Skip to content
Opens in a new window

[1] يەھۇدانىڭ پەرەس، خەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[2] شوبالنىڭ ئوغلى رىئايادىن ياخات تۆرەلدى. ياخاتتىن ئاخۇماي ۋە لاھاد تۆرەلدى. بۇلار زورئاھلارنىڭ ئەجدادلىرىدۇر.

[3] كالىب ئايالى ئەفراتادىن خۇر ئىسىملىك تۇنجى ئوغلىنى كۆردى. خۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالغۇچىلار ئىدى. خۇرنىڭ ئېتام، پىنۇئېل ۋە ئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئېتامنىڭ يىزرىئەل، يىشما ۋە يىدباش ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى ۋە ھازلەلپونى ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. پىنۇئېل گىدور شەھىرىگە، ئەزەر بولسا خۇشاھ شەھىرىگە ئاساس سالغان ئىدى.

[5] تىقوۋا شەھىرىگە ئاساس سالغان ئاشخۇرنىڭ خەلئاھ ۋە نائارا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بار ئىدى.

[6] ئاشخۇر ئايالى نائارادىن ئاخۇززام، خېفەر، تېمىنى ۋە ھائاخاشتارى ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى.

[7] ئايالى خەلئاھتىن زەرەت، زوخار، ئەتنان

[8] ۋە قوز تۇغۇلدى. قوزنىڭ ئانۇب ۋە ھاززوبېبا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. خاققوز ھارۇمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاخارخېل جەمەتىنىڭ ئەجدادى ئىدى.

[9] يابېز [مەنىسى «ئازاب»] ئىسىملىك بىر ئادەم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئابرۇيلۇق ئىدى. ئانىسى ئۇنى: «بەك جاپا چېكىپ تۇغقانمەن» دەپ ئىسمىنى يابېز قويغانىدى.

[10] يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، مېنى بەختلىك قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن، ماڭا يار-يۆلەكتە بولۇپ، مېنى مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ ئىلتىجالىرىنى بەجا كەلتۈردى.

[11] شۇخاھنىڭ ئاكىسى كىلۇبدىن مىخىر تۆرەلدى. مىخىردىن ئەشتون تۆرەلدى.

[12] ئەشتوندىن بەيت-رافا، پاسېياخ ۋە تىخىننا تۆرەلدى. تىخىننا ئىرناخاش شەھىرىنى بىنا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رېكاھتا ياشايتتى.

[13] قېنازنىڭ ئوتنىئېل ۋە سىرايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئوتنىئېلنىڭ بولسا، خاتات ۋە مىئونوتاي ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[14] مىئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سىرايادىن يوئاب تۆرەلدى. يوئاب ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئاساس سالدى. ئۇ يەردە ياشىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەن ئىدى.

[15] يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇلار ئىرۇ، ئەلاھ ۋە نائام ئىدى. ئېلاھتىن قېناز تۆرەلدى.

[16] يىھالەلەلنىڭ زىف، زىفاھ، تىرىيا ۋە ئاسارئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[17] ئەزراھنىڭ يەتەر، مەرەد، ئېفەر ۋە يالون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. مەرەد پىرئەۋننىڭ قىزى بىتياھقا ئۆيلىنىپ ئۇنىڭدىن مەريەم ئىسىملىك بىر قىز ۋە شامماي، يىشباخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. يىشباخ ئەشتىموۋا شەھىرىگە ئاساس سالدى. مەرەد يەنە يەھۇدا قەبىلىسىدىن بىر ئايال ئالدى. بۇ ئايالدىن ئۇ ئۈچ ئوغۇل، يەنى گىدور شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى يەرەد، سوكوھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى خەبەر ۋە زانوۋاخ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى يىقۇتىئەلنى كۆردى.

[19] ھودىيا ناخامنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلەندى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گارمىلىق قىيلاھنىڭ ۋە مائاكالىق ئەشتىموۋانىڭ ئاتىسى ئىدى.

