[1] شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىر قۇتا زەيتۇن يېغىنى سائۇلنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى سۆيۈپ: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا باش بولۇشقا تەيىنلىگىنى.
[2] بۈگۈن سەن مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىنيامىن زېمىنىنىڭ بىر چېتىدىكى زەلزاخ دېگەن يەرگە يېتىپ بارغىنىڭدا، راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئىككى ئادەمنى ئۇچرىتىسەن، ئۇلار ساڭا: «سىز ئىزدەپ چىققان ئېشەكلەر تېپىلدى، ئاتىڭىز ئەمدى ئېشەكلەردىن ئەمەس، سىزدىن ئەنسىرەپ، ‹ئوغلۇمنى قانداق تاپارمەن؟› دەپ ئولتۇرىدۇ» دەيدۇ.
[3] سەن ئۇ يەردىن ئۆتۈپ يەنە ئالدىغا مېڭىپ تابوردىكى دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە، بەيتەلگە خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى ماڭغان ئۈچ ئادەمنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئۈچ ئوغلاق، بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شاراب ئالغان بولۇپ،
[4] ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ، ئىككى نان بېرىدۇ. بەرگەن نانلارنى ئېلىشىڭ كېرەك.
[5] ئۇنىڭدىن كېيىن، سەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان «خۇدانىڭ تېغى» دەپ ئاتالغان گىبئاھقا بارىسەن. شەھەرگە كىرگىنىڭدە، تاغدىكى سەجدىگاھتىن چۈشۈپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە يولۇقىسەن. ئۇلار چىلتار، داپ، سۇناي ۋە لىرالارنى چېلىشىپ، ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ.
[6] شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ساڭا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشىدۇ. سەن ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ، باشقا بىر ئادەمدەك بولۇپ قالىسەن.
[7] بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سەن ئۆزۈڭ بىلگەننى قىل. چۈنكى خۇدا ساڭا ياردۇر.
[8] سەن گىلگالغا مەندىن بۇرۇن يېتىپ بارىسەن. مەن شۇ يەردە كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن قېشىڭغا بارىمەن. سەن ئۇ يەردە مەن كەلگۈچە يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن، مەن يېتىپ بارغاندىن كېيىن، نېمە قىلىشىڭنى دەپ بېرىمەن.
[9] سائۇل سامۇئىلدىن ئايرىلىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىشىغىلا، خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى. ئالدىن دېيىلگەن ئاشۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
[10] سائۇل خىزمەتكارى بىلەن گىبئاھقا كەلگەندە، بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە يولۇقتى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە قوشۇلۇپ، ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى.
[11] ئىلگىرى سائۇلنى تونۇيدىغانلار بۇنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، بىر-بىرىگە: _ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بولغاندۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟ _ دېيىشىپ كەتتى.
[12] لېكىن شۇ يەرلىك بىر كىشى سائۇلنى ياقلاپ: _ ئەمىسە باشقىلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاتىسى پەيغەمبەرمىدى؟ _ دېدى. «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغان.
[13] سائۇل ئۇ يەردە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناشتىن توختىغاندىن كېيىن، سەجدىگاھقا چىقتى.
[14] سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىنى كۆرۈپ: _ سىلەر زادى نەگە باردىڭلار؟ _ دەپ سورىدى. _ ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىققان! _ دېدى سائۇل، _ ئېشەكلەرنى تاپالمىغاندىن كېيىن، سامۇئىلنىڭ يېنىغا باردۇق.
[15] _ ئۇ سىلەرگە نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى سائۇلنىڭ تاغىسى.
[16] _ ئۇ بىزگە ئېشەكلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى دەپ بەردى، _ دېدى سائۇل، لېكىن ئۆزىنىڭ پادىشاھ بولۇپ تەيىنلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا سامۇئىلنىڭ ئېيتقانلىرىنى تاغىسىغا دېمىدى.
[17] سامۇئىل ئىسرائىل خەلقىنى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىردى
[18] ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيدۇكى: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە سىلەرگە زۇلۇم قىلغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىم.
[19] لېكىن ئەمدى سىلەر مېنى _ ئۆزۈڭلارنى پۈتۈن بالايىئاپەت ۋە مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەر قەبىلە ۋە جەمەت تەرتىپى بويىچە، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار.»
[20] شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل ھەربىر قەبىلىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىزدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىنيامىن قەبىلىسى تاللاندى.
[21] ئاندىن سامۇئىل بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ھەربىر جەمەتنى ئالدىغا چىقاردى، ئۇلاردىن ماترى جەمەتى تاللاندى. ئاخىرىدا ماترى جەمەتىدىكىلەردىن كىشنىڭ ئوغلى سائۇل تاللاندى. لېكىن ئۇلار سائۇلنى ئىزدىگەندە ئۇنى تاپالمىدى.
[22] شۇڭا ئۇلار يەنە پەرۋەردىگاردىن: _ ئۇ ئادەم بۇ يەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ئۇ ياراغ-جابدۇقلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالدى، _ دېدى پەرۋەردىگار.
[23] بىراۋلار يۈگۈرۈپ بېرىپ سائۇلنى ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندا، ھېچكىمنىڭ بويى ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئاشمايتتى.
[24] سامۇئىل خەلققە: _ پەرۋەردىگار تاللىغان ئادەمنى ئەمدى كۆردۈڭلارمۇ؟ خەلقىمىز ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، _ دېدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى: _ ياشىسۇن پادىشاھ! _ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى.
[25] سامۇئىل خەلققە پادىشاھنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنى يازما شەكىلدە يېزىپ، مۇقەددەس جايغا قويدى. ئاندىن كېيىن خەلقنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى.
[26] سائۇلمۇ گىبئاھقا، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. قەلبى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر توپ باتۇرلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.
[27] لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر: _ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى.