Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان راماتايىم-زوفىم شەھىرىدە بىر كىشى ياشايتتى، ئۇنىڭ ئىسمى ئەلقانا بولۇپ، ئۇ يىروخامنىڭ ئوغلى ئىدى. يىروخام ئەلىھۇنىڭ ئوغلى، ئەلىھۇ تۆھۈنىڭ ئوغلى، تۆھۈ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى.

[2] ئەلقانانىڭ ھاننا ۋە پىنىننا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بولۇپ، ئىككىنچى ئايالى پىنىننادىن پەرزەنتلىرى بار ئىدى، ئەمما ھاننادىن پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.

[3] ئەلقانا ھەر يىلى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز شەھىرىدىن شىلو شەھىرىگە ئائىلىسى بىلەن بىللە باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى، خوفنى بىلەن پىنىخاس پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلاتتى.

[4] ئەلقانا قۇربانلىق قىلغان كۈنى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى پىنىنناغا ۋە ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىغا بىر ئۈلۈشتىن بۆلۈپ بېرەتتى.

[5] ھانناغا بولسا قوش ئۈلۈش بېرەتتى. چۈنكى ئەلقانا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ۋاھالەنكى پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلىپ قويغانىدى.

[6] ھاننانى پەرۋەردىگار تۇغماس قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كۈندىشى پىنىننا ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بېرىپ، خاپا قىلاتتى.

[7] بۇنداق قىلىش ئۇزۇن يىل داۋاملاشتى. ھاننا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ھەر قېتىم بارغىنىدا، پىنىننا ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ كۆز يېشى قىلاتتى، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيتتى.

[8] ئېرى ئەلقانا ئۇنىڭغا: _ ھاننا، نېمىشقا كۆز يېشى قىلىسەن؟ نېمىشقا غىزا يېمەيسەن؟ نېمىشقا شۇنچىۋالا غەمكىنسەن؟ مەن سەن ئۈچۈن ئون ئوغۇلدىنمۇ ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ _ دەيتتى.

[9] بىر كۈنى ئۇلار شىلودا غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھاننا ئورنىدىن تۇرۇپ، دۇئا قىلىشقا چىقتى. ئۇ چاغدا روھانىي ئەلى ئىبادەتگاھ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى سۇپىدا ئولتۇراتتى. ھاننانىڭ كۆڭلى قاتتىق ئازار يېگەنلىكتىن زار-زار يىغلىغان ھالدا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.

[11] ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، بەندەڭنىڭ قايغۇسىغا نەزەر سالغايسەن. مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلىغان، بېشىغا ئۆمۈرۋايەت ئۇستىرا تەگكۈزمىگەن بولاتتىم، _ دېدى.

[12] ھاننا پەرۋەردىگارغا ئۇزاق دۇئا قىلدى. ئەلى بولسا ئۇنىڭ ئاغزىغا سەپسېلىپ تۇراتتى.

[13] ھاننا ئىچىدە دۇئا قىلىپ، ئاۋازىنى چىقارمىدى. پەقەت ئۇنىڭ لەۋلىرىلا مىدىرلايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلى ئۇنى مەست ئىكەن، دەپ ئويلىدى-دە،

[14] ئۇنىڭغا: _ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابتىن ئۆزۈڭنى تارت! _ دېدى.

[15] ھاننا ئۇنىڭغا: _ ياق، ئۇنداق ئەمەس تەقسىر. مەن پەرىشان بىر ئايالمەن. ھاراق-شاراب ئىچمىدىم، پەقەت پەرۋەردىگارغا كۆڭلۈمنى تۆكتۈم.

[16] مېنى يامان ئايال دەپ قالمىسىلا، غەم-قايغۇلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنداق دۇئا قىلدىم، _ دېدى.

[17] _ ئامان-ئېسەن قايتقىن. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا تىلىگىنىڭنى بەرگەي، _ دېدى ئەلى.

[18] ھاننا جاۋابەن: _ كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقايمەن، _ دېدى. ئاندىن ئۇ قايتىپ بېرىپ، غىزا يېدى، ئىلگىرىكىدەك غەمكىن بولمىدى.

[19] ئەتىسى ئەلقانانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغاندىن كېيىن، راماھتىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتى. ئەلقانا ئايالى ھاننا بىلەن بىر ئورۇندا ياتقانىدى، پەرۋەردىگار ھاننانىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى.

[20] ھاننا ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقىت-سائىتى توشقاندا بىر ئوغۇل تۇغدى. «ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلىۋالدىم» دەپ، ئوغلىنىڭ ئېتىنى سامۇئىل قويدى.

[21] شىلو شەھىرىگە بارىدىغان ۋاقىت يەنە كەلدى. ئەلقانا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا يىللىق قۇربانلىقىنى ۋە ۋەدە قىلغان قۇربانلىقىنى سۇنغىلى ئۇ يەرگە باردى.

[22] بۇ قېتىم ھاننا بارمىدى. ئۇ ئېرىگە: _ بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ئېلىپ بارىمەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ، ئۆمۈرۋايەت شۇ يەردە قالىدۇ، _ دېدى.

[23] ئەلقانا ئۇنىڭغا: _ مەيلى، قانداق قىلىشنى ياخشى دەپ بىلسەڭ شۇنداق قىل. بالا ئەمچەكتىن چىققۇچە ئۆيدە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار قەسىمىڭنى ئادا قىلىشىڭغا مەدەت بەرگەي، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھاننا ئۆيدە قېلىپ، بالىسىنى ئېمىتتى.

[24] بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ھاننا ئۇنى شىلوغا ئېلىپ باردى ۋە ئۈچ ياشلىق بىر بۇقا، يېرىم خالتا ئۇن، بىر تۇلۇم شاراب ئالغاچ باردى. ھاننا سامۇئىلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئېلىپ كىردى. بالا تېخى كىچىك ئىدى.

[25] بۇقا سويۇلغاندىن كېيىن، ھاننا بىلەن ئەلقانا بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى.

[26] ھاننا ئەلىگە: _ تەقسىر، ھايات تۇرغانلىرى گۇۋاھ بولسۇنكى،

[27] بۇرۇن بۇ يەردە، يانلىرىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغان ھېلىقى ئايال مەن بولىمەن. مەن پەرۋەردىگاردىن بالا تىلىگەنىدىم، پەرۋەردىگار تەلىپىمنى ئىجابەت قىلىپ، بۇ بالىنى ماڭا بەردى.

[28] شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدىم. ئۇ ئۆمۈرۋايەت پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولسۇن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم — Chapters