Skip to content
Opens in a new window

[1] داۋۇت ئۇ يەردىن قېچىپ، ئادۇللام شەھىرىنىڭ يېنىدىكى غاردا پاناھلاندى. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ۋە ئاتا جەمەتىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، شۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.

[2] شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېشىغا كۈن چۈشكەن، قەرزگە بوغۇلغان، نارازى بولۇپ يۈرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىشتى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت ئۇلارغا يولباشچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر تۆت يۈزچە كىشى ئىدى.

[3] داۋۇت ئۇ يەردىن موئاب زېمىنىدىكى مىزپاھ دېگەن شەھەرگە كېلىپ، موئاب پادىشاھىغا: _ خۇدانىڭ ماڭا نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىۋالغۇچە، ئاتا-ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسىلا، _ دەپ ئىلتىجا قىلدى.

[4] شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاتا-ئانىسىنى موئاب پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. ئۆزى تاغدىكى پاناھلىنىدىغان غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن مەزگىلدە، ئاتا-ئانىسى ئۇ يەردە تۇردى.

[5] گاد پەيغەمبەر داۋۇتقا: _ تاغدىكى غاردا يۈرمەي، يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن، _ دېدى. ئاندىن داۋۇت ئۇ يەردىن كېتىپ، خەرەت ئورمانلىقىغا باردى.

[6] سائۇل گىبئاھ تېغىنىڭ تۆپىسىدىكى بىر يۇلغۇن دەرىخىنىڭ ئاستىدا قولىغا نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا ئولتۇراتتى، ئەمەلدارلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشاتتى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇنىڭغا يېتىپ كەلدى.

[7] سائۇل ئەتراپىدىكىلەرگە: _ ھەي بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت سىلەرگە ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلارنى بېرەرمىدى، سىلەرنى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلارمىدى؟

[8] سىلەر ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈرۈۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىن ھېچكىم ماڭا ئوغلۇم يوناتاننىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى، مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالمىدى. ھېچقانداق ئادەم ماڭا، ئۆز ئوغلۇمنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن داۋۇتنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى، _ دېدى.

[9] شۇ چاغدا سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا تۇرغان ئىدوملۇق دوئېگ ئۇنىڭغا: _ مەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ، نوبتىكى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم.

[10] ئاخىمەلەك داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭغا تائام ۋە فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچىنى بەردى، _ دېدى.

[11] سائۇل پادىشاھ روھانىي ئاخىمەلەكنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ھەممىسىنى، يەنى نوبتىكى روھانىيلارنى چاقىرتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.

[12] _ ھەي ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، گېپىمگە قۇلاق سال، _ دېدى سائۇل. _ مانا مەن، خوجام، _ دەپ جاۋاب بەردى ئاخىمەلەك.

[13] _ سەن نېمىشقا يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىرگە ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈردۈڭ؟ سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا نان بىلەن قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىڭ؟ مانا ئەمدى ئۇ ماڭا قارشى چىقىپ، ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈپ ياتماقتا! _ دېدى سائۇل ئۇنىڭغا.

[14] ئاخىمەلەك سائۇلغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىچىدە داۋۇتتىن سادىق كىم بار؟ ئۇ سىلىنىڭ كۈيۈ ئوغۇللىرى ھەم ئوردىدىكى ياساۋۇللار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشىدۇر.

[15] توغرا، مەن داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىم، ئالىيلىرى، بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ئىلتىجا قىلىشىم ئەمەس. داۋۇتنىڭ يامان نىيىتىدىن ھېچ خەۋىرىم يوق، بۇ ئىشتا مېنى ياكى ئاتا جەمەتىمنى ئەيىبلىمىسىلە.

[16] _ ھەي ئاخىمەلەك! سەن ۋە ئاتا جەمەتىڭنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە مەھكۇمسىلەر! _ دېدى پادىشاھ

[17] ۋە ئەتراپىدىكى ياساۋۇللىرىغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلار داۋۇت تەرەپتە تۇرغان ھەم داۋۇتنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماڭا ئېيتمىغان! سائۇلنىڭ ياساۋۇللىرى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن باش تارتتى.

[18] بۇ چاغدا پادىشاھ دوئېگقا: _ سەن بېرىپ، روھانىيلارنى ئۆلتۈر! _ دەپ بۇيرۇدى. شۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگ روھانىيلىق تونىنى كىيگەن 85 روھانىينى ئۆزى يالغۇز ئۆلتۈردى.

[19] بۇنىڭدىن باشقا سائۇل پادىشاھ روھانىيلار شەھىرى نوبتىكى ئەر-ئايال، بالا-چاقا، ئەمچەكتىكى بوۋاقتىن تاكى كالا-ئېشەك، قويلارغىچە بولغان ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرغۇزدى.

[20] ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەبىياتار قېچىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلدى.

[21] ئۇ سائۇل پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى داۋۇتقا دەپ بەردى.

[22] داۋۇت ئەبىياتارغا: _ ئۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سائۇلغا چوقۇم خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم. ئاتا جەمەتىڭدىكى ھەربىر جاننىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم.

[23] ئەمدى سەن يېنىمدا قال. قورقما، مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار سېنىڭ جېنىڭنىمۇ ئالىدۇ. سەن مېنىڭ يېنىمدا ئامان-ئېسەن تۇرىسەن، _ دېدى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters