[1] سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتقاندا، ئۇنىڭغا: «داۋۇت ئېنگەدى چۆلىدە تۇرۇۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر كەلدى.
[2] سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇت بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىزدەپ «ياۋا تېكە» قىيا تاشلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى.
[3] سائۇل يول بويىدا قوي قوتانلىرى بار يەرگە كەلگەندە، بىر غارنى كۆرۈپ، ھاجەت قىلغىلى كىردى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دەل شۇ غارنىڭ ئىچكىرىسىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغانىدى.
[4] داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار سىزگە: «دۈشمىنىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل» دېگەنىدى، قاراڭ، مانا بۈگۈن شۇ پەيت كەلدى! _ دېدى. داۋۇت ئاستا قوپۇپ سائۇلنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىدىن تۇيدۇرماي بىر پارچە كېسىۋالدى،
[5] بىراق بۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن داۋۇت كۆڭلىدە ئۆزىنى ئەيىبلىدى.
[6] _ پەرۋەردىگار مېنى ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈشۈمدىن ساقلىسۇن، خوجايىنىمغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەم ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھتۇر، _ دېدى ئۇ ئادەملىرىگە.
[7] داۋۇت شۇنداق دەپ ئۆز ئادەملىرىگە تەنبىھ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سائۇلغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىگە ئىجازەت بەرمىدى. سائۇل غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا راۋان بولدى.
[8] شۇنىڭ بىلەن داۋۇتمۇ غاردىن چىقتى ۋە سائۇلنىڭ ئارقىسىدىن: _ ھەي پادىشاھ ئالىيلىرى! _ دەپ سائۇلنى چاقىردى. سائۇل بۇرۇلۇپ، داۋۇتنىڭ يەرگە باش قويۇپ، ئۆزىگە تەزىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
[9] داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ نېمىشقا كىشىلەرنىڭ: «داۋۇت سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرىسىز؟
[10] مانا بۈگۈن ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىز، پەرۋەردىگار غاردا سىزنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، بەزىلەر «ئۆلتۈر» دېدى، لېكىن مەن سىزنى كەچۈردۈم. مەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ ئالىيلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەم بولمايدۇ» دېدىم.
[11] ھەي ئاتا، قاراپ بېقىڭا، ئېتىكىڭىزنىڭ بىر پارچىسى مانا مېنىڭ قولۇمدا تۇرۇپتۇ، سىزنى ئۆلتۈرمەي ئېتىكىڭىزنىلا كېسىۋالغانلىقىمدىن مەندە يا يامانلىق، يا گۇناھنىڭ يوقلۇقىنى بىلىۋالالايسىز. گەرچە مەن سىزگە قىلچىلىك يامان نىيەتتە بولمىغان بولساممۇ، لېكىن سىز مېنىڭ جېنىمنى ئېلىش قەستىدە بولۇۋاتىسىز.
[12] كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقىغا پەرۋەردىگار ھۆكۈم چىقارغاي، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن سىزدىن ئىنتىقام ئالغاي، مەن سىزگە قول تەگكۈزمەيمەن.
[13] «يامانلىق يامانلاردىن كېلەر» دېگەن ماقال بار، شۇڭا مەن سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن.
[14] ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقىپتۇ؟ سىز كىمنى قوغلاپ يۈرىسىز؟ ئەمەلىيەتتە قوغلاپ يۈرگىنىڭىز بىر ئۆلۈك ئىت، كىچىككىنە بىر بۈرگە، خالاس!
[15] پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا سوتچى بولۇپ، ھەق-ناھەققە ھۆكۈم چىقارسۇن، ئىشنى تەكشۈرۈپ، مېنى ئاقلىسۇن ۋە مېنى سىزنىڭ قولىڭىزدىن قۇتقۇزسۇن!
[16] داۋۇتنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، سائۇل: _ ئوغلۇم داۋۇت! بۇ راستتىنلا سەنمۇ؟ _ دېدى ۋە قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
[17] _ سەن توغرا قىلدىڭ، مەن بولسام خاتالاشتىم. مەن ساڭا يامانلىق قىلغانىدىم، ئەمما سەن ماڭا ياخشىلىق قىلدىڭ!
[18] بۈگۈن سەن ماڭا يامانلىق قىلمايدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلىدىڭ. گەرچە پەرۋەردىگار بۈگۈن مېنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ.
[19] كىممۇ سەندەك ئۆز دۈشمىنىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەپ يولغا سالىدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ بۈگۈن ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي!
[20] ئەمدى مەن سېنىڭ چوقۇم پادىشاھ بولىدىغانلىقىڭنى، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى بىلدىم.
[21] سەن ھازىر مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنىڭ ۋە ئاتا جەمەتىمنىڭ نامىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى قۇرۇتۇۋەتمەيدىغانلىقىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل!
[22] داۋۇت سائۇلغا قەسەم قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، سائۇل ئۆز ئۆيىگە كەتتى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ تاغدىكى پاناھلىنىدىغان غارغا قايتتى.