Skip to content
Opens in a new window

[1] داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى.

[2] شەھەردىكى ئاياللارنى، مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسىنى ئوغۇل-قىزلىرى بىلەن قوشۇپ ئەسىر قىلىپ، بىرىنىمۇ ئۆلتۈرمەي، ئۆزلىرى بىلەن ئېلىپ كەتكەنىدى.

[3] داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇ شەھەرگە كەلگەندە، شەھەرنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئاياللىرى بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئەسىر قىلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ،

[4] ھۆڭرەپ يىغلاپ ھالى قالمىدى.

[5] داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى ئاخىنوئام ۋە ئابىگالمۇ ئەسىر قىلىنغانىدى.

[6] داۋۇت قاتتىق قىيىنچىلىقتا قالدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن ئەلەمدە قېلىپ، ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى، ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشكەنىدى. داۋۇت بولسا ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت تاپتى.

[7] داۋۇت خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى روھانىي ئەبىياتارغا: _ ئېفودنى ئەكەل، _ دېدى. ئەبىياتار ئېفودنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بەردى.

[8] داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىغانىدى. پەرۋەردىگاردىن: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دېگەن جاۋاب كەلدى.

[9] شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز كىشى يولغا ئاتلاندى. ئۇلار بىسور جىلغىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئىككى يۈز ئادەم ھېرىپ قالغانلىقتىن جىلغىدىن ئۆتەلمەي شۇ يەردە قالدى، داۋۇت بولسا تۆت يۈز ئادەمنى باشلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدى.

[11] داۋۇتنىڭ ئادەملىرى دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك

[12] ھەم بىر ئوچۇم قۇرۇتقان ئەنجۈر ۋە ئىككى ئوچۇم كىشمىش بەردى. غىزالانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېنىگە ماغدۇر كىردى. ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئاغزىغا ھېچنېمە سالمىغانىدى.

[13] داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن كىمنىڭ ئادىمىسەن، قەيەرلىكسەن؟ _ دەپ سورىغانىدى، ئۇ: _ مەن مىسىرلىقمەن، ئامالەكلەردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇلىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغانىدىم، خوجايىنىم مېنى دالادا تاشلاپ كەتتى.

[14] بىز كىرېتلەر، كالىب ۋە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان يەھۇدا چۆلىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنىدۇق ھەم زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇۋەتكەنىدۇق، _ دەپ جاۋاب بەردى.

[15] داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن مېنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارالامسەن؟ _ دەپ سورىغانىدى، ئۇ: _ مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە ھەم خوجايىنىمغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىككە پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم ئىچسىلە، مەن سىلىنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي، _ دېدى.

[16] شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىسىرلىق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئامالەكلەرنىڭ يېنىغا باشلاپ ماڭدى. قاراقچىلار ھەممە يەرلەرگە يېيىلىپ، فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدا زېمىنىدىن قولغا چۈشۈرگەن كاتتا ئولجىلاردىن خۇش بولۇپ، يەپ-ئىچىشىپ، ئولجىلارغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى تەبرىكلىشىۋاتاتتى.

[17] داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئەتىسى كۈن چىقىشى بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر كۈن كەچكىچە ئۇلارنى شۇنداق قىردىكى، تۆگىگە مىنىپ قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى.

[18] داۋۇت ئامالەكلەر ئەسىرگە ئالغان بارلىق ئادەملەر بىلەن، ئولجا قىلغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدى، جۈملىدىن ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى.

[19] ئۇ ئەسىر قىلىنغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئولجا قىلىنغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ ھەتتا بىرىنىمۇ قالدۇرماي قايتۇرۇۋالدى.

[20] داۋۇت قوي-كالا پادىلىرىنىمۇ ئولجا ئالدى. ئۇلارنى ئۇنىڭ ئادەملىرى ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ، «بۇ داۋۇتنىڭ ئولجىلىرى» دەپ توۋلاشتى.

[21] شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ھېرىپ-چارچىغانلىقىدىن ئۆزى بىلەن ماڭالماي، بىسور جىلغىسىدا قېلىپ قالغان ئىككى يۈز ئادەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالدىغا چىقتى، داۋۇت كۆپچىلىككە يېقىنلاپ كېلىپ ئۇلارغا سالام قىلدى.

[22] لېكىن داۋۇت بىلەن بارغانلارنىڭ ئىچىدىكى يارىماس، يامان ئادەملەر: _ ئۇلار بىز بىلەن بارمىغاندىكىن، بىز ياندۇرۇۋالغان ئولجىدىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمەيلى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىلا ئېلىپ كەتسۇن، _ دېيىشتى.

[23] _ ھەي بۇرادەرلەر، بىزنى ئامان ساقلاپ، قاراقچىلارنى قولىمىزغا تاپشۇرغان پەرۋەردىگار بىزگە ئىنئام قىلغان مالنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمىسەك بولمايدۇ.

[24] سىلەرنىڭ بۇ گېپىڭلارغا كىم قۇلاق سالىدۇ؟ جەڭگە چىققانلار بىلەن ياراغ-جابدۇقلارغا قاراشقا قالغانلارنىڭ ئۈلۈشى ئوخشاشتۇر، ھەممە نەرسە تەڭ بۆلۈنسۇن، _ دېدى داۋۇت ۋە

[25] دېگەنلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ نىزامى قىلىپ بېكىتتى. ئۇشبۇ نىزام تاكى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

[26] داۋۇت زىقلاق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرىغا، يەنى يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «بۇ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىز، سىلەرگە تارتۇق بولسۇن» دېدى ۋە

[27] ئولجىدىن بەيتەل، يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان راموت، ياتتىر،

[28] ئاروئېر، سىفموت، ئەشتىموۋا

[29] ۋە راكال دېگەن يەرلەرنىڭ، شۇنداقلا يىراخمىئېللار ۋە قېنلار ياشايدىغان ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ۋە

[30] خورماھ، بورئاشان، ئاتاك،

[31] ھىبرون دېگەن يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتتى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېزىپ چىققان ھەممە يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا تارتۇق ئەۋەتتى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters