Skip to content
Opens in a new window

[1] ئىسرائىللار مىزپاھتا قەسەم ئىچىپ: «ئارىمىزدىن ھېچكىم قىزلىرىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن» دېيىشكەنىدى.

[2] ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەچكىچە ئولتۇرۇپ، ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى.

[3] ئۇلار: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا! نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئىسرائىللاردىن بىر قەبىلە ئازىيىپ كەتتىغۇ! _ دېيىشتى.

[4] ئەتىسى خەلق سەھەر تۇرۇپ، شۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى قۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى.

[5] ئىسرائىللار: _ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن كىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولۇشقا كەلمىدى؟ _ دېيىشتى. بۇرۇن ئۇلار مىزپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلمىگەنلەر توغرىسىدا قاتتىق قەسەم ئىچىپ: «بۇ يەرگە كەلمىگەنلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمىز» دېيىشكەنىدى.

[6] ئىسرائىللار قېرىنداشلىرى بىنيامىنلار توغرىسىدا قايغۇرۇپ: _ بۈگۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىر قەبىلە ئازىيىپ كەتتى.

[7] بىز بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز دەپ قەسەم ئىچىشكەنىدۇق، ئەمدى ئۇلاردىن ھايات قالغانلىرىنىڭ خوتۇن ئېلىش ئىشىنى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دېيىشتى.

[8] ئىسرائىللار يەنە: _ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن كىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا جەم بولۇش ئۈچۈن مىزپاھقا كەلمىدى؟ _ دېيىشىپ، ئادەملەرنى ساناش ئارقىلىق گىلئادتىكى يابېش شەھىرىدىن ھېچكىمنىڭ مىزپاھتىكى يىغىلىشقا كەلمىگەنلىكىنى بىلىشتى.

[10] جەم بولغانلار ئىچىدىن 12,000 پالۋاننى تاللاپ ئۇلارغا: _ سىلەر گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىمۇ قويماي قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلاڭلار.

[11] سىلەر يەنە بارلىق ئەرلەرنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاڭلار، _ دەپ جېكىلىدى.

[12] ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېشلىقلار ئىچىدىن يۈزى ئېچىلمىغان، ئەرلەرگە يېقىن كەلمىگەن 400 قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدىكى بارگاھقا ئېلىپ كەلدى.

[13] قايتا جەم بولغان ئىسرائىللار رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىدىكى بىنيامىنلارغا خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئامانلىق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

[14] شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار قايتىپ كەلدى. ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېش شەھىرىدىن ئۆلتۈرمەي ئېلىپ كەلگەن 400 قىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، ئەمما ئۇلارغا بۇ قىزلار يېتىشمىدى.

[15] شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىنيامىنلار ئۈچۈن يەنە قايغۇرۇشتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرىنى يوق قىلغانىدى.

[16] يىغىلىشتا ئاقساقاللار: _ بىنيامىنلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتۇق، ھايات قالغان ئەرلەرگە قەيەردىن خوتۇن تېپىپ بېرىمىز؟ _ دېيىشتى.

[17] ئۇلار يەنە: _ ھايات قالغان بىنيامىنلار ئەۋلاد قالدۇرۇشى كېرەك، شۇندىلا ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسى يوقىلىپ كەتمەيدۇ.

[18] ئەمما بىز ئۇلارغا ئۆز قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بېرەلمەيمىز، چۈنكى بىز قەسەم ئىچىپ: «بىنيامىنلارغا قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا بەرگەنلەر لەنەتكە قالسۇن» دېيىشكەن.

[19] مانا، پەرۋەردىگار ئۈچۈن يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ھېيتمۇ كېلىپ قالدى. بىز بۇ ھېيتنى بەيتەلنىڭ شىمالى، بەيتەلدىن شەكەمگىچە سوزۇلغان يولنىڭ شەرقى ۋە لىبونانىڭ جەنۇبىدىكى شىلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈمىز، _ دېيىشتى.

[20] شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىنيامىنلارغا: _ سىلەر ئۈزۈملۈككە بېرىپ بۆكتۈرمىدە تۇرۇڭلار.

[21] سىلەر ساقلاپ تۇرۇپ، شىلو قىزلىرى ئۇسسۇل ئوينىغىلى كەلگەندە، ھەربىرىڭلار بىردىن تۇتۇپ، بىنيامىن زېمىنىغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ كېتىڭلار.

[22] ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرى كېلىپ بىزگە دەۋا قىلسا، بىز ئۇلارغا: «بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىلىپ بىنيامىنلارغا ئىلتىپات قىلىڭلار، چۈنكى بىز گىلئادتىكى يابېشتىكى جەڭ مەيدانىدا ئۇلارغا يەتكۈدەك قىز تاپالمىدۇق. سىلەر قىزىڭلارنى قەستەن ئۇلارغا بەرگەن ئەمەس، شۇڭا سىلەر گۇناھسىز» دەيمىز، _ دېيىشتى.

[23] شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئۆزلىرىگە يەتكۈدەك ئۇسسۇلچى قىزلارنى خوتۇنلۇققا تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. كېيىن ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۆز شەھەرلىرىنى باشقىدىن قۇرۇپ، شۇ يەرلەردە ياشاپ قالدى.

[24] شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار تارقىلىپ، ھەممىسى ئۆز قەبىلىسى، ئۆز جەمەتى ۋە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا قايتىشتى.

[25] ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەر كىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشىنى قىلاتتى.

سەردارلار — Chapters