[1] بۇ، دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: «قاراڭلار، دەمەشق شەھىرى پات ئارىدا يوقىلىدۇ، ئۇ ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ!
[2] خەلق ئاروئېرنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى تاشلايدۇ. بۇ شەھەرلەر مال-چارۋىلارنىڭ يايلايدىغان يېرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ يەردىن ھېچكىم ئۇلارنى قوغلاپ يۈرمەيدۇ، ئۈركۈتمەيدۇ.
[3] شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى يوقىلىدۇ، دەمەشق پادىشاھلىقى ھەم يوقىلىدۇ. قېپقالغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئاقىۋىتى، ئىسرائىلىيەدىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش شەرمەندىلىك بولىدۇ!» مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
[4] «شۇ چاغدا ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ شۆھرىتى تۈگەيدۇ. خۇددى قاۋۇل ئادەم ئورۇقلاپ كەتكەندەك بولىدۇ.
[5] ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئېتىزلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ يەرلەر زىرائەتلەر يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى رافاھ جىلغىسىدەك قاقاس بولۇپ قالىدۇ.
[6] مېۋىلىرى قېقىۋېلىنغان زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا قېپقالغان نەچچە تال زەيتۇندەك، تۆت-بەش تال مېۋىسى قالغان دەرەختەك، پەقەت ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ.» مانا بۇ، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ سۆزلىرىدۇر.
[7] شۇ چاغدا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىغا يۈزلىنىدۇ، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغىلا تايىنىدۇ.
[8] شۇ چاغدا ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنمايدىغان بولىدۇ، ياكى ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ئۆزلىرى ياسىغان ياغاچ تۈۋرۈككە ئىلتىجا قىلمايدىغان بولىدۇ. ھەمدە ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان ئىسرىقدانلاردا ئىلاھلىرىغا كۈجە كۆيدۈرمەيدىغان بولىدۇ.
[9] بۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى تاشلاندۇق خارابىلىككە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ شەھەرلەر، ئىلگىرى خەلقلىرى ئىسرائىللارنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ، تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەردەك ئادەمسىز قالىدۇ.
[10] چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭلار، سىلەر پاناھلانغان قورام تاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار. مەيلى سىلەر ئەڭ ئېسىل دەرەخلەرنى تىككەن بولۇڭلار، ۋە ياكى ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلغان بولۇڭلار،
[11] مەيلى ئۇلار تىكىلگەن كۈنى كۆكلىگەن بولسۇن، ياكى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بىخ چىقارغان بولسۇن، لېكىن شۇ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈن كەلگەندە، سىلەرنىڭ ھوسۇلۇڭلا يوقىلىدۇ.
[12] ئاڭلاڭلار! نۇرغۇن ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرى دېڭىز شاۋقۇنىدەك نەرە تارتىۋاتىدۇ. قۇدرەتلىك قوشۇنلارنىڭ دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتقىنىغا قۇلاق سېلىڭلار!
[13] گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ، خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتا شامال ئۇچۇرغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ.
[14] كەچ كىرگەندە ئىسرائىللارنى ۋەھىمە باسقان بولسا، تاڭ ئاتقۇچە دۈشمەن غايىب بولىدۇ. مانا بۇ بىزنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ تەقدىرى، بىزنى بۇلىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى.