Skip to content
Opens in a new window

[1] داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالدى.

[2] سائۇل شۇ كۈندىن باشلاپ داۋۇتنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ قېلىپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا كەتكىلى قويمىدى.

[3] يوناتان داۋۇتنى ئۆز جېنىدەك ئەزىز كۆرگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى.

[4] يوناتان ئۈستىدىكى تونىنى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، جەڭ كىيىمى، قىلىچى، ئوقيا ۋە كەمىرىنىمۇ بەردى.

[5] سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ۋەزىپىگە ئەۋەتمىسۇن، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ كېلەتتى. شۇڭا سائۇل ئۇنى لەشكەر بېشى قىلىپ قويدى، بۇنىڭدىن لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ۋە سەركەردىلەر بىردەك مەمنۇن بولدى.

[6] داۋۇت گولياتنى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن قىز-چوكانلار چىقىپ، شادلىقتا داپ-دۇمباق ۋە تارلىق سازلارنى چېلىپ، قوشاق ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، سائۇل پادىشاھنى قارشى ئېلىشتى.

[7] قىز-چوكانلار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەنلەپ-تۈمەنلەپ» دەپ ئۇسسۇل ئويناپ، قوشاقلار قاتقانىدى.

[8] سائۇل بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، چۈنكى بۇ قوشاق ئۇنىڭغا ياقمىغانىدى. شۇڭا: _ ئۇلار تۈمەننى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى داۋۇتقا، مىڭنى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى ماڭا بەرگەن بولسا، ئەمدى ئۇنىڭغا بېرىلمىگىنى شۇ بىر پادىشاھلىقلا قاپتۇ-دە، _ دېدى.

[9] شۇ كۈندىن باشلاپ سائۇل داۋۇتقا ھەسەت بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدى.

[10] ئەتىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بىر يامان روھ سائۇلغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشۈپ، ئۇنى ئۆيىدە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت بولسا ئادەتتىكىدەكلا ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى.

[11] سائۇل: «نەيزە بىلەن داۋۇتنى تامغا مىخلاپلا قويايچۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ نەيزە ئېتىۋىدى، داۋۇت ئىككى قېتىم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى.

[12] پەرۋەردىگار سائۇلدىن ئايرىلىپ، داۋۇتقا يار بولغانلىقى ئۈچۈن، سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى.

[13] شۇڭا سائۇل داۋۇتنى ئۆزىنىڭ يېنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، لەشكەرلەرنىڭ سەركەردىسى قىلىپ قويدى، داۋۇت لەشكەرلەرگە باش بولۇپ جەڭگە باراتتى.

[14] پەرۋەردىگار داۋۇتقا يار بولغاچقا، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشەتتى.

[15] سائۇل داۋۇتنىڭ ھەممە ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى.

[16] لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەنلەر داۋۇتقا ئامراق ئىدى، چۈنكى ئۇ جەڭلەردە ئالدىنقى سەپتىكى سەركەردە ئىدى.

[17] سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن مېنىڭ پالۋىنىم بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.

[18] _ مەن كىم ئىدىم؟ ئۇرۇق-جەمەتىم مېنىڭ پادىشاھىمىزغا كۈيۈ ئوغۇل بولۇشۇمغا قانداقمۇ ئەرزىيدۇ؟ _ دېدى داۋۇت.

[19] لېكىن سائۇلنىڭ قىزى مېراب داۋۇتقا ياتلىق قىلىنىدىغان چاغدا، سائۇل ئۇنى مىخولاھلىق ئادرائىلغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتتى.

[20] ۋاھالەنكى، سائۇلنىڭ ئىككىنچى قىزى مىكال داۋۇتقا ئاشىق ئىدى، بۇنىڭدىن سائۇل خەۋەر تېپىپ خۇشال بولۇپ كەتتى.

[21] سائۇل ئىچىدە: «مەن مىكالنى داۋۇتقا بەرسەم، قىزىم ئارقىلىق ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرگۈزىمەن» دەپ ئويلىدى-دە، داۋۇتقا ئىككىنچى قېتىم: _ سەن ماڭا كۈيۈ ئوغۇل بول، _ دېدى.

[22] سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ «پادىشاھ سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ سېنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا سەن پادىشاھقا كۈيۈ ئوغۇل بول» دەپ، داۋۇتقا يوشۇرۇنچە ئېيتىڭلار، _ دېدى.

[23] سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ ئەنە شۇنداق دېگەنىدى، داۋۇت: _ پادىشاھنىڭ كۈيۈ ئوغلى بولۇش سىلەرچە شۇنداق كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بىر كەمبەغەل ۋە ئەرزىمەس ئادەم تۇرسام، _ دېدى.

[24] سائۇلنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنىڭ سۆزىنى سائۇلغا يەتكۈزۈۋىدى،

[25] سائۇل ئادەملىرىگە: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن، شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى. سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى.

[26] سائۇلنىڭ ئادەملىرى بۇ گەپنى داۋۇتقا يەتكۈزگەنىدى، داۋۇت پادىشاھنىڭ كۈيۈ ئوغلى بولىدىغانلىقىدىن خۇشال بولدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قەرەلى توشماستىنلا يولغا چىقىپ ئىككى يۈز فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى، داۋۇت كۈيۈ ئوغۇل بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خەتنە تېرىلىرىنى ئېلىپ، سانى بىلەن سائۇلغا تاپشۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىزى مىكالنى داۋۇتقا خوتۇنلۇققا بەردى.

[28] سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا يار بولغانلىقىنى ھەم قىزى مىكالنىڭمۇ داۋۇتقا ئامراق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ،

[29] داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ ئۆتتى.

[30] فىلىستىيەلىك قوشۇنلار قاچانلا ھۇجۇم قىلمىسۇن، ئۇلارغا قارشى تۇرۇشتا داۋۇت سائۇلنىڭ باشقا سەركەردىلىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ نامى كۈندىن-كۈنگە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters