[1] بىرنەچچە زىفلىقلار گىبئاھقا كېلىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ: _ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ چېتىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىكتە يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ، _ دېيىشتى.
[2] بۇنى ئاڭلىغان سائۇل دەرھال ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇتنى ئىزدەش ئۈچۈن زىف چۆلىگە ئاتلاندى.
[3] سائۇل خاكىلا ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى يول بويىغا بارگاھ قۇردى. داۋۇت ئۇ چاغدا يەنىلا چۆلدە ئىدى، ئۇ سائۇلنىڭ چۆلدە ئۆزىنىڭ كەينىگە چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ،
[4] تىڭتىڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق سائۇلنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالدى.
[5] داۋۇت دەرھال سائۇل بارگاھ قۇرغان يەرگە بېرىپ، سائۇلنىڭ ۋە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ياتقان يېرىنى كۆردى. سائۇل بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، لەشكەرلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتقانىدى.
[6] داۋۇت ئاخىمەلەك بىلەن ئابىشايدىن: _ قايسىڭلار مەن بىلەن سائۇلنىڭ بارگاھىغا بارىسىلەر؟ _ دەپ سورىۋىدى، ئابىشاي: _ مەن ئۆزۈم سىز بىلەن بارىمەن، _ دېدى. ئاخىمەلەك خىت خەلقىدىن ئىدى، ئابىشاي يوئابنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى زىرۇيا ئىدى.
[7] شۇ كۈنى كېچىسى داۋۇت بىلەن ئابىشاي ئىككىسى بارگاھقا بېرىپ، سائۇلنىڭ بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى، بېشىنىڭ يېنىدا نەيزىسىنىڭ يەرگە سانجىقلىق تۇرغانلىقىنى، ئابنېر بىلەن لەشكەرلەرنىڭ ئۇنىڭ چۆرىسىدە ياتقانلىقىنى كۆردى.
[8] ئابىشاي داۋۇتقا: _ بۈگۈن پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭىزنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمدى ئىجازەت بېرىڭ، ئۇنى نەيزە بىلەن يەرگە مىخلاپ قوياي. بىرلا سانجىسام بولدى، ئىككىنچى سانجىشىمنىڭ ھاجىتى يوق! _ دېدى.
[9] _ ياق، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى بولما! _ دېدى داۋۇت ئابىشايغا، _ كىممۇ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈپ، گۇناھسىز قالسۇن؟
[10] مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم ئىچىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۆزى سائۇلنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. ئۇ ياكى كۈنى توشۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ياكى جەڭدە ھالاك بولىدۇ.
[11] پەرۋەردىگار مېنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا قول سېلىشىمدىن ساقلىسۇن! ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇداننى ئېلىپ كېتەيلى.
[12] شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇداننى ئالدى ۋە ئۇ يەردىن كەتتى. ئۇلارنى ھېچكىم كۆرمىدى، ھېچكىم سەزمىدى. ھەتتا ھېچبىرى ئويغانمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق قىلىۋەتكەنىدى.
[13] شۇنداق قىلىپ داۋۇت جىلغىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، دۆڭگە چىقتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى ئارىلىق بار ئىدى.
[14] داۋۇت سائۇلنىڭ ئادەملىرىگە ۋە نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرغا قاراپ توۋلىدى: _ ھەي ئابنېر، جاۋاب بەرمەمسەن؟ _ سەن كىم، پادىشاھقا قاراپ توۋلاشقا جۈرئەت قىلغان؟ _ دېدى ئابنېر.
[15] _ سەن ئىسرائىلىيەدىكى تەڭدىشى يوق ئادەم ئەمەسمۇسەن؟ _ دېدى داۋۇت ئابنېرغا، _ بىرسى خوجايىنىڭ بولغان پادىشاھ ئالىيلىرىنى ئۆلتۈرگىلى كىرسە، سەن نېمىشقا پادىشاھنى ياخشى قوغدىمىدىڭ؟
[16] بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى بولمىدى! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، خوجايىنىڭلارنى، يەنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئۆلۈمگە مەھكۇمسىلەر. ئابنېر، ئەمدى قاراپ باققىنا، پادىشاھنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇدان نەدە؟
[17] سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم داۋۇت! بۇ راستتىنلا سەنمۇ؟ _ دېدى. _ لەببەي، پادىشاھ ئالىيلىرى، _ دەپ جاۋاب بەردى داۋۇت،
[18] _ مەن نېمە ئىش قىلدىم، نېمە يامانلىق ئۆتكۈزدۈم؟ خوجايىنىمنىڭ پېقىرنى قوغلاپ يۈرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟
[19] پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى پېقىرنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ باقسىڭىز! ئەگەر سىزنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشىڭىزگە پەرۋەردىگار سەۋەب بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي؛ ئەگەر بۇنى قىلىۋاتقانلار ئىنسانلار بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار بۇ كۈنلەردە مېنى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن ھەيدەپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان يەرگە قوغلىۋەتتى.
[20] ئەمدى مەن پادىشاھىمدىن قېنىمنىڭ يات زېمىندا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق يەردە تۆكۈلۈشىگە يول قويماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن، ئىسرائىللار پادىشاھىنىڭ مېنى _ كىچىككىنە بىر بۈرگىنى ئىزدەپ يۈرۈشى، خۇددى تاغقا شىكارغا چىققانلارنىڭ كەكلىك ئوۋلىغىنىدەكلا ئىشتۇر.
[21] سائۇل مۇنداق دېدى: _ مەن گۇناھ قىلدىم، قايتىپ كەل، ئوغلۇم داۋۇت! بۈگۈن جېنىمنى ئەزىز بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئەمدى ئىككىنچى ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ، قاتتىق گۇناھ قىلىپتىمەن.
[22] _ مانا پادىشاھىمىزنىڭ نەيزىسى، _ دېدى داۋۇت، _ يىگىتلىرىڭىزدىن بىرى كېلىپ ئەكەتسۇن.
[23] پەرۋەردىگار بۈگۈن پادىشاھىمىز بولغان سىزنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزمىدىم. پەرۋەردىگار ھەربىر ئادەمنى ئۇنىڭ ئادىللىقى ۋە ساداقەتلىكىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ.
[24] بۈگۈن سىزنىڭ جېنىڭىز مېنىڭ نەزىرىمدە ئەزىز بىلىنگەندەك، مېنىڭ جېنىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىز بىلىنسۇن ۋە مېنى بارلىق مۈشكۈلاتلاردىن خالىي قىلسۇن.
[25] _ بالام داۋۇت، خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! سەن چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن ھەم غەلىبىگە ئېرىشىسەن! _ دېدى سائۇل. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئۆز يولىغا كەتتى، سائۇلمۇ ئۆيىگە قايتتى.