[1] ئاسسۇرلارنىڭ پادىشاھى سارگون باش سەركەردىسىنى ئاشدود شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى.
[2] شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا: «كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىمىڭنى ۋە ئايىغىڭنى سېلىۋەت!» دېدى. يەشايا شۇنداق قىلدى ۋە يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز كېزىپ يۈردى.
[3] ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خىزمەتكارىم يەشايا ئۈچ يىل يالاڭ ئاياغ ۋە كىيىمسىز يۈردى. مانا بۇ، مىسىر ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر.
[4] چۈنكى ئاسسۇر پادىشاھى، مىسىرلىقلار ۋە ئېفىيوپىيەلىكلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ ۋە سۈرگۈن قىلىدۇ. ياشلار ۋە ياشانغانلار يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز يالىڭاچ ھالدا يۈرىدۇ. بۇ مىسىر ئۈچۈن نومۇس.
[5] ئېفىيوپىيەگە ئۈمىد باغلىغان ۋە مىسىرنى چوڭ بىلىپ ئۇنىڭغا تايانغانلار بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ ۋە خىجىل بولىدۇ.
[6] شۇ چاغدا دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيە خەلقى مۇنداق دەيدۇ: ‹قاراڭلار! بىز ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلار بىزنى ئاسسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالىدۇ، دەپ ئىشەنگەنىدۇققۇ؟ ئەمدى بىزچۇ، بىز قانداق قۇتقۇزۇلىمىز؟›»