[1] سائۇل تەختكە چىققان ۋاقتىدا ئوتتۇز ياش ئىدى، ئىسرائىلىيەگە قىرىق ئىككى يىل پادىشاھ بولدى.
[2] سائۇل ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى، ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى؛ بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.
[3] يوناتان گەبادىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭدى. بۇ خەۋەر فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا تېز تارقالدى. ئۇ چاغدا سائۇل پۈتۈن يۇرتتا بۇرغا چالدۇرۇپ، ئىبرانىيلارنى ئۇرۇشقا چاقىردى.
[4] بارلىق ئىسرائىللار: «سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەم فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىسرائىللارغا ئۆچلۈكىنى بىلىپ، چاقىرىق بويىچە گىلگالغا كېلىپ، سائۇلغا ئەگەشتى.
[5] فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى، ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئات ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە لەشكەرلەرنى يىغىپ كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا چېدىر تىكتى.
[6] ئەمما ئىسرائىللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، كامارلارغا، قىيا تاشلار ئارىسىغا، قەبرىلەرگە ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى.
[7] بىر قىسىملىرى بولسا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلئاد زېمىنىغا ئۆتۈپ كەتتى. سائۇل تېخىچە گىلگالدا ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەھىمە باستى.
[8] سائۇل، سامۇئىل ئۆزىگە ئېيتقاندەك يەتتە كۈن كۈتتى، ئەمما سامۇئىل تېخىچە گىلگالغا يېتىپ كەلمىگەنىدى. شۇڭا كىشىلەر سائۇلدىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىشكە باشلىدى.
[9] سائۇل: _ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى. ئاندىن ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.
[10] لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئەمدىلا قىلىپ بولغاندا، سامۇئىل يېتىپ كەلدى. سائۇل ئۇنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىققانىدى،
[11] سامۇئىل: _ سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ _ دېدى. _ قارىسام خەلق مەندىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ، سىزمۇ دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلمىدىڭىز، يەنە كېلىپ فىلىستىيەلىكلەر مىكماسقا توپلىنىشتى.
[12] شۇڭا مەن ئىچىمدە: «ئەمدى فىلىستىيەلىكلەر گىلگالغا كېلىپ، ماڭا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى، مەن تېخى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىگەن تۇرسام» دەپ ئويلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، _ دېدى سائۇل.
[13] _ سەن ئەخمەقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدىڭ! بولمىسا، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ئۈستىدىكى پادىشاھلىق ئورنۇڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم تۇرغۇزاتتى.
[14] ئەمدى سېنىڭ پادىشاھلىق ئورنۇڭ ئۇزاققا بارمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىگە مۇۋاپىق بىر ئادەمنى تاپتى. ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ بېشى قىلدى. چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغان ئەمرگە رىئايە قىلمىدىڭ، _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا.
[15] ئاندىن سامۇئىل گىلگالدىن ئايرىلىپ، ئۆز يولىغا كەتتى. قالغانلىرى سائۇلغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن جەم بولدى. ئۇلار گىلگالدىن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھقا كەلدى. سائۇل ئۆز ئادەملىرىنى سانىۋىدى، ئالتە يۈزچە چىقتى.
[16] سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھتا توختاپ قالدى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا مىكماستا بارگاھ قۇرغانىدى.
[17] بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئۈچ سەپكە بۆلۈنگەن زەربىدار قىسىملىرى بارگاھىدىن چىقتى. بىر قىسمى شىمالغا قاراپ، شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھقا يول ئالدى،
[18] بىر قىسمى غەربكە قاراپ، بەيت-خورونغا بارىدىغان يولغا چۈشتى، يەنە بىر قىسمى چۆلنىڭ چېتىدىكى زىبوئىم جىلغىسىغا قارايدىغان تاغقا قاراپ ماڭدى.
[19] ئۇ چاغلاردا پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە بىرمۇ تۆمۈرچى يوق ئىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ، نەيزە سوقتۇرۇۋالمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ تۆمۈرچىلىك قىلىشىغا يول قويمىغانىدى،
[20] شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى كەتمەن، پالتا، ئورغاق ۋە ساپان چىشلىرىنى بىلەش ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قېشىغا باراتتى.
[21] ساپان چىشلىرى ياكى كەتمەن بىلەشنىڭ ھەققى سەككىز گىرام كۈمۈش، ئۈچ چىشلىق ئارا، پالتا ياكى كالا نوقۇيدىغان زىخنى بىلەشنىڭ ھەققى تۆت گىرام كۈمۈش ئىدى.
[22] شۇڭا ئۇرۇش بولىدىغان ۋاقىتلارغا كەلگەندە، يالغۇز سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاندىلا نەيزە-قىلىچ بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا يا قىلىچ، يا نەيزە يوق ئىدى.
[23] ئەينى ۋاقىتتا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى مىكماستىكى داۋانغا مۇھاپىزەتچىلىككە چىققانىدى.