Skip to content
Opens in a new window

[1] رۇبېن ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى ئىدى. لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ توقىلىنىڭ بىرىگە چېقىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، بۇ ھوقۇق ئۇنىڭ ئىنىسى يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن رۇبېن نەسەبنامىدا تۇنجى ئوغۇل، دەپ خاتىرىلەنمىگەن.

[2] يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن بىر ھۆكۈمران چىققان بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولدى.

[3] ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[4] يوئېلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: يوئېلنىڭ ئوغلى شىمايا، شىمايانىڭ ئوغلى گوگ، گوگنىڭ ئوغلى شىمئى،

[5] شىمئىنىڭ ئوغلى مىكاھ، مىكاھنىڭ ئوغلى رىئايا، رىئايانىڭ ئوغلى بائال ۋە

[6] بائالنىڭ ئوغلى بەئەراھ. ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلئەسەر بەئەراھنى ئەسىر ئېلىپ كەتكەنىدى. بەئەراھ رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى ئىدى.

[7] رۇبېن قەبىلىسىنىڭ تۆۋەندىكى جەمەت باشلىقلىرىمۇ نەسەبنامىدا خاتىرىلەنگەن: يولباشچى يىئىئېل، زىكىرىيا

[8] ۋە ئازازنىڭ ئوغلى بەلا. ئازاز شەمانىڭ ئوغلى، شەما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار ئاروئېر شەھىرى ھەمدە شىمالدىكى نىبو ۋە بائال-مىئون شەھەرلىرىگىچە بولغان يەرلەردە ياشىدى.

[9] ئۇلارنىڭ گىلئاد زېمىنىدىكى مال-چارۋىلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار يەنە شەرققە كېڭىيىپ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىگىچە سوزۇلغان كەڭ دالانى ئىگىلىۋالدى.

[10] سائۇل پادىشاھنىڭ دەۋرىدە رۇبېننىڭ ئەۋلادلىرى ھاگرىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە گىلئادنىڭ شەرقىدىكى ھەممە زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالدى.

[11] گاد قەبىلىسى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ شىمالىغا يانداش بولغان باشان زېمىنىدا ياشىغانىدى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شەرقتە سالكاھ شەھىرىگىچە سوزۇلغانىدى.

[12] يوئېل باشاننىڭ يولباشچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى شافام ئىدى. ياناي ۋە شافاتلار شافامنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى.

[13] گاد قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلار تۆۋەندىكى يەتتە جەمەتكە تەۋە ئىدى: مىكائىل، مىشۇللام، شىبا، يوراي، ياكان، زىيا ۋە ئېبەر.

[14] بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابىخايىلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. ئابىخايىل خۇرىنىڭ ئوغلى، خۇرى ياروۋاخنىڭ ئوغلى، ياروۋاخ گىلئادنىڭ ئوغلى، گىلئاد مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل يىشىشاينىڭ ئوغلى، يىشىشاي ياخدونىڭ ئوغلى، ياخدو بۇزنىڭ ئوغلى ئىدى.

[15] گۇنىنىڭ ئوغلى ئابدىيېل، ئابدىيېلنىڭ ئوغلى ئاخى بولۇپ، ئۇ جەمەت باشلىقى ئىدى.

[16] گاد قەبىلىسى گىلئاد، باشان ۋە ئۇ يەردىكى يېزىلاردا ھەمدە شاروندىكى پۈتۈن تۈزلەڭلىكلەردە ياشايتتى.

[17] بۇ خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەم ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام II ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە نەسەبنامىغا كىرگۈزۈلگەنىدى.

[18] رۇبېن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ قالقان، قىلىچ ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان، جەڭگە ياراملىق 44,760 نەپەر لەشكىرى بار ئىدى.

[19] ئۇلار ھاگرى، يىتۇر، نافىش ۋە نودابلارغا ھۇجۇم قىلدى.

[20] ئۇلار جەڭدە خۇدادىن مەدەت تىلىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى، ئۇلار ھاگرىلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنگەنىدى.

[21] ئۇلار دۈشمەننىڭ چارۋىسىنى، يەنى 50 مىڭ تۆگە، 250 مىڭ قوي، ئىككى مىڭ ئېشەكىنى ئولجا ئالدى ۋە يۈز مىڭ ئادەمنى ئەسىر قىلدى.

[22] ئۇلار نۇرغۇن دۈشمەننى ئۆلتۈردى، چۈنكى بۇ جەڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانىدى. رۇبېن، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى تاكى سۈرگۈن قىلىنغانغا قەدەر شۇ يەرلەردە ياشىدى.

[23] ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى بائال-خەرمون، سىنىر يەنى خەرمون تېغىغىچە بولغان باشان زېمىنلىرىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.

[24] ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئېفەر، يىشئى، ئەلىئېل، ئازرىئېل، يەرەمىيا، ھوداۋيا ۋە ياخدىئېل. ئۇلار باھادىر جەڭچىلەر بولۇپ، ئۆز جەمەتىنىڭ مەشھۇر يولباشچىلىرى ئىدى.

[25] رۇبېن، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، خۇدا ۋەيران قىلغان ئاشۇ يۇرتتىكى خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.

[26] شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىلگات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىغا ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلىۋەتتى. ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.

تارىخلار — Chapters