[1] داۋۇتنىڭ ھىبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: تۇنجىسى يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان ئامنون، ئىككىنچىسى كارمەللىك ئابىگالدىن تۇغۇلغان دانىيال،
[2] ئۈچىنچىسى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم، تۆتىنچىسى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئادونىيا،
[3] بەشىنچىسى ئابىتالدىن تۇغۇلغان شىفاتيا، ئالتىنچىسى داۋۇتنىڭ يەنە بىر ئايالى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان يىترىئامدۇر.
[4] داۋۇت ھىبروندا يۇقىرىدىكى ئالتە پەرزەنتنى كۆردى. ئۇ ھىبروندا يەتتە يېرىم يىل، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل پادىشاھ بولدى.
[5] داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: شىمئا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان. بۇ تۆت ئوغۇل ئاممىئېلنىڭ قىزى باتشەبادىن تۇغۇلغان.
[6] ئۇلاردىن باشقا داۋۇتنىڭ يەنە توققۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار يىبخار، ئەلىشۇۋا، ئەلىفەلەت،
[7] نوگاھ، نەفەگ، يافىيا،
[8] ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفەلەتلەر ئىدى.
[9] داۋۇت بۇ ئوغۇللاردىن باشقا توقاللىرىدىنمۇ ئوغۇللارنى كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ يەنە تامار ئىسىملىك قىزىمۇ بار ئىدى.
[10] سۇلايماننىڭ ئەۋلادلىرىدىن چىققان پادىشاھلار تۆۋەندىكىلەر: رىخوبئام، ئابىيا، ئاسا، يىھوشافات،
[11] يىھورام، ئاخازيا، يوئاش،
[12] ئامازيا، ئازاريا، يوتەم،
[13] ئاخاز، خىزكىيا، ماناسسە،
[14] ئامون ۋە يوشىيا.
[15] يوشىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوخانان، ئىككىنچى ئوغلى يىھوياقىم، ئۈچىنچى ئوغلى زىدقىيا ۋە تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم.
[16] يىھوياقىمغا ۋارسلىق قىلغۇچىلار: ئوغلى يىھوياكىن ۋە يىھوياقىمنىڭ ئىنىسى زىدقىيا.
[17] بابىلغا ئەسىر ئېلىپ كېتىلگەن پادىشاھ يىھوياكىننىڭ ئەۋلادلىرى: شىئالتېل،
[18] مالكىرام، پىدايا، شەنئاززار، يىقاميا، ھوشاما ۋە نىدابىيا.
[19] پىدايانىڭ ئوغۇللىرى: زىرۇببابەل ۋە شىمئى. زىرۇببابەلنىڭ مىشۇللام، خانانيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى ۋە شىلومىت ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى.
[20] ئۇلاردىن باشقا زىرۇببابەلنىڭ يەنە خاشۇبا، ئوھەل، بەرەكيا، خاساديا ۋە يۇشاب-خەسەد ئىسىملىك بەش ئوغلى بار ئىدى.
[21] خانانيانىڭ پىلاتيا ۋە يىشايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، يىشايادىن رىفايا تۆرەلدى، رىفايادىن ئارنان، ئارناندىن ئوبادىيا، ئوبادىيادىن شىكانيا تۆرەلدى.
[22] شىكانيانىڭ ئەۋلادلىرى: ئوغلى شىمايا. شىمايانىڭ خاتتۇش، يىگال، بارىياخ، نىئاريا ۋە شافات ئىبارەت ئالتە ئوغلى بار ئىدى.
[23] نىئاريانىڭ ئەليوئېناي، خىزكىيا ۋە ئازرىقام ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
[24] ئەليوئېناينىڭ ھوداۋيا، ئەلياشىب، پىلايا، ئاققۇب، يوخانان، دىلايا ۋە ئانانى ئىسىملىك يەتتە ئوغلى بار ئىدى.