Skip to content
Opens in a new window

[1] سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى يېڭىپ قايتىپ كېلىپ، زىقلاق شەھىرىدە ئىككى كۈن تۇردى.

[2] ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن بىر ياش يىگىت كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، داۋۇتنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.

[3] داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىدىن قېچىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت.

[4] داۋۇت يەنە: _ نېمە بولدى؟ قېنى سۆزلە، _ دېدى. _ لەشكەرلەر جەڭگاھتىن قېچىپ كېتىشتى، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ھالاك بولدى، _ دېدى ئۇ.

[5] داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: _ سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى سەن قانداق بىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

[6] يىگىت: _ ئۇ چاغدا مەن دەل گىلبوۋا تېغىدا ئىدىم. ئۇ يەردە سائۇلنىڭ ئۆز نەيزىسىگە يۆلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. دۈشمەننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق قىسمى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

[7] ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، مېنى كۆرۈپ چاقىردى، مەن «لەببەي» دېدىم.

[8] ئۇ مەندىن: «سەن كىم بولىسەن؟» دەپ سورىدى، «مەن ئامالەكلەردىن بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردىم.

[9] ئۇ ماڭا: «ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ ياققا كەل، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، جېنىم چىقماي بەك قىينىلىپ كەتتىم» دېدى.

[10] مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالالمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى تاجىسىنى، بىلىكىدىكى بىلەزۈكىنى جانابىي ئالىيلىرىغا تەقدىم قىلىشقا ئېلىپ كەلدىم، _ دېدى.

[11] داۋۇت قايغۇدىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتتى، ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ شۇنداق قىلدى.

[12] ئۇلار قىلىچ ئاستىدا قازا قىلغان سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى _ ئىسرائىللار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ، يىغا-زار قىلىپ، كۈن پاتقۇچە روزا تۇتتى.

[13] داۋۇت خەۋەر يەتكۈزگەن يىگىتتىن: _ سەن قەيەرلىك بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن ئامالەكلەردىن بولىمەن، زېمىنىڭىزدىكى مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

[14] داۋۇت ئۇنىڭغا: پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭ قانداق باردى؟ _ دېدى.

[15] ئاندىن داۋۇت ئادەملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ: _ قېنى، ئۇنى ئۆلتۈر! _ دەپ بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئامالەكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

[16] داۋۇت: _ قان تۆككەنلىكىڭ ئۆز بېشىڭغا چىقتى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئۆزۈڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلدىڭ، _ دېدى.

[17] داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان ئۈچۈن «يا مەرسىيەسى» دەپ ئاتالغان مۇنۇ مەرسىيەنى ئوقۇدى. ئۇ «بۇ مەرسىيە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە ئۆگىتىلسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. (ئۇشبۇ مەرسىيە «ياشار» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن.)

[19] ئاھ ئىسرائىلىيە! غۇرۇرلۇق ئەزىمەتلىرىڭ قەتل قىلىندى تاغلاردا، ئۇ پالۋانلار يىقىلغاندۇ قانداقچە!

[20] ئېلان قىلماڭلار بۇنى گات شەھىرىدە، بايان قىلماڭلار ئاشقىلون كوچىلىرىدا: خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئاياللىرى، شادىمانمۇ بولمىسۇن خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى!

[21] ئەي، گىلبوۋا تاغلىرى! ئۈستۈڭلەرگە شەبنەم ياكى يامغۇر چۈشمىسۇن، يەرلىرىڭلاردىن ھوسۇل چىقمىسۇن، چۈنكى يېرىڭلاردا باتۇرلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى، سائۇلنىڭ قالقىنى ئەمدىلىكتە ماي بىلەن ئەمەس،

[22] بەلكى جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قېنى، باتۇرلارنىڭ تېنىدىكى ماي بىلەن مايلاندى. يوناتاننىڭ ئوقياسى قۇرۇق قايتمايتتى، سائۇلنىڭ قىلىچىمۇ غەلبىسىز قايتىپ كەلمەيتتى.

[23] سائۇل بىلەن يوناتان قەدىردان ۋە ئېسىل ئادەملەر ئىدى. ھاياتىدىمۇ، ئۆلۈمىدىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى. ئۇلار بۈركۈتتىنمۇ چاققانىدى، شىردىنمۇ كۈچلۈك ئىدى!

[24] ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ قىز-ئاياللىرى! سائۇل ئۈچۈن ماتەم تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرگە توق قىزىل رەڭلىك، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيدۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىنى ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەتكۈزگەن.

[25] باتۇرلار قانداقچە يىقىلغاندۇ جەڭدە، يوناتان قانداقچە قەتل قىلىنغاندۇ تاغلاردا!

[26] ئەي بۇرادىرىم يوناتان، مەن ساڭا ماتەم تۇتاي. سەن ماڭا تولىمۇ قەدىردان ئىدىڭ، ئاجايىپ ئىدى سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ، ئارتۇق ئىدى ھەتتا ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ.

[27] پالۋانلار يىقىلغاندۇ قانداقچە، جەڭ قوراللىرى يوق بولغاندۇ قانداقچە!

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم — Chapters