Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن قاچانغىچە قايغۇرىسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ بەيتلەھەملىك يىشاينىڭكىگە بار، مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى ئۆزۈمگە پادىشاھ قىلىپ تاللىدىم.

[2] _ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل ئاڭلاپ قالسا، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى سامۇئىل. _ سەن بىر چىشى موزاينى ئالغاچ بار ۋە: «مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم» دېگىن.

[3] يىشاينى قۇربانلىق گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىل، شۇ چاغدا مەن ساڭا نېمە قىلىشىڭنى دەپ بېرىمەن. سەن مەن ساڭا ئۆزۈم كۆرسىتىدىغان ئادەمنىڭ بېشىغا ياغ قۇي، _ دېدى پەرۋەردىگار.

[4] سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، يۇرت ئاقساقاللىرى قورقۇنچ بىلەن ئۇنى قارشى ئېلىپ: _ ئامانلىق بولسۇن دەپ كەلدىلىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

[5] ئۇ ئاقساقاللارغا: _ ئامانلىق بولسۇن دەپ كەلدىم، پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم. ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، مەن بىلەن بىللە قۇربانلىق گۆشى يېيىشكە كېلىڭلار، _ دېدى. سامۇئىل يىشاي بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى پاكلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قۇربانلىق گۆشى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.

[6] ئۇلار كەلگەن چاغدا سامۇئىلنىڭ كۆزى ئەلىئابقا چۈشۈپ، ئىچىدە: «پەرۋەردىگارنىڭ تاللىغىنى مۇشۇ بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى.

[7] لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىما، مەن ئۇنى رەت قىلدىم. پەرۋەردىگار بەندىلەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە قارىمايدۇ، قەلبكە قارايدۇ» دېدى.

[8] يىشاي ئۆزىنىڭ ئوغلى ئابىنادابنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇنى تاللىمىدى، _ دېدى.

[9] يىشاي شامماھنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈۋىدى، سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ تاللىمىدى، _ دېدى.

[10] يىشاي ئۇ يەردىكى يەتتە ئوغلىنىڭ ھەممىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈۋىدى، سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تاللىماپتۇ، _ دېدى ۋە

[11] _ ئوغۇللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ كەنجىممۇ بار، ئۇ ھازىر قوي بېقىۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى يىشاي. _ چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭ، _ دېدى سامۇئىل يىشايغا، _ ئۇ كەلمىگۈچە، داستىخانغا ئولتۇرمايمىز.

[12] يىشاي ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتنى چاقىرىپ كەلدى. داۋۇت كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان، ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار: «دەل مۇشۇ، بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇي!» دېدى.

[13] سامۇئىل مۈڭگۈزدىكى زەيتۇن يېغىنى ئېلىپ، ئاكىلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. شۇ كۈندىن تارتىپ پەرۋەردىگارنىڭ روھى داۋۇتقا كۈچلۈك چۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتىپ كەتتى.

[14] پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن ئايرىلدى. پەرۋەردىگار تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن بىر يامان روھ ئۇنى قاتتىق ۋەھىمىگە سېلىشقا باشلىدى.

[15] سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ھازىر پەرۋەردىگار تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن بىر يامان روھنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق قورقۇنچقا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.

[16] خوجام، بىزگە لىرانى ياخشى چالىدىغان بىر ئادەم تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلغايلا، پەرۋەردىگار تەرەپتىن يامان روھ كېلىپ ئۆزلىرىنى تۇتۇپ قالغاندا ئۇ ئادەم لىرا چالسا، ئۆزلىرى ياخشى بولۇپ قالىلا، _ دېگەنىدى.

[17] سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ مەن ئۈچۈن ئۇستا بىر لىراچىنى تېپىپ يېنىمغا ئەكېلىڭلار، _ دېدى.

[18] _ مەن بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ بىر ئوغلىنى كۆرگەن، ئۇ لىرا چېلىشقا ئۇستا ئىكەن. ئۇ باتۇر، جەڭدە جەسۇر، دانالىق بىلەن سۆزلەيدىغان، تولىمۇ كېلىشكەن يىگىت ئىكەن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ياردۇر، _ دېدى بىر غۇلام.

[19] سائۇل بۇنى ئاڭلاپ يىشايغا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ: «قوي باقىدىغان داۋۇت دېگەن ئوغلۇڭنى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتىۋەت» دېدى.

[20] يىشاي ئوغلى داۋۇت بىلەن بىرگە بىر ئوغلاقنى، نان ئارتىلغان بىر ئېشەكنى ۋە بىر تۇلۇم شارابنى قوشۇپ سائۇلغا ئەۋەتتى.

[21] داۋۇت سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىرىشتى. داۋۇتقا سائۇلنىڭ قاتتىق مېھرى چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى قىلىۋالدى.

[22] ئاندىن سائۇل يىشايغا: «داۋۇت ماڭا ياراپ قالدى. يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىلسۇن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.

[23] شۇ كۈندىن باشلاپ پەرۋەردىگار تەرەپتىن كەلگەن يامان روھ سائۇلنى تۇتقاندا، داۋۇت لىرانى قولىغا ئېلىپ چالاتتى، شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ، ياخشى بولۇپ قالاتتى، يامان روھمۇ ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەتتى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters