Skip to content
Opens in a new window

[1] سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتتى. پۈتۈن ئىسرائىللار يىغىلىپ ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھتا دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا پاران چۆلىگە كەتتى.

[2] كالىب قەبىلىسىدىن بولغان مائونلۇق نابال ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ قەۋەتلا باي ئادەم بولۇپ، ئۈچ مىڭ قويى، بىر مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ مال-دۇنياسى كارمەل شەھىرىدە ئىدى. نابالنىڭ ئابىگال ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇ ھەم ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئىدى؛ لېكىن نابال بولسا مىجەزى تولىمۇ چۇس، توڭ ئادەم ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كارمەلدە قويلىرىنىڭ يۇڭىنى قىرقىۋاتاتتى.

[4] چۆلدە يۈرگەن داۋۇت نابالنىڭ قويلىرىنىڭ يۇڭىنى قىرقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،

[5] يىگىتلىرىدىن ئوننى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى: _ سىلەر كارمەلگە بېرىپ نابال بىلەن كۆرۈشۈڭلار، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭلار

[6] ۋە مېنى: «ئۆزلىرىگە، ئائىلىلىرىگە ۋە سىلىگە تەۋە بولغانلارغا تەن سالامەتلىك ۋە مەمۇرچىلىق تىلەيمەن.

[7] ئاڭلىسام قويلىرىنىڭ يۇڭلىرىنى قىرقىۋېتىپتىلا، ئۆزلىرىنىڭ مالچىلىرى بىز بىلەن كارمەلدە باردى-كەلدى قىلغاندا، ئۇلارغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىگەنىدۇق، ئۇلار ھېچ نەرسىسىنى يوقاتمىغانىدى.

[8] ئادەملىرىدىن سوراپ باقسىلا، ئۇلار ئېيتىپ بېرىدۇ. بىز ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەيمىز. خىزمەتكارلىرىم ھۇزۇرلىرىغا بايرام كۈنلىرى يېتىپ باردى، بۇ خىزمەتكارلىرىڭىزغا شۇنداقلا ئوغۇللىرى داۋۇتقا قوللىرىدىن كېلىشىچە ياردەم كۆرسەتكەيلا، دېدى» دەڭلار.

[9] داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر كېلىپ، داۋۇتنىڭ نامىدا بۇ گەپلەرنى نابالغا ئېيتىپ، جاۋاب كۈتۈپ تۇردى.

[10] لېكىن نابال داۋۇتنىڭ يىگىتلىرىگە مۇنداق جاۋاب بەردى: _ كىم ئۇ داۋۇت دېگەن؟ كىم ئۇ يىشاينىڭ ئوغلى دېگەن؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز خوجايىنلىرىدىن قېچىپ يۈرگەن خىزمەتكارلار ناھايىتى كۆپ.

[11] مەن قانداقسىگە ئاش-نېنىمنى ۋە قويلىرىمنىڭ يۇڭىنى قىرقىۋاتقانلارغا دەپ سويغان مالنىڭ گۆشىنى نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان بىرلىرىگە بېرەي؟

[12] داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتىپ كەتتى. ئۇلار داۋۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا نابالنىڭ سۆزلىرىنى ئەينەن يەتكۈزدى.

[13] داۋۇت ئادەملىرىگە: _ ھەربىرىڭلار قىلىچلىرىڭلارنى ئېسىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قىلىچلىرىنى ئېسىشتى، داۋۇتنىڭ ئۆزىمۇ قىلىچىنى ئاستى. ئىككى يۈز ئادەم ياراغ-جابدۇقلارنى ساقلاشقا قېلىپ، تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن يولغا چىقتى.

[14] بۇ ئىشلار بولۇۋاتقاندا، نابالنىڭ بىر خىزمەتكارى نابالنىڭ ئايالى ئابىگالغا: _ قارىسىلا، داۋۇت چۆلدىن خوجايىنىمىزغا سالامغا ئەلچى ئەۋەتىپتىكەن، خوجايىنىمىز ئۇلارنى ھاقارەتلەپتۇ.

[15] لېكىن ئۇلار بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغان. بىز چۆل-باياۋاندا ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بىزگە ھېچ زەرەر يەتكۈزمىگەنىدى، بىز ھېچ نەرسىمىزنى يوقاتمىغانىدۇق.

[16] بىز ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، قويلىرىمىزنى بېقىپ يۈرگەن كۈنلەردە، ئۇلار بىزنى كېچە-كۈندۈز تامدەك قوغدىغانىدى.

[17] ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزلىرى ئويلىنىپ باقسىلا، خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ گېپىنى يېمەيدۇ، _ دېدى.

[18] ئابىگال دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، پىشۇرۇلغان بەش قوينىڭ گۆشى، ئىككى خالتا قوماچ، يۈز ئوچۇم كىشمىش ۋە ئىككى يۈز ئوچۇم قۇرۇتقان ئەنجۈر تەييارلاپ، ئېشەكلەرگە ئارتىپ،

[19] خىزمەتكارلىرىغا: _ سىلەر مېڭىۋېرىڭلار، مەن كەينىڭلاردىن بارىمەن _ دېدى. لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئېرى نابالغا ئېيتمىدى.

[20] ئابىگال ئېشىكىگە مىنىپ، تاغنىڭ ئەگمىسىدىن چۈشۈۋاتقاندا، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كېلىپ قالدى.

