Skip to content
Opens in a new window

[1] بالا سامۇئىل ئەلىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ يۈرگەنىدى. ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيلەر ۋە غايىبانە ئالامەتلەر كەم ئىدى.

[2] بىر كۈنى كەچتە كۆزلىرى ناھايىتى خىرەلىشىپ كەتكەن ئەلى ئۆز ئورنىدا ياتاتتى.

[3] پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىدىكى چىراغ تېخى يېنىپ تۇراتتى. سامۇئىلمۇ ئىبادەتگاھتا ياتاتتى، ئەھدە ساندۇقى بولسا شۇ يەردە ئىدى.

[4] شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى. _ لەببەي، مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل ۋە

[5] ئەلىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى، _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى. _ ياق، سېنى مەن چاقىرمىدىم، قايتقىن، بېرىپ جايىڭدا يات، _ دېدى ئەلى. سامۇئىل قايتىپ بېرىپ ياتتى.

[6] پەرۋەردىگار يەنە: _ سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. سامۇئىل يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى. _ چاقىرمىدىم بالام، قايتقىن، بېرىپ جايىڭدا يات، _ دېدى ئۇ.

[7] شۇ چاغقىچە پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى سامۇئىلغا تېخى ئايان بولمىغاچقا، ئۇ پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى.

[8] پەرۋەردىگار سامۇئىلنى ئۈچىنچى قېتىم چاقىردى. ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى. ئەلى شۇ چاغدا، بۇ بالىنى پەرۋەردىگارنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى.

[9] ئەلى سامۇئىلغا: _ بېرىپ، جايىڭدا يات، ئەگەر يەنە چاقىرسا، سەن: «ئى پەرۋەردىگار، سۆز قىل، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە!» دېگىن، _ دېدى. سامۇئىل بېرىپ ئۆز ئورنىدا ياتتى.

[10] پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، بايىقىدەك: _ سامۇئىل! سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. _ سۆز قىل، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.

[11] پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سامۇئىل، مەن ئىسرائىللار ئىچىدە شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.

[12] شۇ چاغدا مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

[13] مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى مەڭگۈ جازالايدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتقانىدىم. چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئېغىر گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى توسمىدى.

[14] شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق قەسەم قىلدىمكى، ئەلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ گۇناھلىرى ھەرقانداق قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەر بىلەنمۇ مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، _ دېدى.

[15] سامۇئىل تاڭ ئاتقۇچە ئورنىدا يېتىپ، ئاندىن تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئۇ بۇ ۋەھىينى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى.

[16] ئەلى ئۇنى: _ ئى ئوغلۇم سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. _ لەببەي، مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.

[17] ئەلى ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ مەندىن يوشۇرما. ئەگەر ھەممىسىنى ئېيتمىساڭ، خۇدا سېنى ئېغىر جازالىغاي! _ دېدى.

[18] شۇڭا سامۇئىل ھېچنېمىنى يوشۇرماي، ئۆز ئەينى بويىچە ئېيتىپ بەردى. ئەلى ئۇنىڭغا: _ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇنىڭ ئىرادە قىلغىنى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.

[19] سامۇئىل چوڭ بولغانسېرى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆزلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمىدى.

[20] شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى دان شەھىرىدىن، جەنۇبىدىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان زېمىندا ياشايدىغان پۈتكۈل ئىسرائىللار سامۇئىلنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار تاللىغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.

[21] پەرۋەردىگار شىلودا ئۆزىنى داۋاملىق ئاشكارا قىلدى، يەنى ئۆزىنى ئۆز سۆزى بىلەن سامۇئىلغا ئايان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسىنى پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters