Skip to content
Opens in a new window

[1] ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، يەتتە ئايال بىر ئەرنى تالىشىپ: «بىز ئۆز نېنىمىزنى ئۆزىمىز تېپىپ يەيمىز، ئۆز كىيىمىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىمىز چىقىمىز. بىزنى ئەمىرلىرىگە ئالغايلا، شەرمەندىچىلىكىمىزنى يوقاتقايلا!» دەيدۇ.

[2] ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆستۈرگەن نوتىسى گۈزەل ۋە سەلتەنەتلىك بولىدۇ. بۇ زېمىننىڭ مېۋە-چېۋىلىرى ئىسرائىلىيەدىكى ئامان قالغانلارنىڭ ئىپتىخارى ۋە شان-شەرىپى بولىدۇ.

[3] سىئوندا قالغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان قالغانلار «خۇداغا بېغىشلانغانلار» دەپ نام ئالىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئامان قالدۇرۇشقا تاللىغان ئادەملەردۇر.

[4] ئىگىمىز سوراق ۋە جازالاش ئارقىلىق سىئون ئاياللىرىنىڭ مەينەتچىلىكىنى يۇيىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنىمۇ تازىلايدۇ.

[5] ئارقىدىن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا خەلق يىغىلغان يەردە كۈندۈزى بۇلۇتنى، كېچىسى يالقۇنجاپ تۇرغان بىر يورۇقلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل زېمىنغا سايىۋەن بولىدۇ.

[6] ئۇ كۈندۈزنىڭ ئىسسىقىغا سايە ۋە كۆلەڭگە بولىدۇ، بوران-چاپقۇن ۋە يامغۇر-يېشىندا پاناھگاھ ۋە دالدا بولىدۇ.

يەشايا — Chapters