[1] داۋۇت پادىشاھ باش سەركەردىلىرى بىلەن بىرگە لاۋىيلاردىن بولغان ئاساف، ھېمان ۋە يىدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىلىرىنى لىرا، چىلتار ۋە جاڭلارنى چېلىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى جاكارلاشقا تەيىنلىدى. بۇ نەغمىچىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىدەك ئىدى:
[2] ئاسافنىڭ زاككۇر، يۈسۈپ، نىتانيا ۋە ئاسارئېلا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى جاكارلايدىغان ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىدى.
[3] يىدۇتۇننىڭ گىداليا، زىرى، يەشايا، شىمئى، خاشابيا ۋە ماتتىتيا ئىسىملىك ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لىرا چېلىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانالار ئوقۇيتتى ۋە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى جاكارلايتتى.
[4] پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى ھېماننىڭ بۇققىيا، ماتتانيا، ئۇززىئېل، شىبۇئېل، يىرىموت، خانانيا، خانانى، ئەلىياتا، گىددالتى، رومامتى-ئەزەر، يوشبىقاشا، ماللوتى، ھوتىر ۋە ماخازىئوت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. خۇدا ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ھېمانغا شاپائەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئون تۆت ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز پەرزەنت بەرگەنىدى.
[6] بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىپ، ھەمدۇسانا ئوقۇش ۋە جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىش بىلەن شۇغۇللىنىشتى. ئاساف، يىدۇتۇن ۋە ھېمان بىۋاسىتە پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇناتتى.
[7] ئۇلارغا قېرىنداشلىرىنى قوشقاندا، جەمئىي 288 كىشى بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە، كەسپىي نەغمىچىلەر ئىدى.
[8] بۇ نەغمىچىلەر ياش-قېرى، ئۇستاز-شاگىرت دەپ ئايرىماي، چەك تارتىش ئارقىلىق ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى.
[9] بىرىنچى چەك ئاساف جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئىككىنچى چەك گىداليا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[10] ئۈچىنچى چەك زاككۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[11] تۆتىنچى چەك يىزرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[12] بەشىنچى چەك نىتانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[13] ئالتىنچى چەك بۇققىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[14] يەتتىنچى چەك يىسارئېلا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[15] سەككىزىنچى چەك يىشايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[16] توققۇزىنچى چەك ماتتانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[17] ئونىنچى چەك شىمئى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[18] ئون بىرىنچى چەك ئازارئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[19] ئون ئىككىنچى چەك خاشابيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[20] ئون ئۈچىنچى چەك شۇبائېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[21] ئون تۆتىنچى چەك ماتتىتيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[22] ئون بەشىنچى چەك يىرېموت ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[23] ئون ئالتىنچى چەك خانانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[24] ئون يەتتىنچى چەك يوشبىقاشا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[25] ئون سەككىزىنچى چەك خانانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[26] ئون توققۇزىنچى چەك ماللوتى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[27] يىگىرمىنچى چەك ئەلىياتا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[28] يىگىرمە بىرىنچى چەك ھوتىر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[29] يىگىرمە ئىككىنچى چەك گىددالتى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[30] يىگىرمە ئۈچىنچى چەك ماخازىئوت ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
[31] يىگىرمە تۆتىنچى چەك رومامتى-ئەزەر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.