[1] داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭنىڭ ئالدىدا جېنىمنى ئالغۇدەك نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى.
[2] _ خۇدا ساقلىسۇن، سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ئاتام ماڭا بىلدۈرمەي قىلمايدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرمايدۇ، سەن دېگەندەك بولمايدۇ، _ دېدى يوناتان.
[3] داۋۇت قەسەم قىلىپ: _ ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ قايغۇرۇپ كېتىدۇ» دەپ، ئويلىغان گەپ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە بىر قەدەملا يېقىنلىقتا تۇرىمەن، _ دېدى.
[4] يوناتان داۋۇتقا: _ سەن نېمە قىل دېسەڭ، شۇنى قىلاي، _ دېگەنىدى،
[5] داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولۇشۇم كېرەك، لېكىن سەن مېنىڭ ئۆگۈن ئاخشامغىچە دالادا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلغىن.
[6] مۇبادا ئاتاڭ مېنىڭ داستىخاندا يوقلۇقۇمنى بىلىپ سوراپ قالسا، سەن: «داۋۇت يالۋۇرۇپ ‹ماڭا ئۆز شەھىرىم بەيتلەھەمگە چاققان بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن يىللىق قۇربانلىق ئۆتكۈزەتتۇق› دېگەنىدى» دەپ ئېيتقىن.
[7] ئەگەر ئۇ: «ئوبدان بوپتۇ!» دېسە، مەن تىنچ-ئامان قالىمەن؛ ئەگەر ئۇ قاتتىق خاپا بولسا، بىلگىنكى، ئۇ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە قەتئىي كەلگەن بولىدۇ.
[8] پەرۋەردىگار ئالدىدا تۈزگەن دوستلىشىش ھەققىدىكى ئەھدىمىزنى ئېسىڭگە ئېلىپ، ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ تۇرغايسەن. لېكىن مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئاتاڭغا تۇتۇپ بېرىپ نېمە قىلاتتىڭ؟ ئۆزۈڭلا ئۆلتۈرۈۋەت.
[9] _ خۇدا ساقلىسۇن، _ دېدى يوناتان، _ ئەگەر مەن ئاتامنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ قالسام، ساڭا ئېيتماسمەنمۇ؟
[10] _ ئەگەر ئاتاڭ ساڭا غەزەپتە جاۋاب بەرسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ _ دېدى داۋۇت يوناتانغا.
[11] _ يۈرە، دالاغا چىقايلى، _ دېدى يوناتان داۋۇتقا ۋە ئىككىسى دالاغا چىقىپ كەتتى.
[12] _ پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ماڭا گۇۋاھ بولسۇنكى، ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە ئالاھازەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نېمە نىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ چىقىمەن. ئەگەر ئاتام ساڭا ياخشى نىيەتتە بولسا، مەن ساڭا خەۋەر بېرىمەن.
[13] ئەگەر ئۇ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولۇپ، لېكىن مەن سېنى خەۋەردار قىلىپ، ئامان-ئېسەن قېچىشىڭغا ياردەم بەرمىسەم، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن! پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئاتامغا يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولسۇن!
[14] پەرۋەردىگار ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىدەك، سەنمۇ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر دائىم ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىن. ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم،
[15] پەرۋەردىگار ھەتتا بارلىق ئەۋلادلىرىڭنى يەر يۈزىدىن يوقاتقان تەقدىردىمۇ، سەن مېھىر-مۇھەببىتىڭنى ئەۋلادلىرىمدىن مەڭگۈگە ئۈزمىگىن، _ دېدى يوناتان داۋۇتقا ۋە
[16] داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلدى. يوناتان يەنە: _ ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئەھدىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، پەرۋەردىگار ئۇلاردىن ھېساب ئالغاي، _ دېدى.
[17] يوناتان داۋۇتنى ئۆز جېنىدەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىتىش ئۈچۈن ئۇنى ۋەدە قىلدۇردى.
[18] يوناتان داۋۇتقا: _ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، داستىخاندىكى ئورنۇڭ بوش قالسا، سېنىڭ يوقلۇقۇڭ بىلىنىپ قالىدۇ.
[19] ئۆگۈنلۈككە سەن ئىلگىرى يوشۇرۇنغان يەرگە بېرىپ، تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇرغىن.
[20] مەن تاش دۆۋىلىرىنىڭ يېنىغا خۇددى قارىغا ئاتقاندەك ئۈچ پاي يا ئوقى ئاتىمەن.
