[1] فىلىستىيەلىكلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئەبەنەزەردىن ئاشدود شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى.
[2] شۇ يەردە ئۇنى داگوننىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى.
[3] ئاشدودلۇقلار ئەتىسى سەھەردە، داگوننىڭ يۈزىچىلاپ يەرگە يىقىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار داگوننى ئېلىپ، جايىغا تۇرغۇزۇپ قويدى.
[4] ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئۇلار يەنە داگوننىڭ ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىچىلاپ يەرگە يىقىلىپ ياتقانلىقىنى كۆردى. بىراق بۇ قېتىم داگوننىڭ بېشى بىلەن ئىككى قولى سۇنغان ھالدا بوسۇغىدا تۇراتتى، پەقەت گەۋدىسىلا پۈتۈن قالغانىدى.
[5] شۇ سەۋەبلىك تا ھازىرغىچە داگون روھانىيلىرى ۋە ئۇنىڭ بۇتخانىسىغا كىرگۈچىلەر ئاشۇ بوسۇغىنى دەسسىمەيدۇ.
[6] پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى ئاشدود ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنىڭ بېشىغا چۈشتى. ئۇ ئۇلارغا ئازاب سېلىپ، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى ئۆسمە بىلەن قاپلاتتى.
[7] بۇلارنى كۆرگەن ئاشدودلۇقلار: _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزدە تۇرمىسۇن. چۈنكى ئۇ بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق جازالىدى، _ دېيىشتى.
[8] شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى چاقىرتىپ جەم قىلىپ، ئۇلاردىن: _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلساق بولار؟ _ دەپ مەسلىھەت سوراشتى. _ ئۇ گاتقا يۆتكىۋېتىلسۇن! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى گات شەھىرىگە يۆتكىدى.
[9] ئەمما ئۇلار ئۇنى يۆتكىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئېغىر جازاسى ئۇ يەردىكىلەرنىڭمۇ بېشىغا چۈشتى، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. پەرۋەردىگار شەھەر ئاھالىسىنىڭ قېرى-ياش ھەممىسىنى ئۆسمە بىلەن جازالىدى.
[10] شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەقرون شەھىرىگە يۆتكىدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئەقرونلۇقلار: _ ئۇلار بىزنى ۋە پۈتكۈل خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەكېلىشتى، _ دەپ داد-پەرياد كۆتۈرۈپ كېتىشتى.
[11] شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى يەنە چاقىرتىپ جەم قىلىپ، ئۇلارغا: _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز تەۋەلىكىگە ئاپىرىۋېتىڭلار! بولمىسا ئۇ بىزنىڭمۇ، خەلقىمىزنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولىدۇ، _ دېيىشتى. خۇدا نۇرغۇن ئادەملەرنى ھالاك قىلغانىدى، پۈتۈن شەھەردە ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرگەنىدى.
[12] ئۆلمەي قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتتى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاھ-پەريادلىرى كۆككە كۆتۈرۈلدى.