[20] شىموننىڭ ئامنون، رىنناھ، بەنخانان ۋە تىلون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يىشئىنىڭ زوخېت ۋە بەنزوخېت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[21] يەھۇدانىڭ يەنە شېلاھ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: لېكاھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئېر، مارېشا شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى لادا، بەيت-ئاشبېيا شەھىرىدە ياشايدىغان كەندىر توقۇغۇچىلارنىڭ جەمەتلىرى،

[22] يوقىم، يوئاش، ساراف ۋە كوزېبا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى. يوئاش ۋە ساراف موئاب شەھىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئاندىن لەھەم شەھىرىگە قايتىپ بارغان. بۇ مەلۇماتلار قەدىمكى يازمىلاردىن ئېلىندى.

[23] بۇ جەمەتتىكىلەر نىتائىم ۋە گىدېرا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ساپال ئۇستىلىرى بولۇپ، ئۇلار پادىشاھقا خىزمەت قىلاتتى.

[24] شىموننىڭ نىمۇئېل، يامىن، يارىب، زەراخ ۋە شائۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[25] شائۇلنىڭ ئوغلى شاللۇم، شاللۇمنىڭ ئوغلى مىبسام، مىبسامنىڭ ئوغلى مىشما ئىدى.

[26] مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئېل، خاممۇئېلنىڭ ئوغلى زاككۇر، زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمئى ئىدى.

[27] شىمئى ئون ئالتە ئوغۇل ۋە ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى. لېكىن ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى كەم بولغانلىقى ئۈچۈن، شىمون قەبىلىسى يەھۇدا قەبىلىسىدەك كۆپەيمىدى.

[28] شىموننىڭ ئەۋلادلىرى بەئەرشەبا، مولادا، خازار-شۇئال،

[29] بىلھاھ، ئەزەم، تولاد،

[30] بەيتۇئېل، خورماھ، زىقلاق،

[31] بەيت-ماركابوت، خازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارايىم شەھەرلىرىدە ياشايتتى. داۋۇت پادىشاھ بولغانغا قەدەر، مانا شۇ شەھەرلەر شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى.

[32] ئۇلار يەنە ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان دېگەن بەش شەھەردىمۇ ياشىدى.

[33] غەرب جەنۇبتىكى بائالات شەھىرىگىچە سوزۇلغان بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە يېزىلار شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇلار شۇ جايدا ياشاپ، ئۆز نەسەبنامىسىنى يېزىپ قويغانىدى.

[34] تۆۋەندىكىلەر شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى: مىشوباب، ياملېك، ئامازيانىڭ ئوغلى يوشاھ،

[35] يوئېل ۋە يېھۇ (يېھۇ يوشىبيانىڭ ئوغلى، يوشىبيا سىرايانىڭ ئوغلى، سىرايا ئاسىئېلنىڭ ئوغلىدۇر).

[36] يەنە ئەليوئېناي، يائاقوبا، يىشوخايا، ئاسايا، ئادىئېل، يىسىمىئېل، بىنايا ۋە

[37] زىزا (زىزا شىفىنىڭ ئوغلى، شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يىدايانىڭ ئوغلى، يىدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شىمايانىڭ ئوغلى ئىدى).

[38] بۇلار شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى كۆپىيىپ كەتكەچكە،

[39] مال-چارۋىلىرىغا ئوتلاق ئىزدەپ، جىلغىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان گىدور شەھىرىگىچە باردى.

[40] ئۇلار بۇ يەردىن ئوت-چۆپلىرى مول، كەڭرى، تىنچ ۋە خىلۋەت بىر جاينى تاپتى. بۇ جاي بۇرۇن ھام ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق جاي ئىدى.

[41] يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يۇقىرىدا ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھام ئەۋلادلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقان مىئۇنىم خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. شۇڭا ئۇلاردىن ھازىرغىچە بىرمۇ ئادەم يوق. ئۇ يەردە قوي-كالىلىرىغا يايلاقلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋالغانىدى.

[42] شىمون ئەۋلادلىرىدىن يەنە بەش يۈز كىشى يىشئىنىڭ پىلاتيا، نىئاريا، رىفايا ۋە ئۇززىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرىنىڭ باشچىلىقىدا سەئىر تاغلىرىغا بېرىپ،

[43] ئامالەك ئەۋلادلىرىنىڭ قالغانلىرىنى قىرىپ تاشلىدى. شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرغىچە شۇ جايلاردا ياشاپ كەلمەكتە.

تارىخلار — Chapters