڭ نۇرى ئەمەسمىدىڭ؟! قانداق بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتتىڭ؟! سەن يەر يۈزىدىكى دۆلەتلەرنى گۇمران قىلغان ئەمەسمىدىڭ؟!
[13] سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق دېگەنىدىڭ: «مەن ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ ئۈستىگە تەخت قۇرىمەن. مەن ھامان ئىلاھلار يىغىلىدىغان شىمالدىكى تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن.
[14] مەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىمەن، مەن ئۇلۇغ خۇداغا ئايلىنىمەن!»
[15] ئەمما سەن ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا تاشلاندىڭ، ئۆلۈكلەر دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرىگە تاشلاندىڭ.
[16] ئۇ يەردە سېنى كۆرگەنلەر ساڭا تىكىلىپ قارايدۇ ۋە ساڭا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، يەر يۈزىنى تەۋرەتكەن ۋە پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟
[17] بۇ ئادەم دۇنيانى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغان، شەھەرلەرنى خاراب قىلىۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ئەسىرلەرنى قاماپ قويۇپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرمىغان كىشى شۇ ئەمەسمۇ؟»
[18] بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى شان-شۆھرىتى بىلەن ئۆز قەبرىسىدە ياتىدۇ.
[19] ئەمما سەن خۇددى قەدىرسىز شاخ-شۇمبىدەك قەبرەڭدىن تارتىپ چىقىرىلىسەن. سەن خۇددى دەسسەپ چەيلەنگەن جەسەتلەردەك، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە جەسەت ئازگاللىرىغا تاشلىۋېتىلىسەن. ئۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرى سېنىڭ جايىڭ بولىدۇ.
[20] سەن باشقا پادىشاھلارغا ئوخشاش دەپنە قىلىنمايسەن، چۈنكى سەن ئۆز زېمىنىڭنى ۋە خەلقىڭنى ۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلغان. بۇنداق رەزىللەرنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ تىلغا ئېلىنمىغاي!
[21] بۇ ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىنى يوقىتىشقا تەييار تۇرۇڭلار. ئۇلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن. ئۇلار يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەر يۈزىنى ئىشغال قىلىۋالمىسۇن. يەر يۈزىنى ئۆز شەھەرلىرى بىلەن تولدۇرمىسۇن!
[22] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ نامىنى، قېپقالغان خەلقىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى يوقىتىمەن.» بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
[23] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنى ياۋايى ھايۋانلار ماكانىغا، شۇنداقلا سازلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. مەن خۇددى ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانغا ئوخشاش، بابىلنى يوقىتىۋېتىمەن.»
[24] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار خۇددى مەن بۇرۇنلا ئىرادە قىلغىنىمدەك يۈز بېرىدۇ؛ مەن قانداق بولۇشنى ئىرادە قىلغان بولسام، ئىشلارمۇ شۇنداق بولىدۇ.
[25] مەن ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنىدا ئاسسۇرلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن، خەلقىمنىڭ تاغلىرىدا ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەيمەن. ئۇلارنىڭ سالغان قۇللۇق بويۇنتۇرۇقى خەلقىمنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكى خەلقىمنىڭ زىممىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
[26] بۇ مېنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە قىلغان ئىرادەم. مېنىڭ قولۇم پۈتكۈل ئەللەرگە سوزۇلدى.»
[27] بەرھەق، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلسا، قېنى كىم ئۇنى توسىيالايدۇ؟ ئۇنىڭ قوللىرى گۇمران قىلىشقا تەييارلانسا، قېنى كىم ئۇنى توختىتالايدۇ؟
[28] پادىشاھ ئاخاز ئۆلگەن يىلى پەرۋەردىگاردىن بۇ ۋەھىي كەلدى:
[29] «ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار! كېيىن چىققان يىلان كۆزەينەكلىك يىلاندۇر. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر.
[30] پېقىر-مىسكىنلەرگە يەيدىغان نېسىۋە بېرىلىدۇ، موھتاجلارمۇ خاتىرجەم ياتىدۇ. لېكىن، مەن پەرۋەردىگار ئاچارچىلىق بىلەن يىلتىزلىرىڭلارنى قۇرۇتىمەن، ھەممىڭلارنى قىرىپ تاشلايمەن.
[31] ئەي فىلىستىيەلىكلەر، دەرۋازىلىرىڭلاردا ئولتۇرۇپ نالە-پەرياد قىلىڭلار! شەھەرلىرىڭلاردا ئۆكسۈپ يىغلاڭلار! پۈتكۈل فىلىستىيەلىكلەر، ۋەھىمىگە پېتىڭلار! شىمال تەرەپتىن بىر قارا تۈتەك كېلىدۇ، ئۇ بىرمۇ لەشكىرى سەپتىن چۈشۈپ قالمايدىغان، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان قوشۇندۇر.
[32] فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىلىدۇ؟ ‹پەرۋەردىگار سىئوننى مۇستەھكەم شەھەر قىلىپ قۇردى، ئۇنىڭ جاپاكەش خەلقى ئۇ يەردە پاناھلىق تاپىدۇ.›»