[21] ئاندىن مەن خىزمەتچى بالىغا: «سەن بېرىپ يا ئوقلىرىنى تاپقىن» دەيمەن. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا: «قارا! يا ئوقلىرى سېنىڭ بۇ تەرىپىڭدە، ئۇلارنى ئەكەل» دېسەم، سەن چىقساڭ بولىدۇ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئامان قالىسەن، ساڭا خەۋپ-خەتەر كەلمەيدۇ؛
[22] ئەگەر مەن خىزمەتچى بالىغا: «قارا! يا ئوقلىرى سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭدە» دېسەم، سەن كەتكىن، چۈنكى ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سېنى يولغا سالغان بولىدۇ.
[23] بىر-بىرىمىزگە قىلغان ئەھدىمىزگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى.
[24] شۇنداق قىلىپ، داۋۇت دالاغا چىقىپ يوشۇرۇندى. يېڭى ئاي بايرىمىدا پادىشاھ غىزالانغىلى داستىخانغا ئولتۇردى
[25] ۋە ئادەت بويىچە تام يېنىدىكى ئورۇندىن جاي ئالدى. يوناتان پادىشاھنىڭ ئۇدۇلىدا، ئابنېر پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، داۋۇتنىڭ ئورنى بولسا بوش قالدى.
[26] لېكىن شۇ كۈنى پادىشاھ ھېچنېمە دېمەي: «ئۇ بىر ئىش قىلىپ ناپاك بولۇپ قالغاندۇ… چوقۇم پاك ئەمەس» دەپ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇردى.
[27] يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋۇتنىڭ ئورنىنىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆرگەن سائۇل يوناتاندىن: _ يىشاينىڭ ئوغلىنىڭ تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ غىزاغا كەلمەسلىكى نېمە سەۋەبتىن؟ _ دەپ سورىدى.
[28] يوناتان مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: _ داۋۇت «بەيتلەھەمگە بارسام» دەپ، مەندىن رۇخسەت سوراپ يالۋۇرغانىدى.
[29] ئۇ، «ماڭا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ شەھەردە ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئاكام بېرىشىمنى بۇيرۇغانىدى. ئەگەر سەن مېنى ياخشى كۆرسەڭ، ئاكىلىرىم بىلەن كۆرۈشكىلى ئىجازەت بەرگىن» دەپ، ماڭا يېلىنغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ پادىشاھىمىز بىلەن ھەمداستىخان بولالمىدى.
[30] بۇ چاغدا سائۇل يوناتانغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ: _ ھەي بۇزۇق، ئاسىي خوتۇننىڭ بالىسى، مېنى سېنىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدۇ دېمە، سەن بۇ قىلىقىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى شەرمەندە قىلىۋاتىسەن.
[31] يىشاينىڭ ئوغلى دۇنيادا ھاياتلا بولىدىكەن، نە ئۆزۈڭ، نە پادىشاھلىقىڭ مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ. شۇڭا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تۇتۇپ، مېنىڭ ئالدىمغا ئەكەل. ئۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى.
[32] _ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈشى كېرەك، ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ _ دېدى يوناتان ئاتىسى سائۇلغا.
[33] سائۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوغلى يوناتاننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نەيزىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى قەتئىي ئۆلتۈرۈش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى.
[34] يوناتان قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، داستىخاندىن ئىرغىپ تۇرۇپ، كېتىپ قالدى، ھەم ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ھاقارەتلىگەنلىكىدىن كۆڭلى غەمكىن بولدى. ئۇ يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر كۈن غىزا يېمىدى.
[35] يوناتان ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ۋاقىتتا بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ دالاغا چىقتى.
[36] _ سەن يۈگۈر، مەن ئاتقان يا ئوقىنى تاپ، _ دېدى يوناتان بالىغا. بالا يۈگۈرۈپ كېتىۋىدى، يوناتان يا ئوقىنى بالا كېتىۋاتقان يەرنىڭ نېرىسىغا ئاتتى.
[37] بالا يوناتان يا ئوقىنى ئاتقان يەرگە بارغانىدى، يوناتان ئۇنىڭغا: _ يا ئوقى سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭدىغۇ؟
[38] تېز يۈگۈر، توختاپ قالما! _ دەپ توۋلىدى. بالا يا ئوقلىرىنى يىغىپ خوجايىنىغا ئەكېلىپ بەردى.
[39] بالا ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز ئىدى، ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى پەقەتلا يوناتان بىلەن داۋۇت بىلەتتى.
[40] يوناتان ئۆزىنىڭ ئوقياسىنى بالىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ بۇلارنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ كەتكىن، _ دېدى.
[41] بالا كەتكەندىن كېيىن داۋۇت تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، ئۈچ مەرتەم تەزىم قىلدى. ئىككىسى سۆيۈشۈپ يىغلاشتى، داۋۇت بولسا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
[42] _ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «بىر-بىرىمىزگە قىلغان قەسىمىمىزگە تاكى ئەۋلادلىرىمىزغىچە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن تىنچ-ئامان يولۇڭغا ماڭ! _ دېدى يوناتان داۋۇتقا. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.