[1] فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى، قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى.
[2] فىلىستىيەلىكلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى.
[3] سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى، شۇ پەيتتە سائۇل دۈشمەن ئوقياچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىلىپ، قاتتىق يارىلاندۇرۇلدى.
[4] سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، ماڭا قىلىچ سانجىپ مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى. قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچ ئۈستىگە تاشلىدى.
[5] قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى سائۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆزىنى قىلىچى ئۈستىگە تاشلاپ ئۆلدى.
[6] شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە بارلىق ئادەملىرى شۇ بىر كۈن ئىچىدە بىللە ئۆلدى.
[7] يىزرىئەل جىلغىسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىسىدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ ئۇ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
[8] ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ،
[9] سائۇلنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز زېمىنىنىڭ ھەر تەرىپىگە چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ، ئۆز بۇتخانىلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى.
[10] ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى ئاشتورەت دېگەن ئايال ئىلاھنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، جەسىتىنى بەيتشان شەھىرىنىڭ سېپىلىغا مىخلاپ قويدى.
[11] گىلئادتىكى يابېش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سائۇلغا قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندا،
[12] ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار بىر كېچە يول مېڭىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى بەيتشاننىڭ سېپىلىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، يابېشقا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈردى.
[13] ئاندىن ئۇلار سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ، يابېشتا بىر يۇلغۇن دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.