[1] شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا: _ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز.
[2] بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدىمۇ، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارلىرى بولغان خۇدامۇ سىلىگە: «سەن خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باشچى بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېدى.
[3] شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دەپ، ئەھدە تۈزدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىل ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلدى.
[4] داۋۇت پادىشاھ ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېم شەھىرىگە كەلدى. ئۇ چاغدا يېرۇسالېم يىبۇس دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ خەلقى يىبۇسلار ئىدى.
[5] يىبۇسلار داۋۇتقا: _ سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، _ دېدى. (كېيىن، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.)
[6] داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: _ كىمكى بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارغا ھۇجۇم قىلسا، شۇ ئادەم لەشكەرلىرىمنىڭ بېشى ۋە سەركەردىسى بولىدۇ، _ دېدى. مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلىپ، لەشكەرلەرنىڭ بېشى بولدى.
[7] شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ قەلئە «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتالدى.
[8] داۋۇت شەھەرنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە كېڭەيتىپ قۇردى. شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب تۈزەتتى.
[9] داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى.
[10] تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بويىچە داۋۇتنى پادىشاھ قىلغانلار ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلەردۇر.
[11] داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى خاكمونىلىق ياشوبئام بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر» نىڭ بېشى ئىدى. بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.
[12] «ئۈچ باھادىر» نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋاخ ئۇرۇقىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى.
[13] فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن پاسداممىمغا يىغىلغاندا، ئۇ داۋۇت بىلەن بىرگە ئارپىلىقتا بولۇپ، ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەردىن قېچىپ كېتىدۇ.
[14] داۋۇت بىلەن ئەلئازار بولسا ھېلىقى ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىۋېتىدۇ ۋە ئېتىزلىقنىمۇ قوغداپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ.
[15] بىر قېتىم داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدا «ئوتتۇز باھادىر» دەپ ئاتالغان باھادىرلاردىن «ئۈچ باھادىر» داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارنىڭ ئەتراپىدىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا بارىدۇ. داۋۇت تاغدىكى شۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىك لەشكەرلەرنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافائىم جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ، يەنە بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر بولسا بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.
[17] داۋۇت تەشنالىق بىلەن: _ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ.
[18] ھېلىقى «ئۈچ باھادىر» فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئېلىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىماي، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكۈۋېتىدۇ، ھەمدە:
[19] _ خۇدايىم مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ، ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان «ئۈچ باھادىر» نىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك سۇنى ئىچىشتىن باش تارتىدۇ. مانا بۇ «ئۈچ باھادىر» نىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقلىرىدۇر.
[20] يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باھادىر» نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە «ئۈچ باھادىر» دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.
[21] ئۇ «ئوتتۇز باھادىر» نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر» نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.
[22] يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ كۈچلۈك لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ.
[23] ئۇ يەنە بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بولۇپ، نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. بىنايا مىسىرلىقنىڭ يېنىغا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.
[24] بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر» دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.
[25] ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باھادىر» نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر» نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.
[26] تۆۋەندىكىلەرمۇ داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ئىدى: يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل، دودونىڭ ئوغلى بەيتلەھەملىك ئەلخانان،
[27] ھارورلۇق شامموت، پېلونلۇق خەلەز،
[28] ئىققېشنىڭ ئوغلى تىقوۋالىق ئىرا، ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر،
[29] خۇشاھلىق سىببىكاي، ئاخوۋاخلىق ئىلاي،
[30] نىتوفالىق ماھراي، بائانانىڭ ئوغلى نىتوفالىق خېلەد،
[31] بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتاي، پىرئاتونلۇق بىنايا،
[32] گائاش سايلىقىدىن كەلگەن خۇراي، ئارابالىق ئابىئېل،
[33] باخۇرىملىق ئازماۋەت، شائالبىملىق ئەلياخبا،
[34] گىزونلۇق ھاشېمنىڭ ئوغۇللىرى، شاگېنىڭ ئوغلى ھارارلىق يوناتان،
[35] ساكارنىڭ ئوغلى ھارارلىق ئاخىئام، ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال،
[36] مىكېرالىق خېفەر، پېلونلۇق ئاخىيا،
[37] كارمەللىك خەزرو، ئەزبانىڭ ئوغلى نائاراي،
[38] ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل، ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبخار،
[39] ئاممونلاردىن بولغان زەلەق، بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،
[40] يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب،
[41] خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا، ئاخلاينىڭ ئوغلى زاباد،
[42] شىزانىڭ ئوغلى ھەمدە رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇز لەشكىرى،
[43] مائاكانىڭ ئوغلى خانان، مىتانلىق يوشافات،
[44] ئاشتاروتلۇق ئۇززىيا، ئاروئېرلىق خوتامنىڭ ئوغۇللىرى شاما بىلەن يىئىئېل،
[45] شىمرىنىڭ ئوغلى يىدىئائېل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزلىق يوخا،
[46] ماخاۋىلىق ئەلىئېل، ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يىرىبا بىلەن يوشاۋيا، موئابلىق يىتماھ،
[47] ئەلىئېل، ئوبېد ۋە مىزوبايالىق يائاسىئېل.