[1] داۋۇت پادىشاھ پۈتۈن جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ خۇدا تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ھەم تەجرىبىسىز، ئەمما قىلىدىغان ئىشى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. ئىنتايىن چوڭ بىر قۇرۇلۇش، چۈنكى ئىبادەتخانا ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن سېلىنىدۇ.
[2] خۇدايىمنىڭ بۇ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يېتەرلىك ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنى تەييارلاپ قويدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن سىزىقلىق ھېقىق، فىرۇزە تاشلار، رەڭلىك تاشلار، مەرمەر ۋە ھەر خىل قىممەت باھالىق تاشلارنىمۇ تەييارلاپ قويدۇم.
[3] مەن خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندىن باشقا يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويغان ئالتۇن، كۈمۈشلىرىمنىمۇ ھەدىيە قىلماقچىمەن.
[4] مەن ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنى زىننەتلەشكە 100 توننا ئوفىر ئالتۇنى ۋە 240 توننا كۈمۈش ھەدىيە قىلىمەن.
[5] ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر ئۇنىڭدىن ئالتۇن ۋە كۈمۈش جابدۇقلارنىمۇ ياسايدۇ. قېنى، بۈگۈن يەنە كىم پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيە بېرىشنى خالايدۇ؟
[6] شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، ئىسرائىلىيەدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ يولباشچىلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۆز كۆڭۈللىرىدىن چىقىرىپ سوۋغاتلار ھەدىيە قىلدى.
[7] ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 180 توننا 84 كىلو ئالتۇن، 360 توننا كۈمۈش، 650 توننا تۇچ ۋە 3600 توننا تۆمۈر ھەدىيە قىلدى.
[8] كىمدە قىممەت باھالىق تاشلار بولسا، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇردى. ئامبارغا گېرشون ئەۋلادىدىن بولغان يىخىئېل قارايتتى.
[9] خەلق چىن دىلىدىن خۇداغا ئاتاپ ھەدىيە بەرگەن بۇ ئادەملەردىن سۆيۈندى. پادىشاھ داۋۇتمۇ خۇرسەن بولدى.
[10] داۋۇت پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى: «ئى پەرۋەردىگار _ ئەجدادىمىز ئىسرائىل ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن!
[11] ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!
[12] بايلىق ۋە شۆھرەت سەندىن كېلىدۇ، سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ھۆكۈمرانىسەن، سەن پۈتكۈل ھوقۇق ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئىگىسىدۇرسەن، ھەركىمنى يۈكسەك، كۈچلۈك قىلىش سېنىڭ ئىلىكىڭدىدۇر.
[13] ئى خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، سېنىڭ شەرەپلىك نامىڭنى ئۇلۇغلايمىز!
[14] مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ خەلقىم كىم ئىدى. بىز قانداقمۇ ساڭا ھەدىيە قىلىشقا لايىق كېلىمىز؟ چۈنكى پۈتۈن نەرسە سەندىن كېلىدۇ. بىز پەقەت سەندىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس!
[15] بىز سېنىڭ ئالدىڭدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پەقەت ئۆتكۈنچى مېھمانمىز، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز خۇددى كۆلەڭگىدەك ئىزسىز تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
[16] ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىز سېنىڭ مۇقەددەس نام-شەرىپىڭگە ئاتاپ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىغا تەييارلىغان بۇ بايلىقلارمۇ سەندىن كەلگەن، ھەممىسى ساڭا مەنسۇپتۇر.
[17] ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن، سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن. مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم، شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بايلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
[18] ئى پەرۋەردىگار _ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا! خەلقىڭنى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆزۈڭگە قىزغىن قىلغايسەن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە سادىق قىلغايسەن.
[19] ئوغلۇم سۇلايماننىڭ سېنىڭ ئەمر، قانۇن ۋە قائىدىلىرىڭگە رىئايە قىلىشى، شۇنداقلا مەن تەييارلاپ قويغان ئاشۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىبادەتخانىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىستەك ئاتا قىلغايسەن.»
[20] كېيىن داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە قاراپ: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ۋە پادىشاھقا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، تەزىم قىلدى.
[21] ئۇلار ئەتىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ۋاكالىتەن مىڭ تۇياق بۇقا، مىڭ تۇياق قوچقار، مىڭ تۇياق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۆكىدىغان ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە نۇرغۇنلىغان باشقا قۇربانلىقلارنىمۇ تەقدىم قىلدى.
[22] ئۇ كۈنى خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شاد-خۇراملىق بىلەن يەپ-ئىچىشتى. ئۇلار يەنە بىر قېتىم داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننى پادىشاھ دەپ جاكارلاشتى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا سۇلايمان ۋە زادوقنىڭ باشلىرىغا ياغ قۇيۇپ، سۇلايماننى پادىشاھ، زادوقنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.
[23] شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتقا ۋارىسلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئۇ ھەممە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى.
[24] بارلىق ئەمەلدارلار، باتۇر جەڭچىلەر ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى پادىشاھ سۇلايمانغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى.
[25] پەرۋەردىگار سۇلايماننى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا شۇ قەدەر ئىززەت-ئابرويغا ئىگە قىلدىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق بىر پادىشاھى بۇنداق شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ باقمىغانىدى.
[26] يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغانىدى.
[27] ئۇ ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
[28] داۋۇت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى، يۈكسەك باي-باياشاتلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى.
[29] داۋۇت پادىشاھنىڭ پۈتكۈل ئىش-ئىزلىرى غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.
[30] داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولغان ۋاقىتلىرىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى، ئۇنىڭ ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلىكلىرى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەتراپىدىكى پادىشاھلىقلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ شۇ تەزكىرىلەرگە كىرگۈزۈلگەنىدى.