Skip to content
Opens in a new window

[1] سامۇئىل سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ بېشىڭغا ياغ قۇيۇپ، سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا پادىشاھلىققا تەيىنلىگىلى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەم مەن بولىمەن.

[2] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان چاغدا، ئامالەكلەرنىڭ ئۇلارغا قارشى چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئامالەكلەرنى جازالايمەن.

[3] ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن خەلقىنى مال-مۈلۈكلىرى بىلەن _ ئەر-ئايال، بالا-چاقا، قوي-كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگىچە ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي تەلتۆكۈس يوقىتىۋەت.»

[4] شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل لەشكەرلەرنى تىلائىمغا يىغىپ، ساناقتىن ئۆتكۈزدى. پىيادە لەشكەرلەر سانى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون مىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن بولسا جەمئىي ئىككى يۈز مىڭ چىقتى.

[5] سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىگە كېلىپ، جىلغىدا بۆكتۈرمىدە ياتتى.

[6] ئاندىن قېنلارغا: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنى ئامالەكلەر بىلەن قوشۇپ يوقىتىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئەمدى ئامالەكلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىڭلار!» دەپ خەۋەر بەردى.

[7] سائۇل ئامالەكلەرنى خاۋىلا دېگەن يەردىن تاكى مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شۇر دېگەن يەرگىچە قوغلاپ قىرىپ،

[8] ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتۇپ، قالغان پۈتۈن خەلقىنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.

[9] ئەمما سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگغا، شۇنداقلا سېمىز كالا، قوي، موزاي ۋە قوزىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قىممىتى بارلىكى ماللارنى ئۆلتۈرمەي، قىممىتى يوق ئەرزىمەسلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي يوقىتىۋەتتى.

[10] بۇ چاغدا سامۇئىلغا پەرۋەردىگاردىن مۇنداق ۋەھىي كەلدى:

[11] «سائۇل مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇيرۇقىمنى ئىجرا قىلمىدى، ئۇنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم». سامۇئىل قەۋەتلا ئاچچىقلىنىپ، پۈتۈن كېچە پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ چىقتى.

[12] سامۇئىل ئەتىسى سەھەر قوپۇپ سائۇلنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇنىڭغا: «سائۇل كارمەلگە بېرىپ، ئۆز شەرىپىگە بىر خاتىرە مۇنارى تەيىنلەپ، ئاندىن گىلگالغا كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى.

[13] سامۇئىل سائۇلنىڭ يېنىغا كېلىۋىدى، سائۇل ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدىم، _ دېدى.

[14] سامۇئىل ئۇنىڭغا: _ قۇلىقىمغا قويلارنىڭ مەرەشلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلىنىدىغۇ، بۇ نېمە ئىش؟ _ دېۋىدى،

[15] سائۇل ئۇنىڭغا: _ ئۇ، ئادەملىرىمنىڭ ئامالەكلەردىن ئالغان ئولجىلىرى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇلار سېمىز كالا، قويلارنى ئاياپ، ساقلاپ قېلىشتى. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىز تەلتۆكۈس يوقىتىۋەتتۇق، _ دېدى. سامۇئىل سائۇلغا قاراپ:

[16] _ توختاپ تۇر! مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى. _ قېنى، مەرھەمەت، _ دېدى سائۇل.

[17] _ گەرچە ئۆزۈڭنى مۇھىم ئادەم ئەمەس، دەپ ھېسابلاپ يۈرسەڭمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقى ئەمەسمۇسەن؟ _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا، _ پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا ياغ قۇيدۇرۇپ، سېنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلدى.

[18] پەرۋەردىگار ساڭا: «بېرىپ، ئاشۇ گۇناھكار ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس قەتل قىلىۋەت، ھەممىسىنى يوقاتقۇچە ئۇلار بىلەن جەڭ قىل» دەپ ئەمر بېرىپ، سېنى يولغا سالغانىدى.

[19] سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، جەڭ ئولجىلىرىنى ئېلىشقا ئالدىراپ، پەرۋەردىگار يامان دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلدىڭ؟

[20] _ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلدىم، _ دېدى سائۇل سامۇئىلغا، _ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن يولىدا ماڭدىم، ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تۇتۇپ، ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتىم.

[21] ئادەملىرىم بولسا: «گىلگالدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا قۇربانلىق قىلايلى» دەپ، تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى قوي، كالىلارنى تاللاپ ئېلىشتى، خالاس.

[22] _ پەرۋەردىگار ھەرقانداق كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلاردىن كۆرە، ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەسمۇ؟ _ دېدى سامۇئىل، _ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش، قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، قوچقار مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.

[23] ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنىڭ گۇناھى، جادۇگەرلىك گۇناھىغا ئوخشاشلا ياماندۇر. جاھىللىقنىڭ گۇناھى بولسا، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ گۇناھىغا ئوخشاشلا ئېغىردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنى پادىشاھلىقتىن ئېلىپ تاشلىۋەتتى.

[24] _ مەن گۇناھ ئۆتكۈزدۈم! _ دېدى سائۇل سامۇئىلغا، _ مەن خەلقتىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە سىزنىڭ گېپىڭىزگە خىلاپلىق قىلىپتىمەن.

[25] ئەمدى سىزدىن تىلەيكى، گۇناھىمدىن كېچىپ، مەن بىلەن بىللە قايتسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاي.

[26] _ مەن سەن بىلەن بىللە قايتمايمەن، _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا، _ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنى پادىشاھلىقتىن ئېلىپ تاشلىۋەتتى.

[27] سامۇئىل ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولۇۋىدى، سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنى تارتىپ يىرتىۋەتتى.

[28] _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، ئۇنى سەندىن ياخشىراق بىرسىگە بەردى، _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا،

[29] _ ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈلۈك خۇداسى يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ ئىنسان ئەمەس، ھەرگىز ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.

[30] _ مەن گۇناھكارمەن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ مەن بىلەن بىللە قايتىڭ، شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى سائۇل.

[31] شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل سائۇل بىلەن بىللە قايتتى، سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

[32] سامۇئىل ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى. ئاگاگ ئۆزىچە: «ئەمدى ئۆلۈم خەۋپى ئۆتۈپ كەتتى» دەپ ئويلىدى ۋە خاتىرجەم ھالدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا كەلدى.

[33] _ سەن شەمشىرىڭ بىلەن ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىغانىدىڭ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سېنىڭ ئاناڭمۇ ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلسۇن، _ دېدى سامۇئىل ۋە گىلگالدا پەرۋەردىگار ئالدىدا ئاگاگنى شەمشەر بىلەن چېپىپ تاشلىدى.

[34] شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتتى، سائۇلمۇ گىبئاھقا _ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

[35] سامۇئىل تاكى ئالەمدىن ئۆتكۈچە سائۇلنى قايتا كۆرمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈردى. پەرۋەردىگار سائۇلنى ئىسرائىللارغا پادىشاھ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلغانىدى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters