[1] داۋۇت ئۆزىگە داۋۇت شەھىرىدە ئوردىلارنى سالدۇردى. كېيىن يەنە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن ئورۇن تەييارلاپ بىر چېدىر تىكتۈردى.
[2] ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە ھەمىشە ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا دەل شۇلارنى تاللىغانىدى.
[3] داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى.
[4] ئۇ يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى:
[5] قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئۇرىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 120 كىشى،
[6] مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 220 كىشى،
[7] گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 130 كىشى،
[8] ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى شىمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 200 كىشى،
[9] ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئەلىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 80 كىشى،
[10] ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 112 كىشى.
[11] داۋۇت روھانىي زادوق بىلەن روھانىي ئەبىياتار ھەم لاۋىيلاردىن بولغان ئۇرىئېل، ئاسايا، يوئېل، شىمايا، ئەلىئېل بىلەن ئاممىنادابلارنى چاقىرتىپ،
[12] ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرىسىلەر. شۇڭا سىلەر قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن بىللە ئۆزلىرىڭلارنى پاكلاپ، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىڭلار.
[13] ئالدىنقى قېتىم سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ باقمىدىڭلار، بىزمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەھدە ساندۇقىنى قانداق كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كېلىشىمىزنى سوراپ باقمىدۇق، شۇڭا پەرۋەردىگار بىزگە غەزىپىنى ياغدۇردى.
[14] شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاكلىدى.
[15] لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن بۇيرۇقى بويىچە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداقلار بىلەن مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭدى.
[16] داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەر تەيىنلەشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ چىلتار، لىرا، جاڭ قاتارلىق سازلارنى چېلىپ، شاد-خۇراملىق ئىلكىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۈي ئېيتىشىنى تاپىلىدى.
[17] لاۋىيلار تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللىدى: يوئېلنىڭ ئوغلى ھېماننى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بەرەكيانىڭ ئوغلى ئاسافنى ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان مىرارىلاردىن قۇشايانىڭ ئوغلى ئېتاننى.
[18] ئۇلار يەنە لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكى ئادەملەرنى ئۇلارغا ياردەمچى قىلدى: زىكىرىيا، يائازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، بىنايا، مائاسېيا، ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ۋە دەرۋازىۋەنلەردىن ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېل.
[19] نەغمىچى ھېمان، ئاساف بىلەن ئېتان تۇچ جاڭلارنى چېلىشقا تەيىنلەندى.
[20] زىكىرىيا، ئازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، مائاسېيا بىنايالار يۇقىرى ئاۋازلىق چىلتار چېلىشقا تەيىنلەندى.
[21] ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ئوبېد-ئىدوم، يىئىئېل ۋە ئازازيالار تۆۋەن ئاۋازلىق چىلتار چېلىشقا تەيىنلەندى.
[22] لاۋىيلارنىڭ بېشى بولغان كىنانيانىڭ كەسپىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ناخشا ئېيتقۇچىلارغا مەسئۇل قىلىندى.
[23] بەرەكيا بىلەن ئەلقانا ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك قارىغۇچىسى بولدى.
[24] شىبانيا، يوشافات، نىتانئېل، ئاماساي، زىكىرىيا، بىنايا، ئەلىئەزەر قاتارلىق روھانىيلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چېلىشقا بەلگىلەندى. ئوبېد-ئىدوم بىلەن يىخىيامۇ ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك قارىغۇچىسى بولدى.
[25] شۇنىڭ بىلەن داۋۇت، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭباشلىرى بىلەن بىرگە ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدىن ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا ئېلىپ چىقتى.
[26] پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا خۇدا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.
[27] شۇ ۋاقىتتا داۋۇت كەندىردىن نەپىس توقۇلغان تون كىيىۋالغانىدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچى لاۋىيلار، نەغمىچىلەر ۋە ناخشا ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىنانيامۇ ئوخشاشلا كەندىردىن توقۇلغان تونلارنى كىيىشىۋالغانىدى. داۋۇت يەنە كەندىر رەختتىن تىكىلگەن ئېفود كىيىۋالغانىدى.
[28] شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقىغا ئەگىشىپ خۇشال ھالدا چۇقان سېلىشىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭ، چىلتار ۋە لىرا چېلىشتى.
[29] پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.