[1] بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى كۆتۈرگەن يىگىتكە: _ يۈر، قارشى تەرەپتىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە ئۆتەيلى، _ دېدى، لېكىن بۇنى ئاتىسىغا ئېيتمىدى.
[2] بۇ چاغدا سائۇل ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈزچە ئادەم گىبئاھنىڭ ئەڭ چېتىدىكى مىگرون دېگەن جايدا بىر ئانار دەرىخىنىڭ يېنىدا بارگاھتا ئىدى.
[3] روھانىي ئاخىيا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، روھانىيلىق قىلىپ ئېفودنى كۆتۈرەتتى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلودا پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يوناتاننىڭ كەتكىنىنى خەلق بىلمەي قالدى.
[4] فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بېرىش ئۈچۈن يوناتان بوزېز ۋە سەنەھ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تىك قىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى داۋاندىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.
[5] قىيانىڭ بىرى شىمالغا _ مىكماسقا، بىرى جەنۇبقا _ گەباغا قاراپ تۇراتتى.
[6] _ يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىركىمگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىغا باغلىق ئەمەس.
[7] _ كۆڭلىڭىزدە نېمە بولسا، شۇنداق قىلىڭ! نېمە ئىش قىلسىڭىز، مەن سىز بىلەن بىللە بولىمەن، _ دېدى قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى.
[8] _ بىز ئۇ ئادەملەر تۇرۇۋاتقان تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارغا ئۆزىمىزنى كۆرسىتەيلى.
[9] ئەگەر ئۇلار بىزگە: «بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغۇچە ئاشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېسە، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارماي، ئۆز جايىمىزدا تۇرۇپ تۇرايلى،
[10] ئەگەر: «بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىڭلار» دېسە، بارايلى. شۇنداق قىلساق، بۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى بولغاي، _ دېدى يوناتان.
[11] ئىككىيلەن ئۆزلىرىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇللىرىغا كۆرسەتكەنىدى، قاراۋۇللار: _ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزلىرىنى يوشۇرغان كامارلاردىن چىقتى، _ دېدى.
[12] ئاندىن ئۇلار يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ بۇ ياققا كېلىڭلار، بۇرنۇڭلارنىڭ نوخلىسىنى ئېلىپ قويايلى، _ دېدى. _ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا بەردى.
[13] يوناتان فىلىستىيەلىكلەر تەرەپكە ئۆمىلەپ، يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. يوناتان فىلىستىيەلىكلەرگە ئېتىلىپ، ئۇلارنى يەرگە يىقىتتى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى.
[14] بۇ دەسلەپكى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى تەخمىنەن ئۈچ مو كېلىدىغان يەردە يىگىرمە ئادەمنى ئۆلتۈردى.
[15] توساتتىن بارگاھ ۋە دالادىكى فىلىستىيەلىكلەر توپى ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى، قاراۋۇللار ۋە زەربىدارلارمۇ قورقۇپ، تىترەپ كېتىشتى، يەرمۇ تەۋرەپ كەتتى. بۇ خۇدادىن كەلگەن قورقۇنچ ئىدى.
[16] سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردىكى قاراۋۇللىرى فىلىستىيەلىكلەر قوشۇنىنىڭ پاراكەندە بولۇپ، ئۇياق-بۇياققا پىتىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى.
[17] سائۇل ئۇلارغا: _ قاراپ بېقىڭلار، ئارىمىزدا كىملەر يوق ئىكەن؟ _ دېدى. ئۇلار تەكشۈرۈپ بېقىۋىدى، يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق بولۇپ چىقتى.
[18] ئاندىن سائۇل ئاخىياغا بۇيرۇپ: _ ئېفودنى ئېلىپ كەل، _ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئاخىيا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئېفودنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى.
[19] سائۇل روھانىيغا سۆزلەۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ روھانىيغا: _ بولدى قىل، كېرەك ئەمەس، _ دېدى.
[20] سائۇل دەرھال ئۆزىگە ئەگەشكەن پۈتۈن خەلقنى يىغىپ، جەڭگاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ نەيزە-قىلىچ بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ پاراكەندە بولۇپ كېتىشكەنلىكىنى كۆردى.
[21] بۇ چاغدا، ئىلگىرى فىلىستىيەلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن ھەم ئۇلار بىلەن بارگاھقا كېلىپ قالغان ئىبرانىيلار فىلىستىيەلىكلەرنى تاشلاپ، سائۇل ۋە يوناتانغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىسرائىللارغا قوشۇلۇۋالدى.
[22] ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا يوشۇرۇنغان ئىسرائىللارمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، جەڭگە چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى.
[23] شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا چوڭ نۇسرەت بەردى. بۇ جەڭ بەيتئاۋەننىڭ يىراق يەرلىرىگىچە يېيىلدى.
[24] ئۇ كۈنى ئىسرائىللار ناھايىتى ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. چۈنكى سائۇل ئۇلارنى قەسەم بىلەن باغلاپ: «مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئېلىپ بولمىغۇچە، كەچ كىرىشتىن بۇرۇن تائام يېگەن كىشى قارغىشقا كەتسۇن» دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم ھېچنېمە يېمىدى.
[25] ئۇلار ئورمانلىققا يېتىپ بارغاندا، يەردە ھەرە كۆنەكلىرىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان ھەسەللەرنى كۆردى. شۇنداقتىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئازراقمۇ ئېلىپ ئاغزىغا سالمىدى، چۈنكى ئۇلار قەسەمدىن قورقۇشتى.