[21] داۋۇت ئادەملىرىگە مۇنداق دەۋاتاتتى: _ مېنىڭ چۆل-باياۋاندا بۇ كىشىنىڭ ماللىرىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ نەرسىلىرىدىن ھېچنېمىسىنى يوقاتمىغانلىقىم بىكار بوپتۇ، قاراڭلار ئۇنىڭ ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرغىنىنى.

[22] خەپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە بۇ ئادەمگە تەۋە ئەركەك زاتىدىن بىرەرسىنى تىرىك قالدۇرىدىغان بولسام، پەرۋەردىگار مېنى ئېغىر جازالىغاي!

[23] ئابىگال داۋۇتنى كۆرۈپ دەرھال ئېشىكىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.

[24] ئۇ يەنە داۋۇتنىڭ پۇتى ئالدىدا تىزلىنىپ: _ تەقسىر، بۇ گۇناھ ماڭا ئارتىلسۇن، كېنىزەكلىرىگە ئىجازەت بەرگەيلا، سۆز قىلغىلى قويۇپ، سۆزىگە قۇلاق سالغايلا.

[25] تەقسىر، سىلى مىجەزى چۇس نابالغا ئېتىبار قىلمىغايلا، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىدەك ئەخمەق ئادەم [«نابال» ئەخمەق دېگەن مەنىدە]، مەنكى كېنىزەكلىرى سىلى ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمەي قاپتىمەن.

[26] ھەي تەقسىرىم، ئەمدى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلىنىڭ جانلىرى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ قان تۆكۈشلىرىگە، شۇنداقلا ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆچ ئېلىشلىرىغا يول قويمىدى، شۇڭا سىلىنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە سىلىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە دەل شۇ نابالنىڭ كۈنى كەلگەي.

[27] ئەمدى كېنىزەكلىرى ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغايلا ۋە ئۆزلىرى بىلەن كەلگەن يىگىتلەرگە بەرگەيلا.

[28] كېنىزەكلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە مۇستەھكەم تۇرىدىغان خانىدانلىق ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى ئۆزلىرى پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلىپ كېلىۋاتىلا. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۆمۈرلىرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچبىر يامانلىق قىلمايلا.

[29] بىرەرسى سىلىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەينىلىرىگە چۈشسىمۇ، پەرۋەردىگار خۇدالىرى جانلىرىنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلايدۇ، دۈشمەنلىرىنىڭ جانلىرىنى سالغىغا سېلىپ ئاتقان تاشتەك پىرقىرىتىپ ئېتىۋېتىدۇ.

[30] پەرۋەردىگار سىلىگە ۋەدە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيەگە باش قىلغان چاغدا،

[31] «ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈم» دەپ، ۋىجدانلىرى ئالدىدا بىئارام بولۇشلىرىنىڭ ھاجىتى يوق. پەرۋەردىگار سىلىگە بەخت-سائادەت ئاتا قىلغاندا، كېنىزەكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغايلا، _ دېدى.

[32] داۋۇت ئابىگالغا: _ سىزنى بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!

[33] ئەقلىڭىز ئۈچۈن ۋە مېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ قان تۆكۈشتىن ساقلاپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن خۇدا سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي!

[34] پەرۋەردىگار مېنىڭ سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشۈمنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مۇبادا سىز مېنىڭ ئالدىمغا تېز كەلمىگەن بولسىڭىز، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە نابالنىڭ ئادەملىرىدىن بىرمۇ ئەركەك زاتى تىرىك قالمىغان بولاتتى، _ دېدى ۋە

[35] ئابىگال ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلدى. _ سۆزىڭىزنى تىڭشاپ، ئىلتىجايىڭىزنى قوبۇل قىلدىم، ئەمدى ئامان-ئېسەن ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، _ دېدى.

[36] ئابىگال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، نابال ئۆيىدە خۇددى پادىشاھتەك كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئۇ ھاراق ئىچىپ قاتتىق مەست بولۇپ، خۇشال-خۇراملىقتا ئىدى، شۇڭا ئابىگال ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى.

[37] ئەتىسى ئەتىگەندە نابالنىڭ مەستلىكى يېشىلگەن چاغدا، ئايالى ئۇنىڭغا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. نابال بۇلارنى ئاڭلاپ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، پالەچ بولۇپ قالدى،

[38] تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

[39] داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن، نابال مېنى ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۆزى مېنى ئاقلاپتۇ ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. ئۇ نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى.

[40] داۋۇتنىڭ ئادەملىرى كارمەلگە بېرىپ، ئابىگال بىلەن كۆرۈشۈپ: _ داۋۇت سىزنى ئەمرىمگە ئالسام دەپ، بىزنى ئەلچىلىككە ئەۋەتتى، _ دېدى.

[41] ئابىگال يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ، ئۇلارغا: _ مەن خوجامنىڭ كېنىزىكى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇشقىمۇ تەييارمەن، _ دېدى.

[42] ئابىگال دەرھال جابدۇنۇپ، ئېشىكىگە مىنىپ، بەش كېنىزىكىنى ئېلىپ، داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىللە بېرىپ، داۋۇتقا ياتلىق بولدى.

[43] ۋاھالەنكى، داۋۇت يىزرىئەللىك ئاخىنوئامنىمۇ ئەمرىگە ئالغانىدى، شۇ تەرىقىدە داۋۇت ئىككى خوتۇنلۇق بولدى.

[44] داۋۇتنىڭ بىرىنچى خوتۇنى مىكالنى ئاتىسى سائۇل پالتىغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتكەنىدى. پالتى گاللىملىق لايىشنىڭ ئوغلى ئىدى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters