[1] سامۇئىل قېرىغان چېغىدا ئۆز ئوغۇللىرىنى ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەنىدى.
[2] تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ بولسا ئابىيا ئىدى، ئىككىلىسى بەئەرشەبا شەھىرىدە يېتەكچىلىك قىلاتتى.
[3] ئۇلار ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتماي، مال-دۇنيا قوغلىشىپ، پارا ئېلىپ، ناھەق ھۆكۈم چىقىراتتى.
[4] شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى جەم بولۇپ، راماھقا سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلدى.
[5] ئۇلار ئۇنىڭغا: _ سىز ياشىنىپ قالدىڭىز، ئوغۇللىرىڭىز بولسا سىزنىڭ يولىڭىزنى تۇتمىدى. شۇڭا بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشقا باشقا ئەللەرنىڭكىدەك بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرسىڭىز، _ دېيىشتى.
[6] ئۇلارنىڭ: «بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشقا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرسىڭىز» دېگەن بۇ تەلىپى سامۇئىلغا ياقمىغانلىقتىن، ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.
[7] پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سال! ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى مېنى تەرك ئەتتى. ئۇلار مېنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمايۋاتىدۇ.
[8] مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن بېرى، ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ كەلمەكتە. ئەمدى سېنىمۇ رەت قىلىۋاتىدۇ.
[9] ھازىر ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال. بىراق ئۇلارنى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلار سورىغان ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قوي!»
[10] سامۇئىل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ:
[11] _ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، سىلەرگە مۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ: ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا تۇتۇۋېلىپ، بەزىلىرىنى ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، بەزىلىرىنى ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈشكە سالىدۇ.
[12] بەزىلىرىنى لەشكەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەيدۇ. بەزىلىرى مىڭ لەشكەرگە باشلىق بولسا، بەزىلىرى ئەللىك لەشكەرگە باشلىق بولىدۇ. ئوغۇللىرىڭلارنى پادىشاھنىڭ يەرلىرىنى تېرىشقا، ئورمىسىنى ئورۇشقا، قورال-ياراغلىرىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياساشقا قويىدۇ.
[13] قىزلىرىڭلارنى ئەتىرچى، ئاشپەز ۋە ناۋاي قىلىپ قويىدۇ.
[14] ئۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئېتىز-ئېرىقلىرىڭلارنى، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ۋە زەيتۇنزارلىقىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىدۇ.
[15] ئاشلىق ۋە ئۈزۈمىڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئېلىۋېلىپ، قوماندانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا تەقدىم قىلىدۇ.
[16] سەرخىل ياش يىگىتلىرىڭلارنى، ئەر ۋە ئايال خىزمەتكارلىرىڭلارنى ھەم ئېشەكلىرىڭلارنى ئېلىپ، ئۆز ئىشىغا سالىدۇ.
[17] قويلىرىڭلارنىڭمۇ ئوندىن بىرىنى تارتىۋالىدۇ. سىلەر ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ قالىسىلەر.
[18] شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارغا تىكلىگەن پادىشاھ دەستىدىن داد-پەرياد چېكىسىلەر، ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، _ دەپ ئاگاھلاندۇردى.
[19] ئەمما خەلق سامۇئىلنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ: _ ياق، بىزگە بىزنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ كېرەك!
[20] شۇ چاغدا بىزمۇ باشقا ئەللەرگە ئوخشاش بولىمىز. پادىشاھىمىز بىزنى باشقۇرىدۇ، ئۇ ئالدىمىزدا بىزنى باشلاپ ماڭىدىغان، جەڭلەردە بىزگە رەھبەرلىك قىلىدىغان بولىدۇ، _ دەپ تۇرۇۋالدى.
[21] سامۇئىل ئۇلارنىڭ بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى.
[22] _ سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەر! _ دېدى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل ئىسرائىللارغا: _ ھەرقايسىڭلار ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، _ دېدى.