[27] لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلقنى قەسەم بىلەن باغلىغانلىقىنى ئاڭلىمىغانىدى، شۇڭا ئۇ قولىدىكى تايىقىنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىپ، ھەسەل ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىۋىدى، كۆزى نۇرلىنىپ كەتتى.
[28] ئەمما كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: _ ئاتىڭىز خەلقنى قەسەم بىلەن قاتتىق باغلاپ: «بۈگۈن ھەرقانداق نەرسە يېگەن ئادەم قارغىشقا كەتسۇن» دەپ ئېيتقانىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممەيلەن بەك ھېرىپ، ھالىمىزدىن كەتتۇق، _ دېدى.
[29] _ ئاتام ھەممىمىزنى بەك تەڭلىكتە قالدۇرۇپتۇ، _ دېدى يوناتان، _ قاراڭلار، مەن بۇ ھەسەلدىن ئازراق تېتىپ بېقىۋىدىم، كۆزۈم روشەنلىشىپ كەتتى.
[30] ئەگەر بۈگۈن خەلق دۈشمەنلىرىمىزدىن ئولجا ئالغان نەرسىلەردىن خالىغىنىچە يېگەن بولسا، تېخىمۇ ياخشى بولماسمىدى؟ بۈگۈن ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەر تېخىمۇ كۆپ بولماسمىدى؟
[31] شۇ كۈنى ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى سۈر-توقاي قىلىپ، مىكماستىن ئاييالونغىچە قوغلىدى. ئەمما ھەممەيلەن بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتكەنىدى،
[32] شۇڭا ئۇلار ئولجىلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە سويۇپ، قېنىنى ئېقىتماي گۆشىنى يېدى.
[33] بەزىلەر سائۇلغا: _ خەلق قېنى ئېقىتىلمىغان گۆشلەرنى يېيىش بىلەن پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدى، _ دەپ ئېيتقانىدى، سائۇل: _ بۇ خۇدانىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر! ئەمدى دەرھال بۇ يەرگە چوڭ بىر تاشنى دومىلىتىپ كېلىڭلار،
[34] خەلقنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارغا ئېيتىڭلار: «ھەربىر كىشى ئۆز مېلىنى يېنىمغا ئەكېلىپ، بۇ يەردە سويۇپ يېسۇن، قېنى ئېقىتىلمىغان گۆشنى يەپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلمىسۇن» _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۇ كېچىسى ئۆز مېلىنى يېتىلەپ كېلىپ، شۇ يەردە سويدى.
[35] سائۇل پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى، بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان تۇنجى قۇربانلىق سۇپىسى ئىدى.
[36] ئاندىن سائۇل ئادەملىرىگە: _ كېچىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى! _ دېدى. _ سىزگە قانداق قىلىش ياخشى بولسا، شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى ئۇلار. لېكىن روھانىي سۆز قىستۇرۇپ: _ بىز ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەيلى، _ دېدى.
[37] سائۇل خۇدادىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. لېكىن شۇ كۈنى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمىدى.
[38] شۇڭا سائۇل: _ ئەي لەشكەر باشلىرى، ھەممىڭلار بۇ يەرگە كېلىڭلار، بۈگۈن نېمە گۇناھ قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقايلى.
[39] مەن ئىسرائىللارغا نۇسرەت بەرگۈچى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، بۇ گۇناھنى قىلغان كىشى ھەتتا ئوغلۇم يوناتان بولسىمۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى. لېكىن خەلقتىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى.
[40] ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىللارغا: _ سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، ئوغلۇم يوناتان ئىككىمىز يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى، _ دېدى. _ سىزگە قانداق قىلىش ياخشى بولسا، شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى خەلق.
[41] سائۇل پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا: _ كىمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەيسەن، _ دېدى. كېيىن چەك تاشلىنىۋىدى، چەك سائۇل بىلەن يوناتانغا چىقتى، خەلق قۇتۇلدى.
[42] سائۇل: _ مەن بىلەن ئوغلۇم يوناتانغا چەك تاشلانسۇن، _ دېدى. چەك يوناتانغا چىقتى.
[43] سائۇل يوناتانغا: _ سەن نېمە قىلغانلىقىڭنى ماڭا ئېيت، _ دېدى. _ قولۇمدىكى تاياق بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باققىنىم راست. مانا، ئۆلۈشكە رازىمەن، _ دېدى يوناتان.
[44] _ ئەي يوناتان! چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، بولمىسا خۇدا مېنى ئېغىر جازالىغاي _ دېدى سائۇل.
[45] لېكىن خەلق ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىللارنى شۇنچىۋالا چوڭ غەلىبە-نۇسرەتكە يەتكۈزگەن يوناتان تۇرسا، ئەجەبا ئۇ ئۆلۈشى كېرەكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! بىز مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ تېگىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن شۇنچە چوڭ ئىشنى قىلدى، _ دېدى. ئەنە شۇ تەرىقىدە خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
[46] شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلىماي يېنىپ كەتتى، فىلىستىيەلىكلەرمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.
[47] سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن جەڭ قىلدى. موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، قايسى تەرەپكە يۈزلەنمىسۇن، ئۇ غەلىبە قىلدى.
[48] سائۇل جەڭدە باتۇر ئىدى، ئۇ ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.
[49] سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، يىشۋى ۋە مالكىشۇۋالار ئىدى، قىزلىرى بولسا چوڭى مېراب، كىچىكى مىكال ئىدى.
[50] سائۇلنىڭ ئايالى ئاخىنوئام بولۇپ، ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئابنېر بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ تاغىسى نېرنىڭ ئوغلى ئىدى.
[51] سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش بىلەن ئابنېرنىڭ ئاتىسى نېر، ئابىئېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
[52] سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن دائىم قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.