Skip to content
Opens in a new window

[1] فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، يەھۇدا زېمىنىغا تەۋە سوكوھ دېگەن شەھەردە جەم بولدى. ئۇلار سوكوھ ۋە ئازېقا شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىم دېگەن يەردە بارگاھ قۇردى.

[2] سائۇل بىلەن ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىمۇ بىرلىشىپ، ئېلاھ جىلغىسىدا بارگاھ قۇرۇپ، قوشۇنلىرىنى تىزىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلاندى.

[3] فىلىستىيەلىكلەر بۇ تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار بولسا ئۇ تەرەپتىكى تاغدا تۇرۇشتى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى.

[4] فىلىستىيەلىكلەر تەرەپتىن گوليات دېگەن بىر كۈچتۈڭگۈر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ گات شەھىرىدىن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن ئىدى.

[5] بېشىغا تۇچ دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇت كىيىپ قوراللانغان بولۇپ، زەنجىر ساۋۇتنىڭ ئېغىرلىقى ئاتمىش كىلوغا يېقىن كېلەتتى.

[6] پاچىقىغا تۇچتىن يۆگەك باغلاپ، ئۆشنىسىگە بىر تۇچ نەيزە ئېسىۋالغانىدى.

[7] قولىدىكى نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى، تۆمۈر ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى بولسا تەخمىنەن يەتتە كىلو كېلەتتى. گولياتنىڭ ئالدىدا بىر لەشكەر ئۇنىڭ چوڭ قالقىنىنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى.

[8] گوليات ئىسرائىللارغا قاراپ تۇرۇپ، مۇنداق دەپ توۋلىدى: _ سىلەر سەپ تۈزۈپ نېمە قىلماقچىسىلەر؟ مانا مەن فىلىستىيەلىكقۇ؟ سىلەر پەقەتلا سائۇلنىڭ قۇللىرى ئەمەسمۇ؟ قېنى، ئىچىڭلاردىن بىرەيلەننى تاللاپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار.

[9] ئەگەر ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەلىسە، بىز سىلەرگە قۇل بولايلى؛ ئەگەر ئۇنى مەن يېڭىپ ئۆلتۈرۈۋېتەلىسەم، سىلەر بىزگە قۇل بولۇپ، خىزمىتىمىزنى قىلىڭلار.

[10] ئۇ فىلىستىيەلىك سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى: _ مەن بۈگۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى شەرمەندە قىلىمەن. قېنى، مەن بىلەن ئېلىشقىلى بىر ئادەم چىقىرىڭلار!

[11] سائۇل ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇ فىلىستىيەلىكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئالاقزادە بولۇپ، قورقۇشۇپ كەتتى.

[12] داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى.

[13] يىشاينىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان تۇنجى ئوغلىنىڭ ئېتى ئەلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئېتى ئابىناداب، ئۈچىنچىسىنىڭ بولسا شامماھ ئىدى.

[14] داۋۇت ئوغۇللارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ ئاكىسى سائۇل بىلەن بىللە جەڭگە چىققانىدى.

[15] داۋۇت بەزىدە سائۇلدىن ئايرىلىپ بەيتلەھەمگە قايتىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلەتتى.

[16] ھېلىقى فىلىستىيەلىك گوليات قىرىق كۈنگىچە ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى چىقىپ، ئۇرۇشۇشقا دەۋەت قىلىپ تۇردى.

[17] بىر كۈنى يىشاي ئوغلى داۋۇتقا: _ ئوغلۇم، سەن ماۋۇ بىر خالتا قوماچ بىلەن ئون ناننى يۈگۈرۈپ بېرىپ بارگاھقا، ئاكىلىرىڭغا ئاپىرىپ بەرگىن.

[18] يەنە مۇنۇ ئون بولاق ئىرىمچىكنى ئۇلارنىڭ قوماندانىغا بەر ھەم ئاكىلىرىڭنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئۇلاردىن بىرەر نىشانە ئالغاچ كەل، _ دېدى.

[19] داۋۇتنىڭ ئۈچ ئاكىسى سائۇل پادىشاھ ۋە باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە ئېلاھ جىلغىسىدا فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى.

[20] داۋۇت ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، قويلىرىنى باشقا بىر پادىچىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئاتىسى يىشاينىڭ سۆزى بويىچە يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ بارگاھقا كەلگەندە ئىسرائىللار قوشۇنى جەڭگە چىقىۋاتقان بولۇپ، ھەممەيلەن چۇقان كۆتۈرۈۋاتاتتى.

[21] ئىسرائىللار بىلەن فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن يۈزمۇيۈز سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى.

[22] داۋۇت نەرسىلىرىنى تەمىنات باشقۇرغۇچىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى قوشۇننىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاكىلىرىغا سالام قىلدى.

[23] ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، گاتلىق كۈچتۈڭگۈر گوليات فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىدىن چىقىپ، ئاۋۋالقى سۆزلىرىنى تەكرار توۋلىدى. داۋۇت ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى.

[24] ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى گولياتنى كۆرۈش بىلەنلا ناھايىتى قورقۇپ قېچىشتى.

[25] ئىسرائىللار بىر-بىرىگە: «ئەنە، ئۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يەنە ئىسرائىللارنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە جىق بايلىق ئىنئام قىلىپ، ئۆز قىزىنىمۇ خوتۇنلۇققا بېرىدىكەن، ئۇ ئادەمنىڭ ئاتىسىنىڭ ئائىلىسىنى بولسا ھەر خىل باج-سېلىقتىن خالاس قىلىدىكەن» دېيىشىۋاتاتتى.

[26] داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

[27] كىشىلەر ئۇنىڭغا، گولياتنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە بېرىلىدىغان ئىنئاملارنى دەپ بەردى.

[28] داۋۇتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى ئەلىئاب داۋۇتنىڭ كىشىلەر بىلەن قىلىشقان گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ: _ نېمىدەپ بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ دالادىكى بار-يوقى بىرقانچە قويلارنى كىمگە تاپشۇردۇڭ؟ مەن سېنىڭ كىبىرلىكىڭنى ۋە كۆڭلۈڭدىكى يامان ئويۇڭنى بىلىمەن. سەن ئەمەلىيەتتە جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، _ دېدى.

[29] داۋۇت بولسا: _ مەن نېمە قىلدىم، سوئال سوراشقا بولمامدۇ؟ _ دەپ جاۋاب قايتۇردى

[30] ۋە ئاكىسىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، باشقا ئادەملەردىن شۇ سوئالنى تەكرار سورىدى، يەنىلا ئوخشاش جاۋابقا ئېرىشتى.

[31] داۋۇتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭ دېگىنىنى سائۇلغا يەتكۈزگەنىدى، سائۇل داۋۇتنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى.

[32] داۋۇت سائۇلغا: _ ئالىيلىرى، ھېچكىمنىڭ ئاشۇ فىلىستىيەلىكتىن قورقۇپ، ئالاقزادە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. پېقىر ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقىمەن، _ دېدى.

[33] _ سەن قانداقمۇ ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقالايسەن؟ سەن تېخى كىچىك تۇرساڭ، ئۇ بولسا ياش ۋاقتىدىن بېرى جەڭچى، _ دېدى سائۇل.

[34] _ ئالىيلىرى، پېقىر، ئاتامنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلىۋاتىمەن، شىر ياكى ئېيىق كېلىپ قويلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ قاچسا،

[35] ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ ئۇرۇپ، ئېغىزلىرىدىن قويلارنى تارتىۋالىمەن. ئۇلار قوپۇپ ماڭا يانسا، يايلىرىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.

[36] پېقىر شىرنىمۇ ئۆلتۈرگەن، ئېيىقنىمۇ ئۆلتۈرگەن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان ئاۋۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئاشۇ شىر ۋە ئېيىقتەك بولسۇن، _ دېدى داۋۇت ۋە گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،

[37] _ پەرۋەردىگار مېنى شىر ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغاندەك، ئاشۇ فىلىستىيەلىكنىڭ چاڭگىلىدىنمۇ قۇتقۇزۇۋالىدۇ، _ دېدى. _ بوپتۇ ئەمىسە، بارغىن! پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن، _ دېدى سائۇل داۋۇتقا ۋە

[38] ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جەڭ كىيىملىرىنى، يەنى ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇتنى ۋە بېشىغا تۇچ دۇبۇلغىسىنى كىيدۈرۈپ قويدى.

[39] داۋۇت سائۇلنىڭ قىلىچىنى جەڭ كىيىملىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاستى-دە، مېڭىپ باقماقچى بولدى، ئەمما بۇرۇن جەڭ كىيىملىرىنى كىيىپ باقمىغاچقا، تۈزۈك ماڭالمىدى، ئۇ سائۇلغا: _ مەن بۇ كىيىملەرنى كىيىپ جەڭ قىلالمايمەن، چۈنكى مەن ئۇلارغا ئادەتلەنمىگەن، _ دېدى ۋە ئۇلارنى سېلىۋەتتى.

[40] ئۇ قولىغا تايىقىنى ئېلىپ، جىلغىدىن بەش سىلىق تاشنى تېرىۋالدى ۋە ئۇلارنى پادىچى خالتىسىغا سالدى. قولىغا بولسا سالغىسىنى ئېلىپ، ئۇ فىلىستىيەلىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

[41] ئۇ فىلىستىيەلىك گولياتمۇ داۋۇت تەرەپكە قاراپ يېقىنلىشىپ كەلدى، قالقان كۆتۈرگۈچىسى بولسا ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

[42] داۋۇت ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن ياش بالا بولغاچقا، ئۇ فىلىستىيەلىك ئۇنىڭغا زەن سېلىپ قاراپ قويۇپ، مەنسىتمىدى.

[43] فىلىستىيەلىك داۋۇتقا: _ سەن قولۇڭغا تاياق ئېلىپ، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپسەن، مەن ئىتمىدىم؟ _ دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن داۋۇتنى قارغىدى.

[44] ئۇ يەنە داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ كېلىۋەر، مەن تېنىڭنى ھاۋادىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارغا بېرەي!

[45] _ سەن نەيزە-قىلىچ بىلەن ماڭا قارشى كەلدىڭ، _ دېدى داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىككە، _ لېكىن مەن بولسام سەن ھاقارەتلەپ تۇرغان ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ خۇداسى _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ساڭا قارشى كەلدىم.

[46] مانا بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ، سېنى ئۆلتۈرۈپ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن، شۇنداقلا فىلىستىيەلىك لەشكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ھاۋادىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا ۋە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ.

[47] يەنە بۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەن شۇنى بىلىدۇكى، پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشتا قىلىچ بىلەن نەيزىگە تايانمايدۇ، ئۇ جەڭدە شۈبھىسىز غالىب كەلگۈچىدۇر، ئۇ سىلەرنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ.

[48] گوليات داۋۇتقا ھۇجۇم قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا قاراپ توختىماي ماڭغاندا، داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن ئۇ تەرەپكە قاراپ ئىتتىك يۈگۈردى.

[49] داۋۇت خالتىسىدىن بىر تاشنى ئېلىپ سالغىسىغا سېلىپ بىر ئېتىۋىدى، ئۇ تاش فىلىستىيەلىكنىڭ دەل پېشانىسىگە تېگىپ، پېتىپ كىردى. فىلىستىيەلىك يەرگە دۈم چۈشتى.

[50] شۇنداق قىلىپ داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىكنى سالغا ۋە تاش بىلەن يەڭدى. ئۇ چاغدا داۋۇتنىڭ قولىدا قىلىچ يوق ئىدى.

[51] ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ فىلىستىيەلىكنىڭ غىلىپىدىن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز پالۋىنىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاچتى.

[52] يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەن لەشكەرلەر قىيا-چىيا قىلىشىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گاتقىچە ۋە ئەقرون قوۋۇقىغىچە قوغلاپ باردى. ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ جەسىتى شائارايىمغا بارىدىغان يولغىچە، ھەتتا گات ۋە ئەقرونغىچە يېتىپ كەتتى.

[53] ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارگاھىنى بۇلاپ-تالىدى.

[54] داۋۇت گولياتنىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، ئۇنىڭ قورال-يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىدا قالدۇردى.

[55] سائۇل داۋۇتنىڭ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىشىشقا چىققانلىقىنى كۆرۈشى ھامان، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئابنېردىن: _ ھەي ئابنېر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى. _ ئى پادىشاھى ئالەم، نامىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن راستتىنلا بىلمەيدىكەنمەن، _ دېدى ئابنېر.

[56] _ سەن بېرىپ سوراپ باق، ئۇ يىگىت زادى كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن، _ دېدى پادىشاھ.

[57] داۋۇت فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ كەلگەندە، ئابنېر ئۇنى سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى، فىلىستىيەلىكنىڭ بېشى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى.

[58] _ ھەي يىگىت! سەن كىمنىڭ ئوغلى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل. _ مەن بەيتلەھەملىك قۇللىرى يىشاينىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى داۋۇت.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters