[1] ئۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغانىدى، ئىسرائىللار ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئەبەنەزەر دېگەن يەردە، فىلىستىيەلىكلەر ئافېق دېگەن يەردە بارگاھ تىكىشتى.
[2] فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر مەيدان شىددەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى، نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ قوشۇنىدىن تۆت مىڭغا يېقىن ئادەمنى ئۆلتۈردى.
[3] مەغلۇپ بولغان لەشكەرلەر بارگاھقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى: _ نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يول قويدى؟ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شىلودىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزىدۇ، _ دېدى.
[4] شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى، ئۇلار ئىككى «كېرۇب» نىڭ ئارىسىدىكى «مېھىر-شەپقەت تەختى» دە ئولتۇرغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىللە كەلدى.
[5] پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىللار يەرنى تەۋرەتكۈدەك كۈچلۈك چۇقان كۆتۈرۈشتى.
[6] فىلىستىيەلىكلەر چۇقاننى ئاڭلاپ: _ ئىبرانىيلارنىڭ بارگاھىدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى؟ _ دەپ ھەيران قېلىشتى. كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بارگاھقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىپ،
[7] قورقۇپ كېتىشتى. ئۇلار: _ ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ بارگاھىغا كەپتۇ، ھالىمىزغا ۋاي! بىز بۇرۇن ھېچقاچان بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغانىدۇق!
[8] ئەمدى بىزنى كىممۇ بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالايدۇ؟ چۆل-باياۋاندا مىسىرلىقلارنى تۈرلۈك بالايىئاپەتلەر بىلەن ئۇرغانلار ئاشۇ ئىلاھلار ئەمەسمىدى؟
[9] قېنى، فىلىستىيەلىكلەر، ئەركەكتەك باتۇر بولايلى! ئۇنداق بولمىسا، ئىبرانىيلارنىڭ بىزگە قۇل بولغىنىغا ئوخشاش، ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ قۇلى بولىمىز. شۇنداق ئىكەن، ئەركەكتەك جەڭ قىلايلى! _ دېيىشتى.
[10] شۇنىڭدىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى، قىرغىن قىلىش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، 30 مىڭ ئىسرائىلىيە لەشكىرىنىڭ ئۆلۈكى جەڭگاھتا قالدى. ھايات قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.
[11] پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى.
[12] بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم جەڭگاھتىن قېچىپ، شۇ كۈنىلا شىلوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىمىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقانىدى.
[13] شۇ چاغدا ئەلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىدىن غەم قىلىپ، يۈرىكى ئېغىپ، يول بويىدىكى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر كۈتۈۋاتقانىدى. ھېلىقى ئادەم شەھەرگە كىرىپ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، پۈتكۈل خەلق داد-پەرياد كۆتۈردى.
[14] ئەلى چۇقان-سۈرەننى ئاڭلاپ: _ نېمىشقا بۇنچىلىك چۇقان سالىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى ئادەم «بولغان ۋەقەدىن ئەلىنى خەۋەردار قىلىپ قوياي» دەپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
[15] ئەلى ئۇ چاغدا توقسان سەككىز ياشتا بولۇپ، كۆزلىرى كۆرەلمەيتتى.
[16] ھېلىقى ئادەم ئەلىگە: _ مەن جەڭ مەيدانىدىن كەلگەنمەن، ئۇ يەردىن بۈگۈن قېچىپ كەلدىم، _ دېدى. _ نېمە بولدى، ئوغلۇم؟ _ دەپ سورىدى ئەلى.
[17] خەۋەر ئەكەلگەن ئادەم مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولدى، لەشكەرلەردىن نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلدى، سىزنىڭ ئوغۇللىرىڭىز خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ قولدىن كەتتى.
[18] گەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىدە بولغاندا، ئەلى ئورۇندۇقىدىن ئارقىسىچە ئۇچۇپ كەتتى-دە، قېرىلىقى ۋە سېمىزلىكىدىن بوينى ئۈزۈلۈپ، شۇ زامان جان بەردى. ئۇ ئىسرائىللارغا قىرىق يىل يېتەكچىلىك قىلغانىدى.
[19] ئەلىنىڭ كېلىنى، يەنى پىنىخاسنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، كۆز يورۇشىغا ئاز قالغانىدى. «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، ئېرىڭ بىلەن قېيىنئاتاڭ ئۆلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئۇنىڭ تولغىقى قاتتىق تۇتۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بوشاندى.
[20] ئۇ جان ئۈزەي دەپ قالغاندا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان ئاياللار ئۇنىڭغا: _ قورقما، ئوغۇل تۇغدۇڭ، _ دېيىشتى، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىدى، جاۋابمۇ قايتۇرمىدى.
[21] خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، قېيىنئاتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئۇ: «شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى» دەپ، بالىسىغا ئىكابود دېگەن ئىسىمنى قويدى.
[22] _ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، _ دېدى ئۇ.