Skip to content
Opens in a new window

[1] ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ، سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى-دە،

[2] ئالتە يۈز ئادىمىنى باشلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ، مائوكنىڭ ئوغلى، گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا پاناھلانغىلى كەلدى.

[3] ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، گاتتا ئاكىشنىڭ يېنىغا جايلاشتى، داۋۇتنىڭ ئىككى خوتۇنى يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن كارمەللىك ئابىگالمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى.

[4] «داۋۇت گاتقا قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل ئۇنى ئىزدەشتىن توختىدى.

[5] داۋۇت ئاكىشقا: _ ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق ئادەم بولسام، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن ياشاشقا بىر جاي بەرسىلە، پېقىر قانداقسىگە ئۆزلىرى بىلەن پايتەختتە ياشسۇن، _ دېگەنىدى،

[6] ئاكىش شۇ كۈنىلا زىقلاق شەھىرىنى ئۇنىڭغا بەردى. شۇ سەۋەبتىن زىقلاق شەھىرى تاكى ھازىرغىچە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە.

[7] داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىدا بىر يىل تۆت ئاي تۇردى.

[8] بۇ جەرياندا داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. بۇ خەلقلەر تىلائىمدىن تارتىپ شۇرغىچە، ھەتتا مىسىرغىچە بولغان جايلاردا ياشاپ كەلگەنىدى.

[9] داۋۇت ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا يا ئەر، يا ئاياللاردىن بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايتتى. قوي، كالا، تۆگە، ئېشەك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئولجا ئېلىپ كېلىپ، ئاكىش بىلەن كۆرۈشەتتى.

[10] ئاكىش: «سىلەر بۇ قېتىم قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلدىڭلار؟» دەپ سورىسا، داۋۇت بەزىدە: «يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دېسە، بەزىدە: «يىراخمىئېللارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» ياكى: «قېنلارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى.

[11] داۋۇت ھېچكىمنى گاتقا ئېلىپ كەلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئادەملىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ بىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن تىرىك قالدۇرمايتتى. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان چېغىدا داۋاملىق شۇنداق قىلاتتى.

[12] ئاكىش داۋۇتقا ئىشىنەتتى ۋە ئىچىدە: «داۋۇت ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ئۆزىنى قەبىھ دۈشمەن قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇپ ئۆتىدۇ» دەپ ئويلايتتى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters