Skip to content
Opens in a new window

[1] داۋۇتقا: «فىلىستىيەلىكلەر قىيلاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، خامانلاردىكى ئاشلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى.

[2] شۇ سەۋەبتىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بېرىپ ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيلاھنى قۇتقۇز، _ دېدى.

[3] داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا داۋۇتقا: _ بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇقلۇق قورقۇۋاتساق، قىيلاھقا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىغا ھۇجۇم قىلىپ بارىمىزمۇ تېخى؟ _ دېيىشتى.

[4] داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان بولغاندىكىن، سەن قىيلاھقا بار، _ دەپ جاۋاب بەردى.

[5] شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قىيلاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت قىيلاھ ئاھالىسىنى قۇتقۇزدى.

[6] ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئەبىياتار قىيىلاھتا تۇرغان داۋۇتنىڭ يېنىغا قېچىپ بارغاندا، ئۇ ئۆزى بىلەن ئېفودنى ئېلىۋالغانىدى.

[7] سائۇلغا: «داۋۇت قىيلاھقا كەپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل: _ داۋۇت دەرۋازا ۋە سېپىللىرى پۇختا شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قاپتۇ، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغانلىقى _ دېدى.

[8] سائۇل داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قامالغا ئېلىش مەقسىتىدە ھەممە لەشكەرلىرىنى قىيلاھقا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

[9] داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەبىياتارغا: _ ئېفودنى ئەكەل، _ دېدى.

[10] ئاندىن ئۇ خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! مەن سائۇلنىڭ مېنى دەپ قىيلاھقا كېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدىم.

[11] قىيلاھنىڭ ھاكىملىرى مېنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ سائۇل مەن ئاڭلىغاندەك قىيلاھ شەھىرىگە كېلەرمۇ؟ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، پېقىرغا يول كۆرسەتكەيسەن! _ سائۇل كېلىدۇ، _ دېدى پەرۋەردىگار.

[12] _ قىيلاھنىڭ ھاكىملىرى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ _ دېدى داۋۇت يەنە. _ تاپشۇرىدۇ، _ دېدى پەرۋەردىگار.

[13] شۇڭا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، تەخمىنەن جەمئىي ئالتە يۈز كىشى قىيلاھتىن چىقىپ، ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئايلىنىپ يۈرۈشتى. بەزىلەر بۇ ئەھۋالنى سائۇلغا يەتكۈزۈۋىدى، ئۇ قىيلاھقا بارمايدىغان بولدى.

[14] داۋۇت چۆلدە، تاغلاردا، يەنى زىف چۆلىدىكى غارلاردا پاناھلىنىپ تۇراتتى. سائۇل داۋۇتنى ھەر كۈنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ داۋۇتنى تۇتۇۋېلىشىغا يول قويمىدى.

[15] داۋۇت زىف چۆلىدىكى خوراش دېگەن جايدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، سائۇلنىڭ ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدى.

[16] سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇ يەرگە بېرىپ، داۋۇت بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.

[17] _ قورقما! _ دېدى يوناتان ئۇنىڭغا، _ ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ.

[18] ئۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار ئالدىدا، چىن دوستلۇق ئۈچۈن ئەھدە قىلىشتى. يوناتان ئۆيىگە كەتتى، داۋۇت بولسا ئاۋۋالقىدەكلا خوراشتا تۇرۇپ قالدى.

[19] زىفلىقلار گىبئاھقا بېرىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا: _ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ جەنوبىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىككە جايلاشقان خوراشتىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇ.

[20] پادىشاھى ئالەم، خالىغان چاغلىرىدا يولغا چىقسىلا، داۋۇتنى قوللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز، _ دېيىشتى.

[21] _ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن، _ دېدى سائۇل،

[22] _ ئەمدى سىلەر يەنە بېرىپ، ئۇنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنى كىمنىڭ كۆرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. ماڭا مەلۇم بولۇشىچە ئۇ تولىمۇ قۇۋ ئىكەن.

[23] شۇڭا، ئۇ ئادەتتە يوشۇرۇنىدىغان يەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ماڭا كېلىپ ھەقىقىي مەلۇماتنى بېرىڭلار، ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە بارىمەن. ئەگەر ئۇ ئۇ يەردە بولسىلا، ئۇنى يەھۇدا جەمەتلىرى ئىچىدىن تاپماي قويمايمەن.

[24] زىفلىقلار يولغا چىقىپ، سائۇلدىن ئاۋۋال زىفقا قايتىپ كەلدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بولسا مائون چۆلىگە جايلاشقان يېشىموننىڭ جەنوبىدىكى ئارابا رايونىدا ئىدى.

[25] سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنى ئىزدەشكە ماڭدى. داۋۇت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، مائون چۆلىدىكى بىر تىك تاغنىڭ يېنىدا قالدى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، داۋۇتنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن مائون چۆلىگە باردى.

[26] سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن ماڭسا، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ ئۇ تەرىپى بىلەن ماڭاتتى. ئۇلار سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدىراپ قېچىۋاتقاندا، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتىمىز دەپ، ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئېلىشقا باشلىدى.

[27] لېكىن بىر ئەلچى كېلىپ سائۇلغا: _ تېز قايتمىسىڭىز بولمىدى، فىلىستىيەلىكلەر يۇرتىمىزغا ھۇجۇم قىلدى _ دېدى.

[28] شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى قوغلىماي، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشقىلى قايتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەر «قۇتۇلۇش قىياسى» دەپ ئاتالدى.

[29] داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېنگەدى بوستانلىقىدىكى پاناھلىنىدىغان غارلارغا ئورۇنلاشتى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters