Skip to content
Opens in a new window

[1] سائۇل ئۆز ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىغا داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى تاپىلىدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.

[2] يوناتان داۋۇتقا: _ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئەتە ئەتىگەندە پەخەس بولغىن، دالاغا بېرىپ مەخپىي بىر يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن.

[3] مەن دالادىكى سەن يوشۇرۇنۇۋالغان يەرگە بېرىپ ئاتامنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن سەن توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ تۇرىمەن، مەن ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ ساڭا خەۋەر بېرىمەن، _ دېدى.

[4] يوناتان ئاتىسى سائۇلغا داۋۇتنى ماختاپ: _ شاھ ئاتا، ئۆز خىزمەتكارىڭىز داۋۇتقا يامانلىق قىلمىسىڭىز، ئۇ سىزگە يامانلىق قىلمىغان، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشى سىزگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى.

[5] ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى، پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنى غەلىبە-نۇسرەتكە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى.

[6] سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەسەم قىلىپ: _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، داۋۇت ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى.

[7] شۇنىڭدىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ كېلىپ بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنى سائۇلنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. داۋۇت ئاۋۋالقىدەكلا سائۇلنىڭ خىزمىتىدە بولدى.

[8] ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت قوشۇن باشلاپ چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئاخىرىدا فىلىستىيەلىكلەر قېچىپ كېتىشتى.

[9] بىر كۈنى سائۇل ئۆيىدە قولىغا نەيزە ئېلىپ ئولتۇراتتى، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بىر يامان روھ ئۇنىڭغا يېپىشتى. داۋۇت ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بېرىۋاتقاندا،

[10] سائۇل داۋۇتقا نەيزە سانجىپ تامغا مىخلاپ قويماقچى بولۇۋىدى، داۋۇت ئۆزىنى چەتكە ئالدى، سائۇلنىڭ نەيزىسى بولسا تامغا كىرىپ كەتتى. داۋۇت شۇ كۈنى كېچىدە ئۆيىگە قېچىپ كەتتى.

[11] سائۇل داۋۇتنى تاڭ ئاتقۇچە كۆزىتىپ تۇرۇپ، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرنەچچە ئادەم ئەۋەتتى. ئايالى مىكال داۋۇتقا: _ بۈگۈن كېچە جېنىڭىزنى ئېلىپ قاچمىسىڭىز، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسىز، _ دېدى.

[12] شۇنداق قىلىپ ئايالى داۋۇتنى دېرىزىدىن چۈشۈرۈپ قاچۇرۇۋەتتى، داۋۇت قېچىپ قۇتۇلدى.

[13] مىكال بىر بۇتنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان ياستۇقنى قويۇپ، ئۈستىگە كىيىملەرنى يېپىپ قويدى.

[14] داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە سائۇل تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەملەر كەلگەندە، مىكال ئۇلارغا: «ئۇ ئاغرىپ قالدى» دېدى.

[15] لېكىن سائۇل ئادەملىرىنى داۋۇتنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا يەنە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا: _ ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈم ئۈچۈن، ياتقان كارىۋىتى بىلەنلا كۆتۈرۈپ كېلىڭلار! _ دېدى.

[16] سائۇل ئەۋەتكەن ئادەملەر ئۆيگە كىرىپ، كارىۋاتتا ياتقان بۇتنى ۋە بۇتنىڭ بېشىغا قويۇلغان ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان ياستۇقنى كۆردى.

[17] شۇنىڭ بىلەن سائۇل مىكالغا: _ سەن نېمىشقا مېنى ئالداپ دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ _ دېدى. مىكال: _ ئۇ ماڭا: «قېچىشىمغا ياردەم قىل، بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

[18] داۋۇت قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، راماھقا كېلىپ سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈپ، سائۇلنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىلەن بىرگە نايوتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.

[19] سائۇل داۋۇتنىڭ راماھتىكى نايوتتا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.

[20] شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، سامۇئىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىر توپ پەيغەمبەرلەرنى كۆردى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ ئادەملىرىگىمۇ چۈشتى ۋە ئۇلارمۇ ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى.

[21] سائۇل بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يەنە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. سائۇل ئۈچىنچى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەندە، ئۇلار ھەم شۇنداق قىلىشتى.

[22] ئاندىن كېيىن سائۇلنىڭ ئۆزى راماھقا قاراپ يول ئېلىپ، سېكۇدىكى چوڭ قۇدۇقنىڭ بېشىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ كىشىلەردىن: _ سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە، _ دەپ سورىۋىدى، بىرەيلەن: _ راماھتىكى نايوتتا، _ دەپ جاۋاب بەردى.

[23] شۇنىڭ بىلەن سائۇل راماھتىكى نايوتقا قاراپ ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغىمۇ چۈشتى، ئۇ تاكى راماھتىكى نايوتقىچە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ باردى.

[24] ئۇمۇ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، بىر كېچە-كۈندۈز سامۇئىلنىڭ ئالدىدا ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يىقىلغان پېتى يالىڭاچ ياتتى. «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن قالغان.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters