Skip to content
Opens in a new window

[1] پادىشاھ خىزكىيا ھاكىمىيەت تۇتقان شۇ مەزگىللەردە، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا شۇنداق دەيدۇكى: تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن ئۆلىسەن، ساقىيالمايسەن، _ دېدى.

[2] پادىشاھ خىزكىيا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تام تەرەپكە قاراپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى:

[3] «ئى پەرۋەردىگار، ساڭا پۈتۈن ساداقىتىم بىلەن، پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ ئالدىڭدا سەن ياخشى دەپ ئويلىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

[4] بۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن يەشايا پەيغەمبەرگە يەنە ۋەھىي كەلدى:

[5] «سەن پادىشاھ خىزكىيانىڭ قېشىغا بار، ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا ساڭا: مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. ساڭا يەنە 15 يىللىق ئۆمۈر قوشۇپ بەردىم.

[6] مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىدىن قۇتقۇزىمەن. بۇ شەھەرنى قوغدايمەن دېدى› دەپ ئېيت.»

[7] يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بېشارىتىدۇر:

[8] «قارا، پېتىۋاتقان قۇياش ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە سايىسىنى تاشلاپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ سايىنى ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلۈشكە بۇيرۇيمەن.» شۇنىڭ بىلەن سايە ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلدى.

[9] يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىيا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازدى:

[10] «مەن شۇنداق ئويلىغان: ‹تازا قىران چېغىمغا كەلگەندە، گۆرگە كىرىشىم كېرەكمىدى؟ قالغان ئۆمرۈم ئېلىپ كېتىلىشى كېرەكمىدى؟›

[11] مەن يەنە شۇنداق ئويلىغان: ‹بۇ يورۇق دۇنيادا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارنى كۆرەلمەيمەن، بۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا مەن ئەمدى ئادەملەرنى كۆرەلمەيمەن.

[12] خۇددى قويچى چېدىرىنى سۆكۈپ كەتكەندەك، ھاياتىم مەندىن تارتىپ ئېلىندى. خۇددى توقۇمىچىنىڭ توقۇش جاھازىسىدىن رەخت كەسكىنىدەك، ھاياتىم كېسىلىپ كەتتى. سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.

[13] مەن كېچىچە ئازابلىنىپ، ئاھ ئۇرۇپ چىقتىم، خۇددى شىر ئۇستىخانلىرىمنى پارچە-پارچە قىلغاندەك. سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.

[14] مەن خۇددى قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك نالە قىلدىم، خۇددى كەپتەردەك گۇڭۇلدىدىم. ئاسمانغا تىكىلىپ كۆزلىرىم تالدى، مەن مۈشكۈللۈكتە قالدىم، ئى پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزغايسەن!›

[15] ئەمما مەن نېمە دېيەلەيمەن؟ ئۇ ماڭا نېمە دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى قىلدى. مەن ھاياتىمنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزىمەن، چۈنكى مېنىڭ قەلبىم كۆپ ئازاب چەككەن.

[16] ئى ئىگەم، سېنىڭ تەربىيەلىرىڭ ئىنساننى چىن ھاياتلىققا باشلايدۇ، مېنىمۇ ھاياتلىققا باشلايدۇ. سەن ماڭا ساغلاملىقىمنى قايتۇرۇپ، قايتا ھاياتلىق بەردىڭ.

[17] مانا قارا، مېنىڭ تارتقان بۇ قاتتىق ئازابلىرىم مېنىڭ مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈندۇر، سەن مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلدىڭ، چۈنكى سەن گۇناھلىرىمنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ.

[18] گۆردىكىلەر ساڭا شۈكۈر ئېيتالمايدۇ، ئۆلگەنلەر ساڭا مەدھىيە ئوقۇيالمايدۇ، لەھەتتىكى مۇردا سېنىڭ ساداقىتىڭدىن ئۈمىد كۈتەلمەيدۇ.

[19] لېكىن خۇددى بۈگۈن مەن ساڭا مەدھىيە ئوقۇۋاتقاندەك، ھاياتلار، پەقەت ھاياتلارلا ساڭا شۈكۈر ئېيتالايدۇ. ئاتىلار سېنىڭ ساداقىتىڭنى بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ.

[20] پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزدى، بىز بارلىق ھاياتىمىزنى ئىبادەتخانىدا ئۆتكۈزۈپ، تارلىق سازلىرىمىزنى چېلىپ، ئۇنى مەدھىيەلەيمىز.»

[21] ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ خىزمەتكارىغا: «ئەنجۈرنى ئېزىپ، ئۇنى ئىششىقىغا سۈرتسەڭ، خىزكىيا ساقىيىدۇ» دېگەنىدى.

[22] شۇ چاغدا خىزكىيامۇ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمدىن قانداق بېشارەت بېرىسەن؟» دەپ سورىغانىدى.

يەشايا — Chapters