Skip to content
Opens in a new window

[1] شۇ كۈنلەردە فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاكىش پادىشاھ داۋۇتقا: _ بىلىۋېلىڭ، سىز ئادەملىرىڭىز بىلەن مەن تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىسىز، _ دېدى.

[2] _ پېقىرنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمنى ئەمدى كۆرىسىلە، _ دېدى داۋۇت. _ ئۇنداق بولسا، سىزنى ئۆزۈمگە مەڭگۈ ياساۋۇل قىلىپ تەيىنلەيمەن، _ دېدى ئاكىش.

[3] سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتكەن، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھتا دەپنە قىلغان چاغلار ئىدى. سائۇل پالچى ۋە باخشىلارنى ئىسرائىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنىدى.

[4] فىلىستىيەلىكلەر يىغىلىپ، شۇنېمدا بارگاھ قۇردى؛ سائۇلمۇ پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغىپ، گىلبوۋادا بارگاھ قۇردى.

[5] سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنى كۆرۈپ، قاتتىق قورقۇپ كەتتى، ئۇنى ۋەھىمە باستى.

[6] سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يا چۈش، يا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» لار ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاۋاب بەرمىدى.

[7] شۇڭا ئۇ ئەمەلدارلىرىغا: _ ماڭا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر ئايال تېپىپ كېلىڭلار، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆلگەنلەردىن سوراپ باقاي، _ دېدى. _ ئېندوردا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر باخشى ئايال بار، _ دېدى ئەمەلدارلار.

[8] شۇنداق قىلىپ سائۇل كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، تەق-تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى ئادىمىنى ئېلىپ، كېچىسى ھېلىقى باخشى ئايالنىڭ قېشىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا: _ ئىلتىماس قىلاي، مەن ئۈچۈن ئەرۋاھلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز، مەن ئىسمىنى ئېيتماقچى بولغان كىشىنىڭ روھىنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى.

[9] _ ئۆزىڭىز سائۇل پادىشاھنىڭ پالچى ۋە باخشىلارنى زېمىنىمىزدىن يوقىتىپ، قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن جېنىمنى قەستلەپ، مېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچى بولىسىز؟ _ دېدى باخشى ئايال.

[10] _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سىز بۇ ئىش تۈپەيلى جازاغا تارتىلمايسىز، _ دېدى سائۇل باخشى ئايالغا.

[11] _ مەن ئۆزىڭىزگە كىمنى چاقىرىپ بېرەي؟ _ دېدى باخشى ئايال. _ ماڭا سامۇئىلنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى سائۇل.

[12] باخشى ئايال سامۇئىلنى كۆرۈپ قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى ۋە سائۇل پادىشاھقا: _ نېمىشقا مېنى گوللايلا؟ سىلى سائۇل ئىكەنلىغۇ، _ دېدى.

[13] سائۇل ھېلىقى باخشى ئايالغا: _ قورقما! نېمىنى كۆرىۋاتىسەن؟ _ دېۋىدى. باخشى ئايال سائۇلغا: _ مەن بىر ئەرۋاھنىڭ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن، _ دېدى.

[14] _ ئۇنىڭ تەق-تۇرقى قانداق ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل. _ بىر مويسىپىت ئادەم چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇچىسىغا تون كىيىۋاپتۇ، _ دېدى باخشى ئايال. سائۇل بۇنىڭ سامۇئىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى-دە، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.

[15] _ سەن نېمىشقا مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلىسەن؟ _ دېدى سامۇئىل. _ مەن تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كېتىۋاتىمەن، _ دېدى سائۇل، _ چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ماڭا قارشى جەڭگە چىقتى، پەرۋەردىگارمۇ مېنى تەرك ئەتتى، ئۇ يا پەيغەمبەرلەر، يا چۈش ئارقىلىق ماڭا جاۋاب بەرمىدى. نۆۋەتتە نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەي دەپ، ئۆزۈڭنى چاقىردىم.

[16] _ پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ، ساڭا دۈشمەن بولغانىكەن، ئەمدى يەنە نېمىدەپ مەندىن مەسلىھەت سوراپ يۈرىسەن؟

[17] پەرۋەردىگار مەن ئارقىلىق ئېيتقىنىنى قىلدى. پادىشاھلىقنى قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتقا بەردى.

[18] سەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىپ، ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى ئۇلارغا يەتكۈزمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى بۇ كۈنگە قويدى.

[19] پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىللە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى سامۇئىل.

[20] سائۇل سامۇئىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ شۇنداق قورقۇپ كەتتىكى، يەرگە يىقىلىپ، سۇنايلىنىپ يېتىپ قالدى. ئۇ يەنە كېلىپ بىر كېچە-كۈندۈز غىزا يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالسىراپ كەتكەنىدى.

[21] باخشى ئايال سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: _ قارىسىلا، كەمىنە قۇللىرى گەپلىرىگە كىرىپ، ئۆلۈمگە قارىماي تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىدى.

[22] سىلىمۇ قۇللىرىنىڭ سۆزىگە كىرىپ ئالدىلىرىغا ئاز-پاز غىزا كەلتۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايلا، غىزالانسىلا قۇۋۋەتلىنىپ يوللىرىغا ماڭالايلا، _ دېدى.

[23] سائۇل ئۇنىماي: _ ياق، يېمەيمەن، _ دېدى. بىراق ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە باخشى ئايالنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن كېيىن، ئۇلارغا ماقۇل بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى.

[24] باخشى ئايال ئۆيىدىكى بورداۋاتقان بىر تايىنچىسىنى سويدى. ئاندىن خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر نان سالدى.

[25] تائاملارنى سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇلار غىزالىنىپ، شۇ كېچىسىلا يولغا چىقىپ كەتتى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters