[1] داۋۇت نوب دېگەن شەھەرگە كېلىپ، روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا باردى، ئاخىمەلەك ئۇنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈۋالدى. _ نېمىشقا يالغۇز كەلدىڭىز، ئادەملىرىڭىز يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى ئاخىمەلەك.
[2] _ پادىشاھ ماڭا بىر ئىشنى بۇيرۇپ: «مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىشنى ھېچكىم بىلمىسۇن» دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئۆز ئادەملىرىمگە ئۇلارنىڭ مېنى مەلۇم جايدا ساقلاپ تۇرۇشىنى تاپىلاپ قويۇپ كەلدىم.
[3] ئەمدى يېگۈدەك نېمىڭىز بار؟ بەش نان ياكى باشقا نېمىلا نەرسىڭىز بولسا بېرىڭا، _ دېدى داۋۇت روھانىي ئاخىمەلەككە.
[4] _ مەندە ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نانلا بار. سىز ئۇنىڭغا پەقەت ئادەملىرىڭىز يېقىندىن بېرى ئۆزلىرىنى ئايال زاتىدىن نېرى تۇتقان بولسىلا ئېرىشەلەيسىز، _ دەپ جاۋاب بەردى روھانىي.
[5] _ ئەلۋەتتە ئاياللارغا يېقىنلاشمىدۇق، _ دېدى داۋۇت، _ بىز ئادەتتىكى ۋەزىپىگە ئاتلانغاندا، ئادەملىرىم ئۆزلىرىنى پاك تۇتىدۇ. بۇ قېتىم ئالاھىدە ۋەزىپىگە چىققانلىقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداقتۇر.
[6] شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي باشقا نان بولمىغاچقا، داۋۇتقا مۇقەددەس نانلاردىن بەردى. بۇ نانلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يېڭى نان كەلگەچكە ئۇ يەردىن ئېلىۋېتىلگەنىدى.
[7] شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق باش پادىچىسى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى.
[8] داۋۇت ئاخىمەلەكتىن: _ سىزدە قىلىچ، نەيزە بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى جىددىي بولغاچقا، يېنىمغا يا قىلىچ، يا نەيزە ئېلىپ چىقمىغانىدىم.
[9] _ سىز ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە، ئۇ روھانىيلىق تونىنىڭ كەينىدە ماتاغا يۆگەكلىك تۇرىدۇ، خالىسىڭىز شۇنى ئېلىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا قورال-ياراغ يوق، _ دېدى روھانىي. _ ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان قىلىچ يوق، شۇنى ماڭا بېرىڭ، _ دېدى داۋۇت.
[10] شۇ كۈنى داۋۇت سائۇلدىن قېچىپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا باردى.
[11] ئاكىشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئاكىشقا: _ بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى داۋۇتقۇ؟ ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەنلەپ-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشمىغانمىدى؟! _ دېدى.
[12] داۋۇت بۇ سۆزلەرنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىدى ۋە گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ، ئۆزىگە بىر نېمە قىلىشىدىن بەك قورقۇپ كەتكەچكە،
[13] ئۇلار بار يەردە ئەتەي تەلۋىلىك قىلىپ يۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا بولغانلىقتىن، ساراڭ بولۇۋېلىپ، شەھەر دەرۋازىسىغا قالايمىقان يېزىپ-سىزىپ، ساقىلىغا شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ يۈردى.
[14] ئاكىش ئەمەلدارلىرىغا: _ قاراڭلار! بۇ ئادەم ساراڭ ئىكەن، نېمىدەپ ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟
[15] ماڭا ساراڭ كەم بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ساراڭلىق قىلىپ بەرسۇن، دەپ ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئادەمنى ئۆيۈمدىن يىراق قىلىڭلار! _ دېدى.