[1] پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا يەتتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن،
[2] ئۇلار روھانىيلىرى بىلەن پالچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلساق بولار؟ ئۇنى ئۆز جايىغا قانداق قايتۇرىمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، _ دەپ ياردەم سورىدى.
[3] روھانىيلىرى بىلەن پالچىلىرى مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئەگەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولساڭلار، ئەلۋەتتە قۇرۇق قايتۇرماي، پەرۋەردىگارغا ئەيىبىڭلارنى يۇيىدىغان ئەيىب قۇربانلىقىنى قوشۇپ بېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، شىپالىق تاپىسىلەر ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى توختىماي جازالىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر.
[4] _ قانداق ئەيىب قۇربانلىقىنى بەرسەك بولار؟ _ دەپ سوراشتى فىلىستىيەلىكلەر. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن، سىلەر ئۆز بېگىڭلارنىڭ سانىغا ماس ھالدا ئالتۇندىن بەش دانە ئۆسمە ۋە بەش چاشقان قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئوخشاش بالايىئاپەت سىلەرگىمۇ، سىلەرنىڭ بېگىڭلارغىمۇ كەلدى.
[5] سىلەر جەزمەن ئۆسمىلەر ۋە يۇرتۇڭلاردا ۋەيرانچىلىق چىقارغان چاشقانلارنىڭ شەكلىدىكى مودېللارنى قۇيدۇرۇڭلار ۋە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار. ئەنە شۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم ئۇ سىلەرگە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا كەلگەن بالايىئاپەتنى توختىتار.
[6] سىلەرنىڭ مىسىر پادىشاھى ۋە مىسىرلىقلاردەك جاھىللىق قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ شۇندىلا ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغان ئەمەسمىدى؟
[7] ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ۋە يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى تەييارلاپ، ئۇلارنى ھارۋىغا قېتىڭلار، موزايلىرىنى ئايرىپ ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار.
[8] پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا بېسىپ، يېنىغا ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتالغان ئالتۇن مودېللار قاچىلانغان ساندۇقنى قويۇڭلار، ھارۋىغا قوشۇلغان ئىنەكلەرنى يولغا قويۇپ بېرىڭلار.
[9] ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ھارۋا بەيت-شەمەش شەھىرىگە بارىدىغان يول بىلەن ماڭسا، بۇ بالايىئاپەتنى ئەۋەتكۈچى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇر، دەپ بىلىمىز؛ ئەگەر ھارۋا ئۇ يول بىلەن ماڭمىسا، دېمەك، بىزنى جازالىغۇچى ئۇ ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تاسادىپىيلىقتۇر، دەپ بىلىمىز.
[10] فىلىستىيەلىكلەر ھەممىنى ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قېتىپ، موزايلىرىنى ئۆيگە سولاپ قويدى.
[11] ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا باستى، ئۆسمىلەر بىلەن چاشقانلارنىڭ ئالتۇندىن قۇيۇلغان مودېللىرى سېلىنغان ساندۇقنى ئۇنىڭ يېنىغا قويدى.
[12] ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يولغا چۈشۈپ، يا سولغا، يا ئوڭغا بۇرۇلماي، ياكى توختىماي، مۆرىگەن پېتى ئۇدۇل ماڭدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاكى بەيت-شەمەش چېگراسىغىچە كەلدى.
[13] بەيت-شەمەش ئاھالىسى جىلغىدا ئورما ئورۇۋاتاتتى. ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرگەندە ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ، شادلىققا چۆمدى.
[14] ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىغا كېلىپ، چوڭ بىر قورام تاشنىڭ يېنىدا توختىدى. ئاھالىلەر ھارۋىنى ئوتۇن قىلىپ يېرىپ، ئىنەكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بوغۇزلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.
[15] لاۋىيلار ھارۋىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن مودېللار قاچىلانغان ساندۇقنى چۈشۈرۈپ، ھېلىقى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. شۇ كۈنى بەيت-شەمەش ئاھالىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن باشقا قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشتى.
[16] فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ بولۇپ، شۇ كۈنىلا ئەقرونغا قايتىپ كەتتى.
[17] فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ ئاتىغان ئۆسمە مودېللىرىنىڭ بىرى ئاشدود، بىرى گازا، بىرى ئاشقىلون، بىرى گات ۋە بىرى ئەقرون ئۈچۈن ئىدى.
[18] ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى بولسا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىگە تەۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ سانى بىلەن باراۋەردۇر. بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ھېلىقى چوڭ قورام تاش تاكى ھازىرغىچە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولۇپ، ئۆز ئورنىدا تۇرماقتا.
[19] پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق ئۇرغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى.
[20] بەيت-شەمەشلىكلەر: «پەرۋەردىگار، يەنى بۇ مۇقەددەس بولغان خۇدانىڭ ئالدىدا كىممۇ تۇرالار؟ ئەھدە ساندۇقى ئەمدى بۇ يەردىن قەيەرگە ئاپىرىلىشى كېرەك؟» دەپ نالە-پەرياد قىلىشتى.
[21] ئاخىرى ئۇلار قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ: _ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى فىلىستىيەلىكلەر قايتۇرۇپ بەردى، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىڭلار! _ دېدى.