Skip to content
Opens in a new window

[1] بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كىش ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئابىئېلنىڭ ئوغلى، ئابىئېل زىرورنىڭ ئوغلى، زىرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات بولسا ئافىياھنىڭ ئوغلى ئىدى. كىش ئابرۇيلۇق، دۆلەتمەن ئادەم ئىدى.

[2] ئۇنىڭ سائۇل ئاتلىق كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئۇنىڭدىن كېلىشكىنى يوق ئىدى. ھەرقانداق ئادەمنىڭ بويى ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئاشمايتتى.

[3] بىر كۈنى كىشنىڭ بىرنەچچە ئېشىكى يوقاپ كەتتى. كىش ئوغلى سائۇلغا: _ بالام، خىزمەتكارلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ، ئېشەكلەرنى ئىزدەپ باققىنا! _ دېدى.

[4] سائۇل بىر خىزمەتكار بىلەن ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا ۋە شالىشاھ زېمىنىدا ئېشەكلەرنى ئىزدەپ تاپالمىدى. شائالىم زېمىنىغا ئۆتۈۋىدى، ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق بولۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىنيامىن زېمىنىنى كېزىپ چىقتى، ئېشەكلەرنى ئۇ يەرلەردىنمۇ تاپالمىدى.

[5] ئۇلار زۇف زېمىنىغا كەلگەندە، سائۇل خىزمەتكارىغا: _ ئەمدى ئۆيگە قايتايلى! بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەمەس، بىزدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ، _ دېدى.

[6] لېكىن خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: _ مانا، بۇ ئالدىمىزدىكى شەھەردە خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن بىر ئادەم بار. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمدى شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، بەلكىم ئۇ بارىدىغان يولىمىزنى بىزگە كۆرسىتىپ قالار، _ دېدى.

[7] _ ئەگەر شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، ئۇ ئادەمگە نېمىنى سوۋغات قىلىمىز؟ _ دېدى سائۇل، _ بىزنىڭ خۇرجۇنىمىزدا يېگۈدەك نەرسە قالمىدى، ئۇنىڭغا سوۋغات قىلغۇدەك نەرسە يوق!

[8] خىزمەتكار سائۇلغا جاۋابەن: _ مەندە بىر كىچىك كۈمۈش تەڭگە بار. ئۇنى خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن شۇ ئادەمگە بېرەي، بارىدىغان يولىمىزنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرسۇن، _ دېدى.

[9] _ ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل. ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. (ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە كىشىلەر خۇداغا بىرەر ئىش توغرۇلۇق ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى. يەنى ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، ئۇ زامانلاردا «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى.)

[12] _ ھەئە، شۇنداق. ئۇ ھېلىلا ئالدىڭلاردا كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى قىزلار، _ تېزرەك مېڭىڭلار. ئۇ شەھەرگە بۈگۈنلا كەلدى. خەلق سەجدىگاھتا قۇربانلىق قىلماقچى. ھازىرلا شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ سەجدىگاھقا غىزالانغىلى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى تاپالايسىلەر. جامائەت ئۇ كەلمىگۈچە، غىزاغا ئېغىز تەگكۈزمەيدۇ، ئۇ دۇئا قىلىپ بەرگەندىن كېيىنلا، چاقىرىلغانلار غىزالىنالايدۇ. ئەمدى مېڭىڭلار، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنى تاپالايسىلەر.

[14] سائۇل خىزمەتكارى بىلەن بۇ شەھەرگە چىقىپ، شەھەرنىڭ ئىچىگە كىرگەندە، سامۇئىلنىڭ سەجدىگاھقا بېرىش ئۈچۈن دەل ئۇلار تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

[15] پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى:

[16] «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلە. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. خەلقىمنىڭ ھالىغا نەزەر سالدىم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.»

[17] سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن ساڭا ئېيتقان ئادەم دەل مۇشۇ، ئۇ مېنىڭ خەلقىم ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، _ دېدى.

[18] شۇ چاغدا سائۇل شەھەر دەرۋازىسىدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: _ تەقسىر، غايىبنى بىلگۈچىنىڭ ئۆيى قەيەردىكىن؟ _ دەپ سورىدى.

[19] سامۇئىل: _ غايىبنى بىلگۈچى مەن بولىمەن. يۈرۈڭلار، مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ سەجدىگاھقا چىقىڭلار. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن بىللە غىزالىنىسىلەر. سائۇل، ئەتە ئەتىگەندە مەن ساڭا كۆڭلۈڭدىكىنى ئېيتىپ بېرىپ، سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن.

[20] ئۈچ كۈن بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئېشەكلىرىڭدىن غەم قىلما، ئۇلار تېپىلدى. لېكىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىستىكى كىمدە؟ سەندە ۋە ئاتا جەمەتىڭدە ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

[21] _ مەن بىنيامىندىن، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كىچىك قەبىلىسىدىن بولىمەن، بۇ قەبىلە ئىچىدە جەمەتىمىز ئەڭ ئەرزىمەس بىر جەمەتتۇر، سىز ماڭا نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ _ دەپ جاۋاب بەردى سائۇل.

[22] سامۇئىل سائۇل بىلەن خىزمەتكارىنى شۇ يەردىكى ئوتتۇز مېھمان ئولتۇرغان چوڭ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، تۆرگە ئولتۇرغۇزدى.

[23] كېيىن ئاشپەزگە: _ مەن ساڭا، ئالاھىدە ساقلاپ قوي، دېگەن گۆشنى ئەمدى ئېلىپ كەل، _ دېدى.

[24] ئاشپەز ئوڭ سان گۆشنى ئەكېلىپ، سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى. _ مانا، بۇ ساڭا ئاتاپ ئېلىپ قويۇلغان گۆش، مەرھەمەت، ئالدىڭغا تارتىپ يېگىن! مەن مېھمانلارنى چاقىرغىنىمدىن تارتىپ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە بۇ ساڭا ساقلاندى، _ دېدى سامۇئىل. شۇ كۈنى سائۇل سامۇئىل بىلەن بىللە غىزالاندى.

[25] ئۇ ئىككىسى سەجدىگاھتىن شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگزىدە پاراڭلاشتى، سائۇل ئۆگزىدە يېتىپ قالدى.

[26] تاڭ ئاتقان چاغدا سامۇئىل ئۆگزىدە ياتقان سائۇلنى چاقىرىپ: _ ئورنۇڭدىن تۇر، مەن سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن! _ دېدى. سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، سامۇئىل بىلەن چىقىپ كەتتى.

[27] ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگە بارغاندا، سامۇئىل سائۇلغا: _ خىزمەتكارىڭغا ئېيت، ئۇ ئاۋۋال مېڭىپ تۇرسۇن، _ دېدى. خىزمەتكار كەتكەندىن كېيىن سامۇئىل: _ سەن مۇشۇ يەردە توختاپ تۇرغىن، ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى يەتكۈزۈپ قوياي، _ دېدى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters