Skip to content
Opens in a new window

[1] بۇ، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا كەلگەن ۋەھىي:

[2] شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ، تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.

[3] نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ شۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى، ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.» پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.

[4] ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوراق ئېلىپ بارىدۇ، ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. ئۇلار قىلىچلىرىدىن ساپان سوقىدۇ، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان قايچا قىلىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ.

[5] ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى.

[6] ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەرك ئەتتىڭ، چۈنكى ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كۈنچىقىشتىكى ئەللەرنىڭ خۇراپاتچىلىقىغا پاتۇردى، فىلىستىيەلىكلەردەك رەمچىلەرگە تولدۇردى. يات ئەللەر بىلەن ئاپاق-چاپاق بولدى.

[7] ئۇلارنىڭ زېمىنى ئالتۇن-كۈمۈشكە تولدى، خەزىنىلىرىنىڭمۇ چېكى يوق. يايلاقلىرى ئاتلارغا تولدى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سانى چەكسىز.

[8] ئۇلارنىڭ زېمىنى بۇتلارغا تولدى، ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىگە، يەنى ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇندى.

[9] ئىنسان شۇ بۇتلار ئالدىدا ئۆزىنى پەس قىلىپ كەمسىتىدۇ، ئۇلارنى كەچۈرمىگەيسەن.

[10] سىلەر غارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىلەر؟! ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن ئامان قالالامسىلەر؟!

[11] ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.

[12] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئۇ تەكەببۇرلار، ھاكاۋۇرلار ۋە بارلىق ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى يەرگە ئۇرىدۇ.

[13] ئۇلارنى خۇددى لىۋاننىڭ پەلەككە تاقاشقان ئېگىز كېدىرلىرى ۋە باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغاندەك كېسىپ تاشلايدۇ،

[14] خۇددى بارلىق ئېگىز تاغ ۋە چوققىلارنى تۈزلىۋەتكەندەك تۈزلىۋېتىدۇ،

[15] خۇددى ئېگىز مۇنار ۋە مۇستەھكەم سېپىللارنى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىۋېتىدۇ،

[16] خۇددى ئەڭ يىراق تارشىشقا بارىدىغان كاتتا كېمىلەرنى ۋە ھەشەمەتلىك كېمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىغاندەك بۇزۇپ تاشلايدۇ.

[17] ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.

[18] بۇتلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.

[19] پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆڭكۈر ۋە ئورەكلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.

[20] ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى، غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.

[21] پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە غارلارغا ۋە ئۆڭكۈرلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.

[22] ئاجىز بەندىگە ئىشىنىشتىن ۋاز كەچكىن. ئۇ نېمىتتى؟ ئۇ نەپسىدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ، خالاس.

يەشايا — Chapters