[1] ھەققانىيلار ئۆلۈپ كەتسە، ھېچكىم كۆڭلىگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ، تەقۋادارلار ۋاپات بولسا، ھېچكىم پىسەنت قىلمايدۇ، ھەققانىيلار ۋاپات بولسا، بالا-قازادىن قۇتۇلىدۇ.
[2] ئۇلار خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ، دۇرۇس يولدا ماڭغانلار ئۆلگەندىمۇ ئارام ئالىدۇ.
[3] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇياققا كېلىڭلار ئەي جادۇگەرنىڭ بالىلىرى، زىناخور ۋە پاھىشەنىڭ ئەۋلادلىرى.
[4] خوش، سىلەر كىملەرنىڭ ئۈستىدىن كۈلىۋاتىسىلەر؟ كىملەرگە قارشى ئېغىز ئېچىۋاتىسىلەر؟ كىملەرگە قاراپ تىلىڭلارنى چىقىرىۋاتىسىلەر؟ سىلەر ئاسىينىڭ بالىلىرى ئەمەسمۇ، يالغانچىنىڭ ئۇرۇقىدىن بولغان ئەمەسمۇ؟
[5] سىلەر دۇپ دەرەخلىرى ئارىسىدا، ئارچىلار ئاستىدا بۇزۇقچىلىقىڭلار بىلەن يالغان ئىلاھىڭلارغا چوقۇنىسىلەر، تاغ جىلغىلىرىدا، قىيا تاشلار ئاستىدا ئۆز بالىلىرىڭلارنى قۇربانلىق قىلىسىلەر.
[6] سىلەر جىلغىدىكى سىلىق تاشلارنى بۇت بىلىپ تېۋىنىسىلەر، ئۇلار سىلەرنىڭ ئىنتىلگەن نېسىۋەڭلاردۇر. سىلەر ئۇلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى قۇيىسىلەر، ئۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلىسىلەر. خوش، بۇ ئىشلار مېنى رازى قىلارمۇ؟
[7] سىلەر ئېگىز تاغدا بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئۇ يەردە بۇتلىرىڭلارغا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلىسىلەر.
[8] سىلەر ئىشىكىڭلارنىڭ ئارقىسىغا، ئىشىك كېشىكىڭلارغا يىرگىنچلىك بەلگىلىرىڭلارنى قويدىڭلار. سىلەر يۈز ئۆرۈپ، يالىڭاچلىنىپ، سالغان ئورنىڭلارغا كىرىپ، پاھىشىلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىسىلەر. ئۆزۈڭلەرنى بۇتلارغا بېغىشلىدىڭلار. ئۇلارنىڭ كارىۋىتىغا كۆڭلۈڭلەر چۈشۈپ، يالىڭاچ تېنىدىن كۆز ئۈزمىدىڭلار.
[9] سىلەر نۇرغۇن ئەتىر ۋە زەيتۇن مېيىنى ئېلىپ، مولەك ئىلاھىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردىڭلار، سىلەر: ‹باشقا ئىلاھلارنى تاپايلى› دەپ، يىراقلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭلار، مۇمكىن بولسا ئۇلار ھەتتا باقىي دۇنياغىمۇ باراتتى.
[10] كۆپلىگەن ئىزدىنىشىڭلاردىن ھېرىپ-چارچىدىڭلار، ئەمما سىلەر بۇنى بىھۇدە ھېس قىلمىدىڭلار، ‹يېڭى كۈچنى تاپقىلى بولىدۇ› دەپ، ھېچ چارچاش ھېس قىلمىدىڭلار.
[11] كىمدىن شۇنچە قورقۇپ، ماڭا يالغان سۆزلەيدىغان بولدۇڭلار؟ مېنى ئۇنتۇدىڭلار، مېنى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرمىدىڭلار. مەن ئۇزاقتىن بېرى سۈكۈت قىلغانلىقىم ئۈچۈن، مەندىن قورقمايدىغان بولدۇڭلار!
[12] سىلەر ئۆزۈڭلارچە توغرا دەپ بىلگەن ئاشۇ ھەققانىيلىقىڭلارنى ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئېچىپ تاشلايمەن. ئۇلار سىلەرگە قىلچە پايدا كەلتۈرمەيدۇ.
[13] ياردەم سوراپ پەرياد قىلغىنىڭلاردا، ئاشۇ بۇتلىرىڭلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن! شاماللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ، بىر نەپەستىلا ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. لېكىن ماڭا تايانغانلار چوقۇم زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، مۇقەددەس تېغىمغا ۋارىسلىق قىلىدۇ».
[14] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يول ياساڭلار، ئۇنى قۇرۇپ، تەييارلاڭلار، خەلقىمنىڭ يولىدىكى ھەرقانداق توسالغۇنى ئېلىۋېتىڭلار!
[15] ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.
[16] مەن داۋاملىق ئەيىبلەپ، مەڭگۈ غەزەپلىنىپ يۈرمەيمەن، شۇنداق قىلغان بولسام، مەن جان ئاتا قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار ئالدىمدا روھسىزلىنىپ كېتەتتى.
[17] مەن ئىنساننىڭ ئاچكۆزلۈكى سەۋەبىدىن غەزىپىم كېلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بېرىمەن، يۈزۈمنى ئۆرۈپ غەزەپلىنىمەن. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزى بىلگەن يامان يولىدا مېڭىۋېرىدۇ.
[18] مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن، لېكىن مەن ئۇلارنى ساقايتىپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىمەن، ھازا تۇتقان كىشىلەرگە تەسەللى بېرىمەن.
[19] شۇنداق قىلسام، ئۇلارنىڭ لەۋلىرىدىن مەدھىيەلەر چىقىدۇ. مەن يىراق-يېقىندىكىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن، مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن!
[20] لېكىن، رەزىللەر خۇددى چايقىلىۋاتقان دېڭىزدەك تىنچىمايدۇ. تىنچىماي چايقىلىۋاتقان سۇلاردىن پاسكىنا نەرسىلەر ۋە لاتقىلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.
[21] مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: رەزىللەر خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ!»