[1] ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەرنى قامال قىلدى. پۈتۈن يابېش ئاھالىسى پادىشاھ ناخاشقا: _ ئەگەر بىز بىلەن كېلىشىم تۈزسىلە، سىلىگە ئەل بولايلى، _ دېدى.
[2] پادىشاھ ناخاش ئۇلارغا جاۋابەن: _ ئۇنداقتا ھەربىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىللارنى خورلۇقتا قالدۇرۇش شەرتى ئاستىدا، سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزەي، _ دېدى.
[3] يابېشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا: _ بىزگە يەتتە كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەيلا، بىز پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەلچىلەر ئەۋەتەيلى، شۇ جەرياندا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، سىلىگە تەسلىم بولايلى، _ دېدى.
[4] ئەلچىلەر سائۇلنىڭ يۇرتى گىبئاھ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، خەلققە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەنىدى، پۈتۈن خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاشتى.
[5] شۇ چاغدا سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ، ئۆكۈزلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ: «خەلق نېمە ئۈچۈن يىغلىشىدۇ؟» دەپ ئەتراپىدىكىلەردىن سورىغانىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا يابېشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئېيتتى.
[6] سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشۈپ، غەزىپى قاتتىق ئۆرلىدى.
[7] ئۇ ئىككى ئۆكۈزنى سويۇپ، پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى خەۋەرچىلەردىن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەۋەتىپ: _ ئەمدى كىمكى سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگىشىپ ئۇرۇشقا ئاتلانمىسا، ئۇنىڭ بۇقىلىرىمۇ مۇشۇنداق پارچىلىنىدۇ _ دەپ ئېلان قىلغۇزدى. پەرۋەردىگار خەلققە سائۇلنىڭ قەھرى ئارقىلىق شۇنداق قورقۇنچ سالدىكى، ئۇلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ چىقىپ كەلدى.
[8] سائۇل ئۇلارنى بەزەق دېگەن يەرگە يىغدى، ئۇ يەردە يەھۇدا قەبىلىسىدىن 30 مىڭ كىشى، ئىسرائىلنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن ئۈچ يۈز مىڭ كىشى بار ئىدى.
[9] سائۇل گىلئادتىكى يابېشتىن كەلگەن ئەلچىلەرگە: _ سىلەر يابېشقا قايتىپ بېرىپ يابېشلىقلارغا ئېيتىڭلار، ئەتە چۈشتە ئۇلار قۇتقۇزۇلىدۇ، _ دېدى. يابېشلىقلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى.
[10] ئۇلار ئاممونلارغا: _ ئەتە بىز سىلەرگە تەسلىم بولىمىز، بىزگە قانداق قىلغۇڭلار كەلسە شۇنداق قىلىڭلار، _ دېدى.
[11] ئىككىنچى كۈنى سائۇل ئادەملىرىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ، تاڭ ئېتىشى بىلەن ئاممونلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، چۈشكىچە ئۇلارنى قىرغىن قىلدى. ھايات قالغانلار شۇنداق پاراكەندە بولۇپ، ھەر تەرەپكە قاچتىكى، ھەتتا ئىككى ئادەمنىڭ بىر يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولمىدى.
[12] خەلق سامۇئىلغا: _ سائۇل قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالىسۇن دېگەنلەر كىملەر؟ ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلسۇن، بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز، _ دېيىشتى.
[13] _ بۈگۈن ھېچكىمنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە نۇسرەت بەرگەن كۈن، _ دېدى سائۇل.
[14] سامۇئىل خالايىققا: _ گىلگالغا بېرىپ، شۇ يەردە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى يېڭىباشتىن جاكارلايلى، _ دېدى.
[15] خەلق گىلگالغا بېرىپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا سائۇلنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى يېڭىباشتىن ئېتىراپ قىلدى ھەم پەرۋەردىگارغا ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلىشتى. سائۇل بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شاد-خۇراملىققا چۆمدى.